يازما كۆزنىكى
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ چىرايلىق مەسچىت
ئابۇزابىدىكى بۇ مەسچىت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى يەتتە دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت ھىسابلىنىدۇ، ئابۇزابىدىكى ئىككى چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشقان، بۇ مەسچىت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇرۇنقى زۇڭتۇڭى ئۈچۈن سېلىنغان. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاق مەرمەرلىرىنى گرىتسىيەدىن كەلتۈرۈلگەن، نەقىشلىرىنى جۇڭگولۇق ئۇستاملار قىلغان. ئەگەر بۇ قۇرۇلۇشنى تەسۋىرلەشكە توغرا كەلسە «ھەيران قالارلىق مۆجىزە» دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن تەسۋىرلەش كۇپايە. بۇ مەسچىتنىڭ چوڭ زالىغا سېلىنغان گىلەمنىڭ ئۆزىلا 5200 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇ يەرگە كەلگەن ئايال ساياھەتچىلەر چوقۇم مۇشۇ يەردىكى ئاياللار كىيىدىغان مىللىيچە كىيىمنى كىيىپ ئاندىن بۇ يەرگە كېلەلەيدۇ.
شىنجاڭ كوماندىسى يەنە غەلىبە قىلدى
17-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئايلانمىسى ئېلىپ بېرىلدى، خېبىي ياشلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى، نەتىجىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 0 گە قارشى 2 نومۇر بىلەن رەقىبى خېبىي كوماندىسىنى ئۇتتى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 11 نومۇر بىلەن شىمالىي رايون بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.
مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، خېبىي كوماندىسىغا توختىماي تەھدىت ئېلىپ كەلدى، 13 مېنۇت بولغاندا شىنجاڭ كوماندىسى بىر ئىختىيارىي توپقا ئېرىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى 2- نومۇر مۇستافا ئىختىيارىي توپنى بىۋاستە تېپىپ، ۋاراتارغا كىرگۈزدى. شۇنداق قېلىپ شىنجاڭ كوماندىسى 1 دە 0 بولۇپ، ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى يەنە بىر نەچچە قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، نەتىجىنى ئۆزگەرتىشكە پۇرسەت بولمىدى، شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇردى.
تورخاندا ئولتۇرۇپ ئاچ قېلىپمۇ يۇرۇپسىز
كولۇبقا سىز كىرىپسىز،
تورخاندىن سىز چىقالماي.
ئاچ قېلىپمۇ يۇرۇپسىز،
ئككىنچىلەپ كەلمەيدۇ،
ئاچقال سىڭىز تورخاندا.
ۋاڭگۇەن تاماق بەمەيدۇ، تورخاندىن ئولتۇرۇپ .
گىمروي بولۇپ قالمايلى ،
قىزلارنى دەپ بىكادىن.
ساراڭ بولۇپ قالمايلى
چاي ئىچكەندە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ئۇسۇل
تۇرمۇشىمىزدا بىز چايدىن ئايرىلالمايمىز،چاي ئىچىش بىزگە بىر ئاددى ئىشتەك تۇيىلىدۇ،بىراق بەزىدە چاي ئىچىشكە دىققەت قىلمىسىمۇ نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلار كىلىپ چىقىدۇ.1.ئاچ قۇرساق چاي ئىچكەندە ئاشقازانغا ئەكىس تەسىر قىلىدۇ،شۇڭا ئاچ قۇرساق چاي ئىچمەڭ.2.بەك قېنىق دەملەپ چاي ئېچىش باش ئاغرىپ ئۇيقۇسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.3.چاينى قىززىق ئېچىش گالغا زىيانلىق.4.چاينى دەملەش ۋاقتى بەك ئۇززاق بۇلۇپ كەتسە باكتىرىيە پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ.5.قايتا-قايتا ئۈستىگە چاي قۇيۇپ ئېچىۋەرسە زىيانلىق مادىلار بەدەندە يىغىلىپ قالىدۇ.6.تاماقتىن بۇرۇن چاي ئېچىسە ئاقسىلنىڭ سۈمۈرلىشىنى تۋەنلىتىدۇ.7.تاماقتىن كىيىن دەرھال چاي ئىچىش ئاقسىل تۆمۈرنىڭ سۈمۈرلىشنى تۈۋەنلىتىدۇ.8.دەملىگەن چاي بىلەن دورا ئىچىش دورنىڭ ئۈنىمىنى تۈۋەنلىتدۇ.9.كىچىلەردە قۇپۇپ دەملەنگەن چاي ئېچىش ۋېتامىنلارنى ئۆلتۈرىدۇ.10.ھەددىدىن زىيادە سۇغۇق چاي ئىچىش.
كۆرۇپ كۇلمەي تۇرالمايسىز
1 . نىكاھدىن ئاجرىشىش
سوتچى بىر جۈپ ئەر-خۇتۇننىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش ھۆكۈمىنى چىقىرىىپ بولغاندىن كىيىن . بەش ياشلىق ئوغلىدىن سورھپتۇ :
_ سەن قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى خالايسەن ؟
_ كومپڭئوتېر بىلەن تېلۋوزورنى كايسى تەرەپكە بۇيرۇپ بەرگەن بولسىڭىز ،شۇ تەرەپتە تۇرۇشنى خالايمەن -دەپتۇ ئوغلى.
