شەرىئەتنى دەسمىيە قىپ، كىردى ۋە قازى. ئاخىر ئامال تاپالماستىن بەگنىڭ ئىشىغا، سادىر باردى يېقىن دوستى ماۋەن قېشىغا. ئۇنىڭ بىلەن ئۆيدە يالغۇز قىلىپ مەسلىھەت، كېيىن بايدىن سورىدى ئۇ بىر ئايلىق مۆھلەت... لېكىن سادىر رازى ئەمەس ئېدى ھەر قاچان، تىلىگى شۇ پات-ئارىدا چىقسا نودەرجان... قىز غېمىنى تولا ئويلاپ مەزلۇم ئانىسى، شۇ دەرت بىلەن ئۈدەپ كەتتى جۈرەك يارىسى. لېكىن ئانا يوشۇراتتى ئۆىزدىن دەردىنى جۈرىگىدە ئورناپ كەتكەن زۇلۇم زەردىۋى. بىراق قىزغا مەلۇم ئېدى قىلغان-ئەتكىنى، زالىم ئەڭگە شاڭيودىن كۆپ ئازار يەتكىنى. شۇڭا ئانا تۈندە جىغلاپ قىلاتتى دۇگا، خۇدايىمدىن قىز بەختىنى تىلەپ دايىما... چۈش مەزگىلى يېزىدا ھېچ كۆرۈنمەس ئادەم، ئادىتىچە شۇ چاغ سۇغا باراتتى گۈلەم. بۈگۈنمۇ ھەم بۇلاقتىن سۇ ئېلىپ قاپاققا، غەم ئىچىدە گۈلەم قويدى ئۇنى قىرغاققا. "قېيىن بۇلاق" – دەتتى بۇنى بۇرۇن-بۇرۇندىن، گۈلەم ئاڭا تونۇش ئېدى خېلە ئۇزۇندىن. چۈنكى مۇندا نودەر بىلەن باسقان ئىزى بار. قانچە قېتىم شۇ بۇلاقتا ئېيتقان سۆزى بار. شۇڭلاشقا قىز يارنى ئەسلەپ بۇلاق بېشىدا، خىيال قىلىپ تۇرۇپ قالدى قېيىن قېشىدا. يالغۇز قېيىن قىزغا ئوخشاش تۇرار مۇڭلىنىپ، بۇلاق سۈيى ئاقار ئېدى ئاستا تولغىنىپ. ئۆتتى قىزنىڭ كۆز ئالدىدىن كۆرۈشكەنلىرى، يارى بىلەن شۇ ئەتراپتا سۆيۈشكەنلىرى... قانچە ئايدىڭ كېچىلەر ھەم چۈشتى يادىغا، سۆيگەن يارى غەملىك چىراي كەلدى ئالدىغا... قىز سىلكىنىپ ئەتراپىغا قارىدى تەكشى، پەقەت قېيىن لىڭشىپ تۇرار قىزغا بوپ ساقچى. شۇ قېيىننىڭ شېخىدىن بىر سېرىق يوپۇرماق – چۈشتى ئۇچۇپ قىز ئالدىغا قويغاندەك سوراق. قىز تىكلىنىپ يوپۇرماققا قولىنى سوزدى، ئالقىنىغا ئېلىپ كۆرۈپ، كۆڭلىنى بۇزدى. "ئېھ، يوپۇرماق! تۈنۈگۈنلا يېشىل تۇراتتىڭ، نودەر بىلەن ئىككىمىزگە كۈلۈپ قاراتتىڭ. بۈگۈن مانا ئايرىلىپسەن يېشىل بەرگىڭدىن، ماڭا ئوخشاش جۇدا بولۇپ سۆيگەن يارىڭدىن. مېنىڭمۇ ھەم خۇددى سەندەك سارغايدى ئۈزۈم، كېچە-كۈندۈز يار يولىغا ئىنتىزار كۆزۈم. چۈنكى نودەر بەش كۈن بولدى ياتار سولاقتا، ئاتا-ئانام نەپرەت ئوقار ئەڭگە چولاققا!.. بەگ سولىدى نودەرجاننى قىساس ئۆچ بىلەن ئەندى مېنى ئالماقچى ئۇ زورلۇق كۈچ بىلەن. ھايات بولسام بارماسمەن ئۇ بەگنىڭ ئۆيىگە، رازىمەنكى نودەر ئۈچۈن ھەر دەم ئۆلۈمگە!" – دەپ گۈلіمخان سۈيىنى ئېپ ئۆيىگە ماڭدى، يالغۇز قېيىن ئاستا لىڭشىپ مۇڭلىنىپ قالدى. ٭٭٭ يەتتىنچى باپ ساداقەتلىك بىر ياش جىگىت ئاچا مالخاي كىيىپ بېشىغا، جۈرۈپ كەتتى ئات سالدۇرۇپ توقاي قېشىغا. ئۈزى قىزىل، كۆكرىگى كەڭ، ئېغىر سالمىغى، چوڭقۇر بېسىپ كىيلگەندى ئۇنىڭ قالپىغى. قىرغىز ئۆرۈم قامچىسىنى قولىدا شىلتىپ، كېلەتتى ئۇ داغدام يولدا تىزگىننى سىلكىپ. ياخشى ئاتنى "ئەر قانىتى" دەيدۇ بوۋايلار، بۇ ئات بىلەن ئاشتى جىگىت قانچە داۋانلار... ئۇنى كۈتەر توقايلىقتا كۆڭلى سۇنۇق قىز، جىگىتمۇ ھەم لاچىن كەبى شۇڭغۇپ كەلدى تېز. جىگىت چۈشۈپ مەجنۇنتالغا ئاتنى باغلىدى، (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |