سىز ئالىمكامغۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

سىز ئالىمكامغۇ؟

[ تاغدىن-باغدىن ]

بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىشلىرىم تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ماشىنامنىڭ بۇ يىللىق سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇردۇم، مۇلازىمەت ئورنىغا ئاپىرىپ چاقلىرىنى يازلىق چاققا ئالماشتۇردۇم، موتۇرنىڭ ئاپتۇلىنى يازلىق ئاپتۇلغا ئالماشتۇردۇم، چوڭ بازاردىكى قۇرۇلۇش بانكىسىغا بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى، مەن ماشىنا توختىتىش ئۈچۈن چوڭ بازاردىكى كەررىفور تاللا بازىرى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەلدىم، ئىشىك تۈۋىدە بىرسى ئىشارەت قىلدى، ئۇلار قائىدە بويىچە ماشىنىنى تەكشۈرۈپ كىرگۈزىدىكەن. مېنى كۆرۈپلا «ھە، سىزمۇ؟»-دەپ بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، «بولدى، ماڭسىڭىز بولىدۇ»-دەپ كىرگۈزۈۋەتتى.

ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا، ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى چوڭ ئۆيىگە ماڭدۇق. ئاز قالغاندا، مەكتەپ ئارقا دەرۋازىسىدىكى پۈتۈشكە ئاز قالغان رۈيدا (瑞达) بىناسىدىن ئۆي ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىش ئۈچۈن كىردىم. بىر بالا ئالدىمغا كېلىپ، «ۋوي ئالىمكامغۇ سىز؟ بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇڭ، سىزنى مەن تېلېۋىزوردا كۆرگەن»-دەپ ئۇرۇندۇققا مەرھەمەت قىلدى.

چوڭ ئۆيدىن يېنىپ، يەنئەن يولى كىتابخانا بىناسىدىكى ئىشخانامغا كىرىپ ئازىراق ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ ماڭدۇق. ساي يولى رېمۇنت قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى، ئالدىمىزدىكى ئاچال يول ئېغىزىغا كەلگەندە، دوقمۇشتىكى ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار ماشىنامنى توستى، ئاندىن خەنزۇچە «پىراۋىڭىز بىلەن كىملىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ»-دېدى. پىراۋامنى ۋە كىملىكنى كۆرۈپلا، ئۇيغۇرچە «ئوخخو، ئالىمكام ئىكەنسىزغۇ؟»-دېدى، ماشىنامنى بىرەر قۇر تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن «ماڭسىڭىز بولىدۇ»-دېدى. مەن: «ھاراق ئىچكەن شوپۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈۋېتىپسىلەر-دە؟ مەنغۇ ئۇنداق زىيانلىق نەرسىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن»-دەپلا ئاستا كېتىپ قالدىم. يېنىمدا ئولتۇرغان قىزىم، ماڭا قاراپ: «دادا، سېنىڭ دوستۇڭ بەك كۆپ ئىكەن-ھە؟ ئۆتكەندىمۇ بېيجىڭغا مېڭىشتىن بۇرۇن ياڭاق مېغىزى ئالغاندا، ھېلىقى ئاكاش ماڭا بىر سىقىم مېغىزنى بېكارغا بەرگەن ئىدى، ھەممىسى سېنىڭ دوستۇڭما؟» دەپ سورىدى. مەن: «شۇنداق، ئۇلار مېنىڭ دوستۇم، بىز ھەممىمىز ئەسلىدە دوست ئىدۇق، لېكىن، بىز باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى چۈشەنسەك ئەڭ توغرا بولاتتى، مەنمۇ بىر سىقىم مېغىزغۇ دېمەي، ئۇ باققال ئاكاشقا ئاز بولسىمۇ پۇل بەرگەن بولسام، ياخشى بولار ئىدى»-دېدىم.