2 . كۆپ بالىلىق ئائىلە
بىر ئايال ئالتە بالىسىنى ئېلىپ پويىزغا چىقىپتۇ ،بالىلار بولسا شوخلۇق قىلىپ ئەتراپتىكى يولۇچىلارغا زادى ئاراملىق بەرمەپتۇ.ئۇلارنىڭ قىيا-چىياسىغا بەرداشلىق برەلمىگەن بىر يولۇچى مۇنداق دەپتۇ :
_يولغا چىققاندا ھىچ بولمىغاندا بالىلارنىڭ يېرىمىنى ئۆيگە قويۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ !_ دەپ ئاغرىنىپتۇ .
_بۇنى قانداق بىلىۋالدىڭىز ، ئەپەندىم مەن باشقىلارغا دەخلىسى بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ ، بالىللىرىمنىڭ يېرىمىنى دادىسى بىلەن بىللە ئۆيدە قويۇپ قويغان ئىدىم ،_دەپتۇ ئايال تەئەججۈپلەنگەن ھالدا .
3 . تىنىچلىنىش
يولدا ئككى ماشىنا سوقۇشۇپ كىتىپ ،شوپۇرلار قاتناش ساقچىسىنىڭ كىلىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.. ئارىدىن بىرىسى بىر ساندۇق پىۋىنى يانا نبىر شوپۇرغا سۇنۇپ :
_ كەل بۇنى ئىچىپ تىنىچلىنىۋالغىن،_ دەپتۇ
_ سەن ئىچمەمسەن ؟- دەپتۇ يەنە بىرسى بىر يۇتۇپ ئىچەندىن كىيىن .
_ مدن ساقچى كىلىپ ، قېنىمنى تەكشۈرەپ بولغاندىن كىيىن ئىچەي ،_ دەپتۇ شوپۇر ئۇستام .
4 . جەرىمانە
قاتناش ساقچىسى ۋېلىسپىت مىنىپ كېتىۋاتقان پوپنى توسۇپ مۇنداق دەپتۇ :
_كەچۈرۈڭ ، ئەپەندىم ،ۋېلىسپىتىڭىزنىڭ چىرىغى ۋە تورمۇزى يوق بولغانلىقدىن 10 يۇئەن جەرىمانە قويىمەن دەپتۇ .
بالام ، پەرۋەردىگار مىنى ئۆز پانايىدا ساقلايدۇ ،_ دەپتۇ پوپ .
_ئادەم ئېلىپ ۋېلىسپىت مىنسىڭىز يەنە 10 يۇئەن جەرىمانە تۆلەيسىز ، _دەپتۇ قاتناش ساقچىسى .
5 . ئېغىر ئېلىش
ناھايتى بەك سەمرىپ كەتكەن ئايال ھەر خىل ئاماللارنى قوللىنىپمۇ ، ھىچقانداق ئۈنۈمىنى كۆرەلمەپتۇ .يېقىندىن بىرى ئۇ تېىخىمۇ سەمرىپ كىتىپ ،كىيىملىرى پاتمايلا قاپتۇ .بىر كۈنى ئۇ ئىرىگە ئاغرىنىپ مۇنداق دەپتۇ :
نەۋرىلىك بولۇپ قانچە سەمرىسەممۇ ، ھىچكىم ئېغىر ئالمىسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى _ ھە؟
_ئۇ چاغدىمى ئېغىر ئالىدىغانلار چىقىدۇ ؟_ دەپتۇ ئىرى .
_ كىم چىقىدۇ ؟
_ نەۋرەڭنىڭ بوۋېسى دەپتۇ ، _ ئىرى
6 . پۇل ئەۋەتىش
قىزغىن مۇھاببەتلىشىۋاتقان ئوغلى بېخىل دادىسىدىن پۇل سوراپ مۇنداق دەپ خەت يېزىپتۇ .
قەدىرلىك داد :ئەگەر مىنى ياخشى كۆرسەڭ .ماڭا 20 يۇئەن ئەۋەتىپ بەر .مەن ئۇ پۇلغا بولغۇسى خۇتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز تويلۇق سۆرەتكە چۈشۈپ ، ئەۋەتەي دىگەن ئىدىم ،_ دەپتۇ .
بۇ خەتنى كۆرگەن دادىسى مۇنداق جاۋاپ خەت يېزىپتۇ :
بالام : سەن ئاشۇ بولغۇسى خوتۇنۇڭنىڭ سۆرىتىنىلا ئەۋەتكىن ،سىنىڭ ئەپتىڭ ماڭا بەش قولدەك ئايان ،سۆرىتىڭنى ئەۋەتمىسەڭمۇ بولىدۇ ،: دەپتۇ دادىسى .
مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى