ئىزدە     

يازما كۆزنىكى

يولۋاس ئۆلتۈرگەن كىرىيەلىك ئۇيغۇر

ئاپتۇر: ۋاقتى2012-07-16 03:27 ئوقۇلۇشى:348 قېتىم

ئىككى يولۋاسنى ئۆلتۈرگەن قۇربان سەيدى

قۇربان سەيدى بۇ يىل 90 ياشتا بولۇپ، بۇغداي ئۆڭ، ئۆچكە ساقال كىشىكەن. ئۇ ھازىر كۈنلىرىنى ئىشىك ئالدىدا ئاپتاپ سىنىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئوۋچىلىق قىلغانىدىكەن. ئۇنىڭ ئوۋچىلىق ھاياتىنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە بىر ئارقار تېرىسى ھويلا تېمىغا ئارتىقلىق تۇرۇپتۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى ئاچارچىلىق مەزگىللىرىدە ئوۋچىلىققا ماھىر قۇربان سەيدى كوپىراتسىيىنىڭ قەھرىمانىغا ئايلىنىپتۇ. كوپىراتسىيىدىن ئۇنىڭغا ھەر ئايدا ئىككى-ئۈچ ئارقار ئوۋلاش ۋەزىپىسى قويۇپ، ئۇنى ئېتىز ئەمگىكىدىن خالاس قىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇربان سەيدى ھەر قېتىم ئوۋلاپ كەلگەن نېمەتلىرىنى كوللېكتىپقا تاپشۇرىدىغان، كوپىراتسىيىدىن ئۇ گۆشلەرنى پارچىلاپ ئەزالارغا بىر ئىككى كىلودىن تارقىتىپ بېرىدىغان بوپتۇ. دەل شۇ يىللاردا قۇربان سەيدى تاساددىپىي ھالدا ئىككى يولۋاسنى ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ. قۇربان سەيدىنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى تۇرسۇن قۇرۋان بىلەن تامامەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ ئارقار ئوۋلاش ئۈچۈن قۇرغان قاپقىنىغا چۈشۈپ قالغان ئىككى يولۋاسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنىكەن.
ــ ئۇ يولۋاسنىڭ ئالدى پەنجى ئادەمنىڭ قولىدىنمۇ چوڭكەن،- دېدى قۇربان سەيدى يولۋاس ئۆلتۈرگەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ،- مەن كالتەك بىلەن ئۇنى ئۇرغاندا ئۇ ھۆركىرەپ، يەرنى تاتىلاپ، تىرناقلىرى بىلەن يەردە يوغان كارىز كولىۋەتتى،-ئۇ قولى بىلەن يولۋاس كولىغان كارىزنىڭ چوڭلىقىنى ئىشارە قىلىپ كۆرسەتتى،-ئىككى يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ، ھەر ئىككىلىسىنى گۇڭشىغا تاپشۇرۇپ بەردىم…
بۇ پالۋان بوۋاي ئۆزى ئۆلتۈرگەن مەخلۇقنىڭ شىنجاڭ، ھەتتا دۇنيا بويىچىمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ھايۋان ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى…
شىنجاڭ شەھەر گېزىتى مۇخبىرى ۋۇ شياۋلىڭ

تۈرى: قىززىق نۇقتا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

تور بەتنى پۈتۈن ھالەتتە سۈزۈك پېتى رەسىمگە تارتىش دىتالى

ئاپتۇر: ۋاقتى2012-07-16 02:40 ئوقۇلۇشى:268 قېتىم

تور بەتنى پۈتۈن ھالەتتە سۈزۈك پېتى رەسىمگە تارتىش دىتالى بۇ دىتال ئارقىلىق ھەر قانداق تور بەتنى بىمالال <> شەكىلىدە رەسىمگە تارتىپ ساقلىۋالايسىز دىتالسىغىمى ئاران <<363kb>>ناھايتى قولايلىق

مانا مۇشۇ دىتال ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت :

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

تۈرى: دىتاللار | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

شىنجاڭ قوبۇقسار ناھىيەسىدە 173 قوينى چاقماق سوقۇۋەتتى

ئاپتۇر: ۋاقتى2012-07-12 12:18 ئوقۇلۇشى:391 قېتىم

10-ئىيۇل ، شىنجاڭ قوبۇقسار ناھىيە چاغانكۆل يېزا تەۋەلىكىدىكى قارىغايلىق جىلغا يايلىقى يەنە بىر قېتىم گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، يايلاقتىكى قوي پادىلىرىغا چاقماق چۈشۈپ، جەمئىي 173 قوي نەق مەيداندا ئۆلگەن. چارۋىچىلار ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 7-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قوبۇقسار ناھىيەسى چاغانكۆل يېزىسى تەۋەلىكىدىكى قارىغايلىق جىلغا يايلىقى ئۇدا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، يەرلىك ھۆكۈمەت تاغلىق رايوندىكى چارۋىچىلارنى چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىپ ، بىخەتەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چاقماق سوقۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەسكەرتتى.

