يالغۇز ئاتنىڭمۇ بەزىدە چېڭى چىقىدۇ، چىققاندىمۇ راۋرۇس چىقىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

يالغۇز ئاتنىڭمۇ بەزىدە چېڭى چىقىدۇ، چىققاندىمۇ راۋرۇس چىقىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى ]


ئۇيغۇرلاردا «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەن ھېكمەت بار ئىدى، مېنىڭچە بۇ سۆز ستېۋ.جوبسقا ئانچە ماس كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. بەزىدە دۇنيادىكى چوڭ ئىشلارمۇ ۋاقتىدا كەلگەندە يەنىلا بىر ئادەمنىڭ قارارى، تەدبىرى بىلەن باشقىچە بولۇپ كېتىدۇ. ستېۋ.جوبس ھەقىقەتەنمۇ دەل مۇشۇنداق ئادەم.

قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، شىركەت قۇرغۇچىسى ستېۋ.جوبس ئەپەندىم 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1976-يىلى يەنى 21 ياشلىق جوبس بىلەن 26 ياشلىق ۋوزىناك بىلەن بىرلىشىپ ئالما كومپيۇتېر شىركىتىنى قۇرغان. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، مەيكىنتاش كومپيۇتېرى، iPod ،iTunes Store ،iPhone ،iPad قاتارلىق دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مەھسۇلاتلارغا يېتەكچىلىك قىلغان. 1985-يىلى پىرېزدېنت رېگان بەرگەن دۆلەت تېخنىكا ئوردېنىغا ئېرىشكەن؛ 1997-يىلى «دەۋر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان؛ 2009-يىلى بايلىق ژۇرنىلى تەرىپىدىن 10 يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدىكى ئەڭ ياخشى CEO (باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى) دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن CEO خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن، 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 56 يېشىدا ۋاپات بولغان.

گەرچە مېنىڭ تېلېفونۇم SAMSUNG Galaxy-i9100 بولسىمۇ، ئەمما، مەن ئىشلەتكەن تۇنجى كومپيۇتېر دەل (ئالما شىركىتىنىڭ) Apple-2 بولۇپ، مېنىڭ كومپيۇتېر ھاياتىم 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى باشلانغان ئىدى. ئالما شىركىتىگە، ستېۋ.جوبسقا رەھمەت !

ئالما شىركىتى ستېۋ.جوبس ئەپەندىگە مۇنداق باھا بەرگەن

ئالما شىركىتى يىراقنى كۆرەر ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا باي تالانت ئىگىسىدىن ئايرىلدى، دۇنيا چۈشىنىپ بولالمايدىغان بىر ئىنساندىن ئايرىلدى. تەلىيىگە يارىشا ئۇنى يېتەرلىك چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغانلار ئۆزىنىڭ قەدىرلىك دوستى ۋە كىشىگە ئىلھام بېغىشلايدىغان ئۇستازىدىن ئايرىلدى. ستېۋ پەقەت ئۇ ئۆزىلا قۇرالايدىغان شىركەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ روھى ئالما شىركىتىنىڭ مەڭگۈ ئۇلتېشى بولغۇسى.

بىل گېيتس ستېۋ.جوبسقا مۇنداق باھا بەردى:

مەن ستېۋ.جوبسنىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئازابلاندىم، (ئايالىم) مېلىندا بىلەن مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە، دوستلىرىغا ۋە خىزمەت ئارقىلىق ستېۋ.جوبس بىلەن تونۇشقانلارغا سەمىمىي تەسەللىي ئېيتىمىز.
تەخمىنەن 30 يىل ئىلگىرى مەن ۋە ستېۋ تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ئىدۇق، شۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىمىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپ ۋاقىتلىرىدا، ئۆز-ئارا كەسپداش، رىقابەتچى ۋە دوست بولۇپ ياشاپتۇق. دۇنيادا، ستېۋ.جوبستتەك تەسىرگە ئىگە يەنە بىر ئادەمنىڭ تېپىلىشى تەس، ئۇنىڭ تەسىرى يەنە نەچچە ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.
بىزگە ئوخشاش ئۇنىڭ بىلەن بىر دەۋردە خىزمەت قىلغان تەلەيلىكلەر ئۆزىمىزنى ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلماقتىمىز، مەن ستېۋ.جوبسنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
25 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • داۋاملىق تىرشىڭ دوستۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:51
  • سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە پات-پات چىقىپ تۇرىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:47
  • مۇئەللىم، بىر گەپ قىلاي، ستېۋغا ھۆرمىتىم بار. ئەمما ئۇنىڭدىن ئونى چىقسىمۇ مېنىڭ نەزىرىمدىكى بىر bill gates نىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ستېۋ مېنىڭچە ناھايىتى ئۇستا مال ساتقۇچى ۋە باشلىق. ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى مال ساتقۇچى ھەرگىزمۇ تار مەنىدىكى ھېلىقى مال ساتقۇچى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ ستېۋ بىزگە پەقەت قەتئىي بوشاشماسلىق روھىنىلا قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئەلنىڭ سودا-سانائەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە تەرەققىيات ئەمەس بەلكى مېھىر-مۇھەببەت. بىز ستېۋدىن كەسىپكە بولغان قىزغىنلىقنى كۆردۇق. bill gates بولسا شەخسەن ۋە فوند ئارقىلىق خەيرخاھلىق ئىشلىرىغا 58 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلدى. مەن بۇنداق چوڭ ساننى ئاڭلاپ باقمىغان. گەرچە بۇ پۇلنىڭ قانچىلىكىنىڭ نەق جايىغا بارىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىسەممۇ، بۇ كىشىنىڭ بۇ روھى ھەرقانداق بىر ئۇلۇغ شەخسنى ئەيمەندۈرۈشى كېرەك. ستېۋمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:23
  • سىتەۋى جوبىس نى قانداقمۇ يالغۇز ئات دىگىلى بولسۇن ، شىركەت باشلىقى بولغان ئادەم قول ئاستىدىكى ئادەملىرىنى يىتەكلەپ ئاندىن بۇ ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىقىدۇ ..

    ئەپەندىمدىن خاتالىق ئىزدىمەكچى ئەمەس ئىدىم ، ئەمما ئاتا -بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان ھىكمەتلىك سۆزنى ئاقلاش بەدىلىگە ئەپەندىمگە بۇ خاتالىقنى قالدۇردۇم .

    يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس ، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس بۇ مۆھۈر باسقاندەك ھەقىقەت سۆزى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 13:41
    • قارىغاندا يازمىنى تەپسىلىي ھەزىم قىلىپ كۆرمەپسىزدە؟ ستېۋى.جوبس ۋە ئالما شىركىتىنىڭ تارىخىدىن خەۋەردار ئەمەستەك تۇرىسىز.

      بۇ يەردە ھېچكىم ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ھېكمەتنى خاتا دېگىنى يوق، ئەكسىچە مۇشۇنداق بىر ھېكمەتنىڭ بارلىقىنى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇش. يەنە بىرسى بۇ ئۇيغۇرچە ھېكمەتنىڭ ئۇيغۇر بولمىغان باشقا بىر چەتئەللىك ئۈچۈن تازا مۇۋاپىق كەلمەمدۇ-نېمە دېيىش ئارقىلىق ستېۋى.جوبسنىڭ تالانتىنى ۋە تىرىشچانلىقىنى بەكرەك ئەسلەپ قويۇش خالاس. ئۇنىڭ تارىخىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇ قايسى شىركەتكە بارسا شۇ يەر گۈللىنىپ كېتىدىغان، ئايرىلغاندا بولسا، شۇ يەر ۋەيران بولىدىغان شەخسمىش. شۇڭا، مەن پەقەت ئۇنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنى تىلغا ئالدىم، ئادەتتە قابىل يېتەكچى ۋە ئىلغار ئىدىيە، مەبلەغ ۋە ياخشى ئىشچى بولغاندا، ھەر قانداق كارخانىنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ بىر ئادەمدە بولۇشى بەك تەس، ئەمما ئۇنى بىرلەشتۈرىدىغان كۈچ، ئىدىيە بەكمۇ مۇھىم. بېشى يوق ئاتنىڭ چاپقىنى كۆرگەنمۇ؟ بېشى يوق يىلاننىڭ قانداق ماڭىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالامسىز؟ دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر ۋەقەلەرمۇ، داڭلىق كەشپىياتلارمۇ بىر ئادەمنىڭ پىكىرى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان. بىر ئادەمنىڭ كۈچى ھەقىقەتەنمۇ بەزىدە بەك زور، لېكىن بەزىدە بىز بىر شەخسنىڭ كۈچىگە سەل قارايمىز، ئۆزىمىزگە ئىشەنمەيمىز. ئادەم ئۆزىگە ئىشەنمىگەندە، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ھېكمەتلىك سۆزلىرىمىز بولسىمۇ، قانداقمۇ باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش، ھەمكارلىشىش مۇمكىن بولسۇن؟ بىز ھەر قانداق ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئويلانساق بولىدۇ، بۇ مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن يېزىلغان تېما، كەچۈرۈڭ.

      ئەمەلىيەتتە چەتئەلدىكى كومپيۇتېر كارخانىلىرى ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ھېكمەتتىن پايدىلىنىۋاتامدىكىن دەيمەن؟ چۈنكى ئۇلار ئادەم بىلەن ئادەم ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش دەرىجىسىدىن، شىركەت ۋە شىركەت ئارا بىرلىشىشكە قەدەم باسقىلى خېلە ئۇزۇن بولدى. چەتئەلدە يالغۇز شىركەت قۇرۇپ داڭق چىقارغانلار يوق دېيەرلىك. ئەمما، ئارىمىزدا مۇشۇنداق ھېكمەت بار ئىدى دەپ قويۇپ ئەمەل قىلمايدىغانلار كۆپمىكەن دەيمەن، چۈنكى بىلىمگە ئائىت ماقال-تەمسىل بىزدە شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، 5000 يۈەنلىك iPhone سېتىۋېلىشقا رازىكى، يىلدا بىرەر قېتىم كىتاب-ماتېرىيال سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمايدىغانلار، كىتاب ئوقۇمايدىغانلار، باشقىلارنىڭ بىلىم مۆلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلار، تىرىشمايدىغانلار يەنىلا كۆپمىكىن دەيمەن.

      ئەمەلىيەتتە باشقا مىللەتنىڭ بارلىق ھېكمەت سۆزلىرى بىزگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، بىزنىڭمۇ باشقىلارغا ھەم شۇنداق. بەزى ھېكمەتلەر پەقەت شۇ مىللەت ئەقىل-پاراسىتى ۋە مىجەز خۇلقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بەك ئارتۇق ئويلاپ كەتمەيلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 15:32
    • ستېۋى.جوبس IT دا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق،پەقەت ئويلاپ تاپالمايدىغانلا ئىش بار دىگەننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇ ھەقىقەتەن چېڭىمۇ چىققان،دېڭىمۇ چىققان يالغۇز ئات . بۇيازمىنىڭ مەخسىدى چاڭ،داڭ ئەمەس ستېۋى.جوبس.بالدۇر كىتىپ قالدى بۇ تالانت ئىگىسى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 22:32
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز مەنمۇ باشقا ئوقۇرمەنلەردەك سىز يازغان ئەسەرلەرلەرنى كۆپ ئوقۇيمەن ، سىزگە دائىر ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ قىزىقىپ كۆرىمەن ، سىز تۆنۈگۈن ، بۈگۈن ۋە ئەتە ئۈچۈن ئۆلمەس ئۇل سالدىڭىز ، خەلق ، ئەۋلادلار سىزدىن ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد پەخىرلەنگۈسى !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى am 11:16
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئەزىز سالامەت ، ئامان-ئېسەن تۇرۇۋاتامسىز ؟
    مەن ئەلكۈيى مىكرو بىلوگىدىكى مىكرو بىلوگىڭىزنى كۆرىۋېتىپ سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم ، نىمىشقا بۇرۇنراق كۆرمىگەندىمەن دەپ پۇشمانمۇ قىلدىم .
    دائىم زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 13:29
  • ستېۋ.جوبس خۇددى ئۈزى دىگەندەك دۇنيانى ئۆزگەرتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى am 02:33
  • مەن بىر كومپييۇتىر ھەۋەسكارى .سىزگە شاگىرت بولۇشنى خالايتتىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 17:04
  • سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە پات-پات چىقىپ تۇرىمەن ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:42
    • نېمە دېگەن ياخشى-ھە!، كونا ساۋاقداشلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا، تويبولدىدىكى ئىمىن ھىمىت ما؟ ئالاقىلىشىپ تۇرايلى

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:37
  • سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە پات-پات چىقىپ تۇرىمەن. سىزدىن پەخىرلىنىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:40
  • ئالدىنقى كۈنلەردە ئالما شىركىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ كەلگەن باش ئىجرائىيە رەئىسى ستېۋ جوبس (Steve Jobs) ھايات ۋاقتىدا دۇنيانى قانداق زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بولسا، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك زىلزىلە قوزغاپ بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.
    خۇددى ستېۋ جوبس (Steve Jobs) ھايات ۋاقتىدا، مەزكۇر نوتۇقىدا «ھىچكىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈسى يوق، ھەتتاكى جەننەتنى خىيال قىلغان كىشىلەرمۇ ئۇ يەرگە ئۆلۈپ كىرگۈسى يوق. بىراق ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بارار جايى، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس. چۈنكى ئۆلۈم ھاياتلىق ياراتقان ئەڭ ياخشى كەشپىيات. قېرىلارنى ئۇزىتىپ قۇيۇپ، يېڭىلارنى كۈتىۋالىدۇ. ھازىر سىلەر تېخى ياش، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي يىللار سىلەرنىمۇ قېرىتىپ، ئۇزىتىپ قويىدۇ. كەچۈرۈڭلار، دىراممىلاردىكى سەھنە سۆزىدەك سۆزلەپ قويدۇم، بىراق بۇ ئەمىلىيەت.» دېگىنىدەك، كۈنلەرنىڭ بېرىدە بىزمۇ ئۆلۈپ كېتىمىز، ئەمما بىز ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئاللاھ ئاتا قىلغان بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمىزنى زادى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ھاياتىمىزنى قانداق قەدىرلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەر بىرىمىز ئۈچۈن قويۇلغان ھايات سورىقىدۇر. شۇڭا تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سونىدىغىنىمىز، ستېۋ جوبس (Steve Jobs) ھايات ۋاقتىدا ياشلارغا قالدۇرغان بۇ بېر قېتىملىق نوتۇقىنىڭ تولۇق نۇسخىسىدىن ئىبارەت. ئېسىڭىزدە بولسۇن، خۇددى ستېۋ جوبس (Steve Jobs) ھايات ۋاقتىدا ئېيتقىنىدەك: «ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا پەقەت ھەقىقى نەرسىلا ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ قالايدۇ. تاشقى دۇنيادىن كۈتكەن تەلەپ، نام ئاتاق، ئوڭايسىزلىنىشتىن ياكى مەغلۇپ بۇلۇشتىن قورقۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولىدۇ. دائىم ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇش بىرەر نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەشتىن خالى بۇلۇشنىڭ مەن بىلىدىغان ياخشى چارىسى. بىز بۇ دۇنياغا يالغۇز كەلگەن، ھەم ھىچنىمېنى بىرگە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىغا قۇلاق سالماسلىققا ھېچقانداق سەۋەبىڭىز يوق.»

    ئەگەر ستېۋ جوبسنىڭ ھاياتى ھەققىدە قىسىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، ئىلقۇت بلوگىدىن: «Steve Jobs نىڭ 2005-يىللىق سىتەنفورد ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نوتۇقى» غا كۆز يۈگۈرتىپ قويۇڭ: http://blog.ilqut.com/index.php/archives/2953.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى am 08:35
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم. ستېۋىن جوبس ھەقىقەتەن بىر تالانت ئىگىسى ئىدى. ئۇنى ھەقىقىي بىر يېڭىلىق ياراتقۇچى ۋە ئالدىن كۆرەر شەخس دېيىشكە بۇلاتتى. ئۇنىڭ بىز ئۆگىنىدىغان تەرىپى ناھايىتى كۆپ.
    ھۆرمەتلىك مۇئەللىم ئاللاھ سىزنى ۋە سىزگە ئوخشاش مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىرىنى ئامان قىلسۇن ! ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ
    ھەممىمىزنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:38
  • ستىۋى.جوبس ئەپەندى ھەقىقەتەنمۇ تالانت ئگىسى،شۇنداقلا ITساھەسىدىكى گىگانىت ئاەەم بولۇشقا مۇناسىپ.ئۇ ئالما شركىتىنى ئەينى ۋاقىتتا گۆر ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرۋالغان.شۇندن كىيىن شىركەت ئۇنىڭ باشچىلقىدا داۋاملىق تەرەققى قىلىپ ماڭغان، ئامرىكىنىڭ بۈگۈنكىدەك ئىقدىسادى كىرزىستە ئۇلار توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەپ ئۆزىنىڭ ئەمەلى كۈچىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇلار كەينى – كەينىدىن سونىي،سامسۇڭ،نوكىيا قاتارلىق ئېلىكتورۇن شىركەتلىرنىڭ مونوپوللىقىغا خاتىمە بىرىپ،ئۆزىنىڭ يىڭى دەۋرىنى ياراتتى ….ئالمىنىڭ بۇ جەريانى بىزگە بىر ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ. يىڭىلىق يارتىشقا باي ، ئالدىن كۆرۈشكە ماھىر بۇ تالانىت ئېگىسىنىڭ بىزدىن مەڭڭۈلىك ئايرىلشى ھەقىقەتەنمۇ زور بىر يوقىتىش بولدى،بۇ يوقىتىش پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇندىن كىيىن ئالما شىركىتىنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟ دىگەن بۇ سۇئال ھەممە كىشىنىڭ دىققەت -ئىتبارىنى قۇزغىدى…بۇ مەسىلىگە قارتا ئالمىنىڭ ھازىرقى مەسئۇلى كوك ئەپەندى جاۋابەن:ھازىر ئالما شىركىتىدىكى ھەممە ئىش بۇرۇنكىدەك ،دەپ جاۋاپ بەردى. جوبسدىن ئايرىلغان ئالمىنىڭ كەلگۈسىمۇ پات ئاردا ئايدىڭ بولدۇ.
    بىر كومپىيۇتېر كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سۈپىتىم بىلەم جوبس نىڭ ئۆلمىدىن قاتتىق قايغۇردۇم.ئۇنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:38
    • توۋا قىلدىم خۇدايىم!!!
      سىزنىڭغۇ ئۇ كىشىنى بىلىمى سەۋەبلىك ھۆرمەتلىگىنىڭىز ياخشى، لىكىن ئۇ كىشىگە جەننەت تىلىگىنىڭىز بەكلام ئىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ گەپنى ھەر ھالدا ئويلىنىپ، شۇ ئادەمنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىگە قاراپ سۆز قىلىلى….. جەننەت دىگەننى ھەممە ئادەمگە تىلەۋەگىلى بولمايدۇ. باشقىلارغا تىلەۋىرىپ، ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ يەنە….

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 23:40
    • بۇ كىشى بۇددىست. يەنى مۇشرىك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:14
    • ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلغان ھەرقانداق بىر ئادەم مەيلى قايسى دىندا بولسۇن ، قايسى تۈردىكى ئادەم بولسۇن ئۇ چۇققۇم جەننەتكە كىرىشكە مۇناسىپ دەپ قارايمەن .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 00:11
      • توۋااااااااااااا، ھەر قىسما ئادەملەر بولىدىكەن جاھاندا، ئالدى بىلەن ئىمان بولسا، ئاندى ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، جەننەتكە لايىق بولىدۇ. مۇشرىكقا جەننەت تىلەپ، ھەرقانچا ياخشىلىق قىلسىمۇ، ئۇ ياسىغان نەرسىلەرنىڭ قانچىسى ياخشى ئىشقا ئىشلىتىلدى، قانچىسى يامان ئىشقا، ھېساپلاپ بىقىپ گەپ قىلىڭ؟؟؟!!!!!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:53
  • مەن مۇشۇنداق خاتالىقىمنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە توغرىسى مۇنداق ئىدى دەيدىغان، مېنى يېتەكلەيدىغان كىشىنى ئاجايىپ ھۆرمەت قىلىمەن. ئىنتايىن توغرا، كېيىنكى جۈملە بۇ يەردە تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا، ئەسلىدىكى « يالغۇز ئاتنىڭمۇ بەزىدە چېڭى چىقىدۇ ، چىقسىمۇ راۋرۇس چىقىدۇ» دېگەن باش تېمىنى « يالغۇز ئاتنىڭمۇ بەزىدە چېڭى چىقىدۇ ، چىققاندىمۇ راۋرۇس چىقىدۇ» دېگەنگە ئۆزگەرتىپ قويدۇم. رەھمەت سىزگە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:58
  • ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت ئاكا ، سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئۇزۇندىن بېرى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن . سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ئادەمگە بىر خىل ھوزۇر بېغىشلايدۇ . ئەڭ مۇھىمى سىز بىز ئۇيغۇرلارنى ئۇچۇر دەۋرىگە باشلاپ كىرىشتە ، ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپىيوتىرغا تۇنۇپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا باشلامچىلىق رول ئوينىغان ئەڭ مۇھىم سەركىلىرىمىزنىڭ بىرى . شۇ ۋەجىدىن تور يۈزىدە بولسىمۇ سىزگە يۈكسەك ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن . نۆۋەتتە سىز بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم شەخسىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىڭىزنىڭ بىلەن ،تىنىڭىزنىڭ ساغلام بولۇشىنى ۋە تۇرمۇشىڭىزنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى شۇنداقلا زېھنى كۈچىڭىزنىڭ ھەرۋاقىت ئۇرغۇپ تۇرشىنى تىلەيمەن .

    يەنە بىر گەپ ئالىم ئەھەت ئاكا، مەركۇز تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى ‹‹ يالغۇز ئاتنىڭمۇ بەزىدە چېڭى چىقىدۇ ، چىققاندىمۇ راۋرۇس چىقىدۇ ›› دەپ ئالغان بولسىڭىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىراماتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە بەكرەك چۈشەمدىكىن دەپ ئويلايمەن . ياكى سىز شۇنداق ئېلىشىنى توغرا دەپ قارامسىز ؟!

    بىر ئۇيغۇر ياشتىن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 12:41
باھا بېتى: 1 2