لېكىن، باشقىلار تۇنۇۋالسىمۇ ياخشى ئەمەس جايلىرىمۇ بار ئىكەن. قۇرۇلۇش بانكا كارتام ماگنىتىسىزلىنىپ ئىشلەتكىلى بولمىغاچقا، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كارتامنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بانكىغا بارسام، بىر ئۇيغۇر قىزى بار ئىكەن، مەن بارلىق جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ بەردىم، مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ بەردىم، قالدۇق سوممىنىمۇ توغرا ئېيتىپ بەردىم، ھەر ئايدا مۇئاش كىرگەندە، تېلېفونۇمغا كېلىدىغان ئۇچۇرنىمۇ كۆرسەتتىم، ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم قاچان ئىشلەتكەنلىكىمنىمۇ دەپ بەردىم. ئەمما، ئۇ قىز «ئەينى ۋاقىتتا بېجىرگەندە، كىملىك نومۇرى خاتا ئىكەن، ئالماشتۇرۇپ بېرەلمەيمەن»-دېدى. مەن: «ئۇنداقتا، بايا ئۇنى-بۇنى سورىماي نەق گەپنى دېسىڭىز بولمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يەنە گۇمانلىنىسىلەر؟ بۇ مېنىڭ كارتام تۇرسا، ھەر ئايدا مۇئاشىم مۇشۇ كارتىغا كىرىدۇ، تېلېفوندىمۇ ھەر ئايدا كېلىدىغان ئۇچۇرمۇ بار»-دېدىم، لېكىن، ئۇ قىز: «سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز، كومپيۇتېردا بىر نومۇر خاتا بولسا، كېيىنكى مەشغۇلاتقا ئۆتمەيدۇ»-دەپ تۇرىۋالدى، مەن بارلىق ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن توغرا دەپ بەردىم، ئەمما، كارتا بېجىرگەندە، مەن كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىمۇ بەرگەن ئىدىم، بۇنى كومپيۇتېرغا ئەلۋەتتە سىلەر كىرگۈزىسىلەر، بۇ مەندىكى خاتالىق ئەمەس»-دېدىم، لېكىن، ئۇ قىزمۇ شاتۇتىدەك «كىملىك نومۇرى خاتا ئىكەن»-دەپلا تۇرىۋالدى. مەن يەنە گەپ تالىشىشتىن، جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋېلىشتىن خىجىل بولدۇم. چۈنكى، بايا: «سىزمۇ بىلىسىز، كومپيۇتېردا،…» دېدى، مېنى تۇنۇپ قالسا، سەت ئەمەسمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ مەندىكى خاتالىق ئەمەس ئىدى، ئىچىمدە ھەرگىز قايىل ئەمەس ئىدىم. لېكىن، مەن: «سىز بىلەن گەپ تالاشقىم يوق، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشقا بولىدۇ؟ ئامالىنى كۆرسىتىڭ»-دېدىم. ئۇ قىزنىڭ دېگىنى بۇيىچە، مەكتەپكە بېرىپ، بىر سائەتنىڭ ئىچىدە ئىسپات ئېلىپ كەلدىم. ئىسپاتنى كۆرۈپلا بىردەمدە بېجىرىپ بەردى. مەن ئىچىمدە: «ھازىر تەشۋىقاتلاردا ئادەمنى ئاساس قىلىمىز دەيتتۇق، ئەمما، بۇلار بىر ۋاراق ئىسپاتنى ئاساس قىلدى، ئىسپات دېگەننىڭ يالغىنىمۇ بولىدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ساختىسى بار تۇرسا؟ ھەي، مەن كارتىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ھەقىقىي دەپ بەرسەممۇ بېجىرىپ بەرمىدى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئادەمنى ئاساس قىلىش دېگەندەك يوليۇرۇقنى ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ بۇلار»-دېدىم.