10

تۈرى: خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار | ئىنكاس سانى: 1 | تولۇق ئوقۇش

ئېشەك ئوغرىسى(ھېكايە)

ئاپتۇر: ۋاقتى2012-07-12 12:05 ئوقۇلۇشى:316 قېتىم

   مەھەللىمىزدە توختى ‹‹ئېشەك›› دېگەن بىرسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ مەھەللىنىڭ مەسچىتى يېنىدىكى ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان كونا ئۆيىنى كىچىكىمدىن بىلەتتىم. ئۇنى يىراقتىن بىر قېتىملا كۆرگەن بولساممۇ، لېكىن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن تۇرۇپ پاراڭلىشىش مەھەللىمىزدىكى مەن دېمەتلىك بالىلاردىن ھېچكىمگە نېسىپ بولمىغانىدى. ئاتا – ئانىلىرىمىز ئۇنىڭ گېپى چىقسىلا ‹‹توختى ئېشەك تۈرمىدە نەچچە ئون قېتىم يېتىپ چىققان ئوغرى، ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ھەپتە ئۆتمەيلا يەنە تۈرمە دەرۋازىسىدا پەيدا بولىدىكەن، ئۇنىڭغا يولۇققان كىشىدىن ئوغرىنىڭ شېرىكى دەپ خەق گۇمانلىنىدۇ›› دەيتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايتتى.

   شۇنداق قىلىپ، كىچىكىمىزدە توختى ئېشەكنىڭ قورقۇنچلۇق، ھەيران قالارلىق ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان تەڭ دېمەتلىكلەر چوپ – چوڭ ئادەم بولۇپ، تەرەپ – تەرەپكە تارقاپ، خىلمۇخىل كەسىپ بىلەن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە يۈردۇق. مەنمۇ ئوقۇپ، خىزمەتكە چىقىپ، شەھەردە ئىشلەپ يۈرۈپ، ھەش – پەش دېگۈچە بالامنىڭ ئالدى 20 ياشلارغا تاقاپ قالدى. بۇ قېتىمقى ‹‹ئالتۇن ھەپتە››لىكتە دادامنى، ئىنى – سىڭىللىرىمنى ۋە يۇرتتىكى قېرىنداشلارنى يوقلاش نىيىتىدە خوتۇن – بالىلىرىمنى ئېلىپ يۇرتقا كەلدىم.

   كېلىپلا كۆزۈمگە چېلىققان يېڭىلىق مەھەللە مەسچىتىنىڭ يېنىدىكى توختى ‹‹ئېشەك››نىڭ خارابە ئۆيى ئورنىغا يېڭىدىن سېلىنغان پىششىق خىشلىق، چاققانغىنا ئۆي بولدى. بۇ يېڭىلىقنىڭ سىرىنى ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن دادام داستىخان ئۈستىدە يېشىپ بەردى. توختى ‹‹ئېشەك›› ئۈچ – تۆت ئاينىڭ ئالدىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، مەھەللىگە قايتىپ كەپتۇ. ھۆكۈمەت ئۇنىڭ توپا دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئۆيىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىپتۇ. توختى ‹‹ئېشەك›› ھازىر كۆپ تۈزۈلۈپ كېتىپتۇ. ھۆكۈمەت تېخى ئۇنىڭغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى بېرىدىكەن. جامائەتمۇ ئۇنى ئارىغا ئاپتۇ. ئۇ ‹‹كىتاب يازىدىغان بىرەر ئادەم ئۇچرىسا، بېشىمدىن ئۆتكەننى سۆزلەپ بەرسەم، يېزىپ قويسا›› دەپ يۈرەرمىش.

