ئۇنى كۆرۈپ مىسكىن گۈلەم ئۆكسۈپ جىغلىدى. "جېنىم سىڭلىم، جىغلىماڭ سىز، بۇزماڭ كۆڭۈلنى، ھېچ ۋاقىتتا قوشمايمىز ئۇ تىكەڭە گۈلنى. سىزنى يوقلاپ كەلگەن ئېدىم يېزىغا سەھەر، ئەزىز دوستۇم نودەرجاندىن ئېلىپ خۇش خەۋەر". ئۇلۇق-كىچىك ئۆكسۈپ كېتىپ، توختىدى گۈلەم، لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم، كۆزلىرىدە نەم. قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن سۆزلىدى سايرام. قىزنىڭ قەلبى يار ئىشقىدا ياساتتى قاينام. "جىغا بىلەن ھاسىل بولماس دىلدىكى مەخسەت. ئۆلۈمنىمۇ يېڭەر، سىڭلىم، دوستلۇق مۇھەببەت. ئۈچ كۈن بوپتۇ ماۋەن كىرىپ يوقلاپ چىقىپتۇ، ئوزا كۈن كەچ ئالېكسېيگە كېلىپ ئېيتىپتۇ. ئازراق پارە بېرىپتىكەن زالىم يايىغا، كۆرسىتىپتۇ ئىككىسىنى كەچتە ئۇنىڭغا. "ئانچە ئېغىر ئەمەس" دەپتۇ ماۋەن سۆزىدە. كۆرگەچكە ئۇ نودەرلەرنى ئۆز كۆزىدە. بۈگۈن يەنە "سوغا" قىلىپ قېرى شەڭەڭە، پولات خەنجەر ئالدۇق، سىڭلىم، ئەندى قوللارغا. كۈرەش قىلىپ دەككە بېرىش كېرەك شۇملارغا! جىغا بىلەن ئايرىلىدۇ ئادەم ئۆمرىدىن، بەلكى نودەر ئەتە بوشاپ چىقار تۈرمىدىن..." ئوت چاقنىدى سايرامباينىڭ ئۆتكۈر كۆزىدىن، لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى قاندى قىزنىڭ سۆزىدىن... "سايرام، ئاغا، رەخمەت سىزگە، غەم قىلماڭ مەندىن تىز پۈكمەسمەن زومىگەرگە چىقماي جان تەندىن پەقەئى نودەر كىچىگىمدىن سۆيگىنىم – يارىم ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياڭرار مېنىڭ چەكسىز مۇڭ-زارىم. ئەگەر نودەر ساق سالامەت چىقسا سولاقتىن" – قىز مۇڭلىنىپ قاراپ قالدى ئېگىلگەن تالغا، جىگىت بولسا خىيال بىلەن كەتكەندى چالغا... سەككىزىنچى باپ |