يەنە بىر مىسال: بىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تېز تاماقخانىغا كىرىپ، «چوڭ تەخسلىك توخۇ قوردىقى» بۇيرۇتتۇم، ئەمما، دەل شۇ ۋاقىتتا تېلېفون كېلىپ، مېھمانلار كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن دەرھال ئاۋۇ تاماقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆي لەغمىنىگە ئۆزگەرتىپ بېرىڭ دېدىم، بۇ ۋاقىتتا مۇلازىمەتچى قىزچاق مەندىن پۇلنى ئېلىپ بولغان، لېكىن يېنىمدىن تېخى كەتمىگەن ئىدى. ئەمما، ئۇ مۇلازىمەتچى قىزچاق «ئاكا سىزمۇ كومپيۇتېرنى ئوبدان بىلىسىز، قۇلۇمدىكى بۇ ئالقان كومپيۇتېردا كۇنۇپكىنى باسقان ھامان، كەينىدىكى ئاشپەز ئۇستاملار توخۇنى قازانغا سېلىپ قۇرۇشقا باشلايدۇ، لەغمەنگە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ»-دەپ تۇرىۋالدى، لېكىن، بۇ تاماق يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاران تەستە چىقتى، مەن ئۆزەم يالغۇز بىر چوڭ تەخسىلىك توخۇنى يەپ ئولتۇرسام، باشقىلار كۆرسە، نەدە ئاچ قالغاندۇ، بۇ بالا-دەپ قېلىشى ئېنىق ئىدى. شۇڭا، يېمەيلا تاماقنى خالتىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدىم.

يەنە بىر مىسال: بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ماشىنا ھەيدەپ يۇرتۇمغا قايتتىم، ئەتىگەن مېڭىپ، كەچ بولاي دېگەندە ئاران كەلدۇق، ئەمما، كىرىش ئېغىزىدا تەكشۈرۈش قىلىۋېتىپتىكەن، ساقچى بالىلار «ۋوي ئالىم مۇئەللىم، قارشى ئالىمىز، ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ كەپسىزدە، بولدى، مېڭىۋېرىڭ»-دەپ ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئالدىراپ ماڭغاندا بۇ ئەلۋەتتە خۇشياقتى.

يەنە بىر مىسال: 6 يىلنىڭ ئالدىدىكى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، يېڭى ماشىنا ھەيدىگەن چاغلىرىم ئىدى. ماشىنا ھەيدەشنى مەشىق قىلىپ، سېرىق چىراقتىن قىزىل چىراققا ئالماشقانلىقىنى كۆرۈپلا تۇرمۇزلىماي ئۈتۈپ كەتتىم، ناۋادا، تورمۇزلىغان بولسام مۇزدا تېيىلىپ يانغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى بار ئىدى، لېكىن، بىر ئوتتۇرا ياشلىق قاتناش ساقچىسى قوغلاپ ئالدىمنى توسۇۋالدى، ئاندىن پىراۋام ۋە كىملىكىمنى تەكشۈردى، ئۇ ۋاقىتتا پىراۋام چىققىلى تېخى بىر قانچە ئاي بولغان ئىدى، ئۇ ساقچىمۇ مۇنداق دېگەن ئېسىمدە: «ئەسلىدە يېڭى شوپۇر ئىكەنمىزدە، تېلېۋىزوردا كومپيۇتېردا مۇنداق مەشغۇلات قىلىمىز، ئۇنداق مەشغۇلات قىلىمىز-دەپ سۆزلەيمىز، ماشىنا ھەيدىگەندىمۇ مەشغۇلات تەرتىپى ۋە قائىدىسى بولىدۇ، قىزىل چىراقنى كۆرسەك دەرھال توختايمىز، ماۋۇ قوش سېرىق سىزىقنى دەسسىمەيمىز، قارىسام تېخى شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچىسىكەنمىز، ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇش كېرەك ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىڭلار، يەنە تۇتىۋالماي جۇمۇ»-دەپ قاتتىق گەپ قىلىۋەتتى، بەك خىجىل بولۇپ كەتكەن ئىدىم.

يۇرۇتقا بارغاندا، بەزىلەر مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا، شىركەت ئىسمىنى توغرا دېيەلمىسىمۇ، سىز ھېلىقى «ئۇيغۇرچە مېتال شىركىتى»نىڭ باشلىقىغۇ؟-دەپمۇ قويىدۇ، يەنە بەزىلەر بۇ كىشى «ئۈرۈمچى ئەلكاتىپ شىركىتى»دىن ئالىم ئەھەت دەپ تونۇشتۇرىدۇ، شۇڭا، باشقىلار تۇنۇۋالسا يامان تەرەپلىرىمۇ خېلە بار ئىكەن، ھەقىقەت سىز تەرەپتە تۇرسىمۇ، باشقىلار بىلەن تىللاشقىڭىز، ئۇرۇشقىڭىز كەلمەيدىكەن، ناۋادا، بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسىڭىزغۇ تۈگىشىدىكەنسىز، ئېغىر گەپلەر بىلەن سىزنى قاتتىق خىجىل قىلدۇرىدىكەن. زادى دىققەت قىلمىسا بولمايدىكەن. مەن ئىچىمدە «قارىغاندا، ئادىل ھوشۇر، ئابدۇكېرىم ئابلىز، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،….قاتارلىقلاردىمۇ روھىي بېسىم خېلە بار ئوخشايدۇ»-دەپ ئويلۇدۇم.

لېكىن، تۇنۇمايدىغانلارمۇ بار. ئۆتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتۇمغا قايتقاندا، بىزنىڭ ناھىيەدىكى چوڭ بازارغا جايلاشقان مەلۇم بىر كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنىغا USB سىمىنى ئىزدەپ كىردىم، بۇ بالىلار بۇ مۇلازىمەت ئورنىنى تېخى يېڭىدىن ئېچىپتىكەن، قارىسام «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» نى تىزىپ قۇيۇپتۇ. باھاسىنى سورىسام 200 يۈەن دەيدۇ (ئەسلى باھاسى 220 يۈەن ئىدى)، مەن: «سىلەر بىر تۇتاش باھادا ساتمامسىلەر؟»-دەپ سورىسام، «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى يۇمشاق دېتاللارنى بىزگە كۆپ ئەرزان بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2010» چىققان ئىدى، شۇڭا، كونىسىنى دەرھال سېتىپ چىقىرىپ، يېڭىسىدىن مال كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتىمىز، ئالسىڭىز يەنىمۇ ئەرزان بېرىمەن-دەيدۇ. مەن ئىچىمدە لۇغەتنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ياساش تېخى ئەمدىلا باشلانغان تۇرسا، بۇ زادى قانداق ئىش؟ بۇلار مېنى بەرىبىر تۇنىمايدىكەن، بۇلارنى بىر گەپكە سېلىپ باقاي-جۇمۇ دەپ ئۇيلاپ، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2010» نىڭ قانداق يېڭى ئىقتىدارلىرى بارلىقىنى سوراپ باقتىم. ئۇلار: «سۆزلۈك مىقدارى كۆپەيدى، ئىزدەش سۈرئىتى تېزلەشتى، ئېكراندىن سۆز تۇتۇش ياخشىلاندى، لۇغەتلەرنى تاللاپ ئىزدەش قوشۇلدى،…»-دەپ چۈشەندۈرۈپ بەردى. مەن بۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، لۇغەتنىڭ يېڭى نۇسخىسىغا مۇشۇنداق ئىقتىدارلارنى قوشسام بولغۇدەك-دەپ بۇ دۇكاندىن ئايرىلدىم.