   ئەتىسى ناشتىدىن كېيىن قىزىقىشىم بويىچە توختى ‹‹ئېشەك›› نىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. سالام بىلەن ھويلىغا كىرىشىمگە سۆگەت بادىرىسىدا كەتمەن سېپى ياساۋاتقان، قارامتۇل، چاچ – ساقاللىرى ئاقارغان بىر بوۋاي تەستە ئورنىدىن تۇردى. بۇ كىشىنىڭ توختى ‹‹ئېشەك›› ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمىدى. پاتىھەدىن كېيىن ئۇ كىشى داستىخان سالغاچ، باش – ئايىغىمغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشۇمنى كۈتمەيلا:

   سۇلايمانئاخۇننىڭ بالىسىغۇ سىز؟ چوڭ كادىر بولۇپ كەتتى دەپ ئاڭلىغان، سىز شۇغۇ؟ دەپ سورىدى مەندىن. نېرى – بېرى پاراڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى خاتىرىلەپ قويىدىغان ئادەم ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ كەلگەنلىكىمنى ئېيتتىم، ئۇ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئېغىر ئۇھ تارتىۋېتىپ ھېكايىسىنى باشلىدى.

   ئەقلىمگە كەلسەم، ئائىلىمىزدە دادام، ئاچام، مەن ۋە سىڭلىم تۆت نوپۇس باركەنمىز. مەن چوڭ بولۇپ، كەتمەننىڭ سېپىنى تۇتقۇدەك بولغاندا داداممۇ بىزنى تاشلاپ ئۇ دۇنياغا كەتتى. مەكتەپتىنمۇ يېنىپ چىقتىم. ئۇزاق ئۆتمەي ئاچام بۆلەك بىر كەنتكە ياتلىق بولۇپ كەتتى. سىڭلىمنى مەكىتتىكى دادامنىڭ سىڭلىسى بېقىۋالىدىغان بولۇپ ئېلىپ كەتتى. مەن تىكەندەك يالغۇز قالدىم. دادامدىن قالغان ئازغىنا تەئەللۇقاتمۇ كوپىراتسىيەگە قوشۇلۇپ تۈگىدى. ھېچنېمەم بولمىغان بىلەن كۈچۈم، ئەقلىم بار ئىدى. خەق بىلەن تەڭ، ھەتتا ئوشۇق ئىشلىسەممۇ ماڭا تېگىشلىك نومۇر باشقىلارنىڭ ھېسابىغا خەتلىنەتتى. شۇنداقتىمۇ ئاكتىپ ئىشلىدىم. لېكىن پايدىسى بولمىدى. ئاخىرى ئېچىپلا تۇرىدىغان رەھىمسىز قورساق مېنى شۇ چاغلاردا ئەڭ ئاسان جان باققىلى بولىدىغان ئوغرىلىق يولىغا باشلىدى. دەسلەپ قوغۇن – تاۋۇز، بىرەر توخۇ، بىرەر خالتا ئۇن ئوغرىلاپ جېنىمنى جان ئېتىپ يۈردۈم. كېيىن بارا – بارا يۈرىكىم يوغىناپ، قوي – ئۆچكە ئوغرىلاشقا باشلىدىم. لېكىن ئۇ چاغلاردا مەھەللىدە ئوغرىلىغۇدەك ئۇنچە كۆپ نەرسىمۇ بولمىغاچقا، ئاسانلا تۇتۇلۇپ قېلىپ تۈرمىگە سۇلاندىم. تۈرمىنىڭ شارائىتى ناچار بولسىمۇ قورساق تويغۇزۇشتىن غەم يېمەيتتىم. ئۇ چاغدا ھەممە كىشى ‹‹ئىنقىلاب›› بىلەن بولۇپ كەتكەچكە، ئالتە ئايغىچە ھېچكىم مەندىن ‹‹سەن نېمە جىنايەت بىلەن كىرگەن؟›› دەپ سورىمىدى. قورساق غېمىدىن باشقا غېمىم بولمىغاچقا، بەخىرامان يېتىۋەردىم. تۈرلۈك قالپاق، يالا – تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىگە سولىنىدىغانلار كۆپىيىۋەرگەچكە، مەندەك ئوغرىلىق بىلەن تۇتۇلغانلارنى قويۇۋېتىپ، تۈرمىنى بىكارلاشقا توغرا كەلگەن چېغى، بىر كۈنى مەندەك ئوغرىدىن 20 – 30 نى تازا قورقۇتۇپ قويۇۋەتتى. ئەترەت باشلىقىنىڭ نازارىتى بىلەن مەھەللىگە قايتىپ كەلدىم. قىلىدىغان ئەمگىكىم بۇرۇنقىدىن ئېغىرلاشتى، يەيدىغىنىم يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىم كۆزۈمگە كۆرۈنۈپلا قالدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىر يەنە بىر قېتىم ئوغرىلىق قىلىپ، ئۈچ ۋاق تامىقى تەييار تۈرمىگە كېتىش قارارىغا كېلىپ، بىر كۈنى ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئېغىلىغا يېرىم كېچىدە ئوغرىلىققا كىردىم. مەقسىتىم تۇتۇلۇش بولغاچقا، پاكار ھويلا تېمىدىن ‹‹پالاق – پۇلۇق›› ئاۋاز چىقىرىپ ھويلىغا سەكرەپ، ئېغىلنىڭ ئىشكىنى غىچىرلىتىپ ئېچىپ كىرىشىمگە، ئېغىلدىكى ئېشەك قاتتىق ھاڭرىۋەتتى. مەن دەماللىققا ھودۇقۇپ كەتكەن بولساممۇ، لېكىن دەرھاللا ئۆزۈمنى توختىتىۋېلىپ، ئارغامچىنى يېشىپ، خۇددى سۇغارغىلى ئېلىپ ماڭغاندەكلا ئېشەكنى سىرتقا يېتىلەپ ماڭدىم. بايىقى شەپە ۋە ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىدىن ئويغىنىپ، ئاللىقاچان ھويلىغا چىقىپ بولغان ئىمام ئاخۇنۇم مېنى كۆرۈپلا ‹‹ئوغرىنى تۇتۇڭلار!›› دەپ مەھەللىنى بېشىغا كىيدى. نەق مەيداندا زاڭ مال بىلەن تۇتۇلدۇم. ئەتىسى بىر كۈن ھېلىقى ئېشەكنىڭ جۇمبۇرى بوينۇمغا سېلىنىپ، ئارغامچىسىدا باغلىنىپ، يۈزۈمگە قارا سۈرتۈلۈپ ئېشەك بىلەن بىللە يېزا بازىرىدا سازايى قىلىنىپ تۈرمىگە سولاندىم. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن توختى ‹‹ئېشەك›› دەپ نامىم چىقىپ كەتتى. زاماننىڭ قانداق ئۆزگىرىشى بىلەن كارىم يوق تۈرمىگە كىرىش – چىقىش بىلەن يۈرۈۋېرىپتىمەن. كېيىنكى تۇتۇلۇشۇمدا ‹‹تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەن›› دەپ بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم. مۇددىتىم توشۇپ چىقسام، يەرلەر ئائىلىلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بوپتۇ. ‹‹يۇرتۇمدا نېمە ئىش بولغاندۇ؟›› دەپ مەھەللىگە كەلسەم، دادامدىن قالغان ئۆي قارىغۇسىز بولۇپ كېتپتۇ. خەقلەرنىڭ ماڭا قارارغا كۆزى يوق. ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، يېزا بازىرىغا كەلدىم. يانچۇقۇمدا سېنت يوق، بىرەر كىشىگە ياردەملىشىپ ئىشلەپ قورساق باقاي دېسەم، توختى ‹‹ئېشەك›› دېگەن نامىم دەخلى قىلىپ ھېچكىم يېنىغا يولاتمىدى. ئاچ قورساق كۈننى كەچ قىلىپ، كەچكە يېقىن بىر دەڭنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتىمەن، كۆزۈم توقۇقلۇق بىر قارا ئېشەككە چۈشۈپ قالدى، چۇلۋۇرىنى يېشىپلا مىنىپ قاچتىم. كاساپەت ئاتتەكلا تېز چاپىدىغان ئېشەككەن، كېچىچە ھېچ توختىماي مېنى شەھەر تەۋەسىگە ئاپاردى. تاڭ سۈزۈلەرگە يېقىن قىزىلنىڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئايىقىدىراق بىر چىملىقتا مۈگدەپ قاپتىمەن. بىرسى سىلكىپ ئويغاتتى، قارىسام مەن دېمەتلىك بىرىكەن، سالاملاشتۇق، مەن يالغاننى توقۇپ ئۇنى ئېشەكنى خوتۇنۇمنى داۋالىتىش ئۈچۈن ساتقىلى ئېلىپ ماڭغىنىمغا ئىشەندۈرۈپ، 450 كويغا ساتتىم. بۇ چاغلاردا يېشىم ئاللىقاچان 40 قا تاقاپ قالغان بولۇپ، يۈزلىرىمنى قورۇق، چاچلىرىمنى ئاق قاپلاپ كەتكەنىدى. شۇڭا ساقىلىمنى قويۇۋېتىپ، شۈمشىيىپ يۈرسەم ھېچكىم مېنى تونۇيالمايتتى ھەم ‹‹ئېشەك ئوغرىسى›› دەپ گۇمانمۇ قىلمايتتى. شۇنداق قىلىپ بىرنەچچە زامان ئاشۇنداق جاھاندارچىلىق قىلىپ يۈردۈم. يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەر كۈنى دەككە – دۈككىدە قېچىپ يۈرۈش، ئاچ – توق قېلىش ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ قالدى. بىر كۈنى كېچىسى رەھمەتلىك دادامنى چۈشەپ قاپتىمەن، ئويغىنىپ دادامنىڭ بېشىنى يوقلىمىغىنىمغا تالاي يىللار بولغىنىنى ئويلاپ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم ۋە ھەرنېمە بولسا يەنە يۇرتقا بېرىپ دادامنىڭ تۇپرىقىنى يوقلاش قارارىغا كەلدىم. دادامنىڭ تۇپراق بېشىغا كېلىپ تازا يىغلىدىم. دادام ماڭا ‹‹ئەمدى بولدى قىل ئوغلۇم، ساڭا ئەسقاتىدىغىنى يۇرت، يۇرتنىڭ پېشىنى چىڭ تۇت…›› دەۋاتقاندەك بىلىندى. مەھەللىگە كەلسەم يۇرتداشلىرىمنىڭ ھال – كۈنى ياخشىلىنىپ كېتىپتۇ. مېنىمۇ چەتكە قاقمىدى. تەشكىل ماۋۇ ئۆينى سېلىپ بەرگەننىڭ تاشىيانىدا پۇلمۇ بېرىۋاتىدۇ. نېمىشقا كېيىنرەك تۇغۇلمىغاندىمەن دەپمۇ قالدىم. قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلسام ئورنىغا كەلمىدى. ئەمما پۇشايمان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغۇ؟! شۇڭا مېنى يېزىپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلسۇن، دەۋرنىڭ قەدرىگە يېتىشنى ئۆگەتسۇن دەپ يازغۇچى ئىزدىگەنىدىم. شۇنداق قىلالارسىزمۇ؟