ئالدىمىزدىكى ھەپتە تېلېۋىزىيەدە يەنە كومپيۇتېر توغرىسىدا زىيارەت بار دەيدۇ، قانداق قىلسام بولار؟ چىقماي دېسەم يەنە بولمىسا، چىقاي دېسەم ھېلىقىدەك «سىز ئالىمكامغۇ؟» دەپ تۇرسا، ھەي!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
39 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئالىىمكا بلوگىڭىزدا نۇرغۇن نۇرمالسىزلىق باركەن ، تۈزتۈپ قويسىڭىز! مەسلەن : مەن مۇشۇ ئېنكاسمنىڭ ‹‹تۈزتۈپ قويسىڭىز›› دىگەن قىسمىنىلا كۈرەلىدىم! قالغان باشقىسىمى ۋە ئاياق قىسىمىنى قارىغۇلارچە يېزىۋاتىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:19
  • سىز ئالىمكامغۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:40
  • ئۇنداقتا ئالما تېلفۇننى ئۇيغۇرچىگە ئۆزگەرتىۋاتقانلا بار ئىكەندە مەن بۇنداق بولسا بەقخۇشال بولدۇم
    ئاخىرىدا ئاللاھتىن ئىشلىرىڭلانىڭ بەركىتىنى تىلەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:16
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، ئوبدان تۇۋاتامسىز، بىلۇگىڭىزغا نەچچە قېتىم كىرىپ يازمىلىرىڭىزىدىن ، تەپەككۇر قىلىش ، ئادەمىيلىك، تۇرمۇش مەسىلىلىرىدىمۇ شۇنداق تەبىئي ، قىزىق ، باشقا «ئېتى ئۇلۇغ ، سۇپىرىسى قۇرۇق » داڭدار «چاپان قېلىپ »ىلارغا ئۇخشىمايدىغان يېقىملىق «ئالىمكام »لىكىڭىزنى ھېس قىلغان بولساممۇ لىكىن ھېچكىمنىڭ ئىنكاس يازمىغانلىقىنى كۆرۇپ سىزگە خەت يېزىشقا جۇرئەت قىلالمىغانتىم ، لىكىن بۇگۇن يۇقارىقى يازمىلىڭىزنى كۆرۇپ مۇنداقلا چىقىپ كېتىشكە كۆڭلۇم ئۇنىمدى ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:49
  • ئەسالام مۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ياخشىمسىز ،مەن سىزگە خېلى ئۇزۇندىن بويانلا دىققەت قىلىپ كەلگەنتىم ..سىز بىز ئويغۇر كومپىيوتېرچىلىقى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتىڭىز …رەخمەت ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:47
  • ئەسسىلامۇئەلەيكۇم!
    ئەڭ ئاخىرقى بىر ئابزاسنى ئۇقۇپ ئۆزۈم تۇتۇۋالالماي كۈلۈۋەتتىم.ھېچ بولمىسا سىزگە بىر ئىلھام بۇلۇپتۇ ئەمەسمۇ !~~
    پىروگىرامما يېزىش توغۇرلۇق دەرىسىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن …
    ئالىمجان مۇئەللىم،سىزدىن يەنە بىر نەرسىنى سوراي دىگەن ئىدىم،مەن كىچىكىمدىن بىر پروگىراممىر بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، پروگىراممىر بۇلۇش ئۈچۈن ئاۋال نىمىدىن باشلاپ ئۆگۈنۈش كېرەك، مۇشۇ ھەقتە يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز!مەن ئۇچۇرۋە ھېسابلاش ئىلمى كەسپىدىن،مەن كەسىپنى خاتا تاللىدىممۇ ياكى كەسپىمنى چۈشەنمەيۋاتىمەنمۇ؟!
    ئىنكاسىڭىزنى كۈتىمەن،ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولغاي!~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:21
    • مەن بىلەن ئوخشاش بىر كەسىپتە ئىكەنسىز ئۇنداقتا، مېنىڭچە ئالىي مەكتەپتىكى ئازىراق بوش ۋاقىتنىمۇ ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ، كەسپنى ياخشى ئۆگەنگەندىن سىىرت چوقۇم ئۆزلىگىڭىزدىن ئۆگىنەلەيدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى بىر ھەپتىمۇ تاشلاپ قويماڭ، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 16:52
  • ۋوي ھىچقىسى يوق ئالىمكا ! ھى ھى ھى … سىز چىقىپ سۆزلىمىسىڭىز كىم چىقىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدىكى ھىلىقى بالىغا كۈلگۈم كەلدى ، لۇغەتنى ساتىدىكەنۇ شۇنىڭ كىم ئىشلىگىنىنى بىلمەيدىكەن …
    كۆنۈپ قالىسىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:06
  • ئەسالام مۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ياخشىمسىز مەن سىز نىڭ ھەربىر ماقالىڭىزنى ئۇقۇپ شۇنداق ھاياجانغا كەلدىم ئىشلىرىڭىزغا ئاللاھ دىن بەركەت تىلەيمەن سىزدىن بىر سورايدىغان سوئالىم باتى ؛
    سىز ئۆتكەندە ئالما تېلفۇن نىڭ ئۇيغۇر چە قىلىش توغۇرسىدا چالامالا ئاڭلىغاندەك قىلغان مۇشۇ توغۇر سىدا ئېنىق تۇشەنچە بەرسىڭىز قانداق بولا ھە

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 12:04
  • ھەر قانداق بىر ئىش (شەيئىي، ھادىسە) نىڭ ھەممىسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. بىز دەل بۇنىڭ ياخشى تەرىپى بىلەن يامان تەرىپى ئوتتۇرىسىدىكى ئىگەللەش نىسبىتىنى ئىلاج بار يامان تەرەپتىن ياخشى تەرەپكە بوراشقا تىرىشساقلا بولىدۇ. ئەمما يامان تەرەپتىن %100 قۇتۇلۇپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئالىم مۇئەللىمنىڭ چۈشەنچىسى ھەقىقەتەن مول.
    بلوگنى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە يېزىۋاتىسىز ئالىم مۇئەللىم، يېزىش ئۇلۇبىڭىز ھەقىقەتەن ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ. ھەممە يازمىڭىزنى تۇلۇق ئوقۇپ مېڭىۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:36
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئەھۋالىڭىز قانداقراق ئالىمكا؟
    مەن سىزنىڭ توردىكى ماقالىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى تولۇق كۆرۈپ مېڭىۋاتىمەن. سىزگە بەك ھەۋەس قىلىمەن جۇمۇ…
    داۋاملىق تىرىشىڭ. ھېلىمۇ كۆپ تىرىشتىڭىز. ھېرىپ – چارچىدىم دېمەي داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەۋاتىسىز.
    ئاللاھدىن تېنىڭىزنى سالامەت، ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىڭىزنى مەنىلىك، ئۆمرىڭىزنى بەخىتلىك، بەرىكەتلىك قىلىشىنى تىلەيمەن.
    بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ داۋاملىق ياخشى نەتىجىلەر بىلەن مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:39
  • بلوگىڭزنىمۇ ئاخىرى قۇرۇۋاپسىز مۇبارەك بولسۇن.يازمىلرىڭزنىمۇ شۇنداق ياخشى يازغىلى تۇرۇپسىز. مەن يېڭى بلوگ قۇرۇپ يېزىشتا ئانچە ئەركىن بۇلالمايۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن بلوگىڭزغا كىرىپ تەلىم ئېلىپ تۇرسام بولغۇدەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:04
  • سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇشقا خۇمار بولۇپ قالدىم مەن . يازمىلىرىڭىز شۇنداق ئازادە . ھە راس بىزدەك بىر كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ ئاندا پروگرھممىلارغا كۆپەرەك قاتنىشىپ بەرسىڭىز …. بەرىبىر سىزنى تونىمايدىغان ئادەم قالمىدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:33
    • بولىدۇ، مېنىڭ كېيىنكى پىلانىممۇ شۇ. دەسلەپتە مەنمۇ بىلوگ يېزىشنى مەشىق قىلغاچ، ئۇنى-بۇنى يېزىپ باقتىم، كېيىن بارا-بارا پىروگرامما توغرىسىدا كەسپىي نەرسىلەرنىمۇ يېزىشنى ئويلاۋاتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 23:43
  • يازمىڭىز تولىمۇ يۇمۇر يېزىلىۋاتىدۇ، ئەمما سىزنىڭ سىرتىڭىزدىن بۇنچە قىزىقچى ھېسقىلالمايمەن ئالىمكا؛ بلوگىڭىزنى ياقتۇرۇپ قېلىۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:59
  • ئالىمكا، ئادەتتە QQ ئىشلىتەمسىز ؟ ئىشلەتسىڭىز بۇ QQ نى قوشىۋلسىڭىز: 524837023

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:33
  • ئالىم ئەپەندى ناخشا ئېيتىپ، دۇتتار چالغانلاردەك مىڭشىڭ بولاپ كېتىپسىز…..(چاقچاق)

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:07
باھا بېتى: 1 2 3