   مەن ئۇنىڭغا بېشىمنى لىڭشىتىپ جاۋاب بەردىم. چۈنكى يازغۇچى بولمىساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ كەچۈرمىشىنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش قولۇمدىن كېلەتتى.

 

 

تۈرى: ئەدەبىيات گۈلزارى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئۆرۈك قېقىنىڭ شىپالىق رولى يۇقىرى

ئاپتۇر: ۋاقتى2012-07-11 13:45 ئوقۇلۇشى:361 قېتىم

ياز پەسلىدە ئۈجمىدىن كېيىن پىشىدىغان مېۋە ئۆرۈكىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، تومۇز ئايلىرىدىكى ئىسسىققا قاقلىنىپ قۇرۇتۇلۇش ئارقىلىق، ئۆرۈك ھالىتىدىكى تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىلىك ھۆل سوغاق مېۋىدىن گۈلە ھالىتىدىكى تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئىسسىق مېۋىگە ئۆزگۈرىدۇ. نەتىجىدە ئۇ سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە يېقىن، بەدەننىڭ كېسەلگگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، ھەزىم قىلىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ۋە شىپالىق قىممىتى يۇقىرى « قۇۋۋەت» دورىسىغا; ئايلىنىدۇ.

   خەلقىمىز گۈلىنى يەرلىك مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى قۇرۇق پېتىلا ئىستمال قىلىپلا قالماي، پولو، ئۇماچ، يۇمدان ۋە باشقا تائاملارغا سېلىپ ئىستېمال قىلىدۇ. خەلقىئارادىكى ئاتاقلىق مېدىتسىنا مۇتەخەسىسلىرى گۈلىنى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىردىنبىر يېمەكلىك دەپ بېكىتتى ۋە كىشىلەرنى ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئۈچ تالدىن گۈلە يېيىشكە دەۋەت قىلدى. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىدە راك كېسەللىكى» سەرتان»دەپ ئاتىلىدۇ، گۈلىمۇ دەل سەرتان تومۇز ئىسسىقىدا قورۇتۇلىدۇ. راك كېسەللىكى سوغۇق سەپرانىڭ يۇقىرى باسقۇچىغا يەتكەندە ئادەم تېنىدە پەيدا بولىدىغان داۋاسىز يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر. گۈلە ھەرقانداق تەبىئىي يېمەكلىك ئىچىدە تەبىئىيىتى پەۋقۇلئادە ئىسسىققا مايىل يېمەكلىكتۇر. بۇنىڭدىن راك كېسەللىكىنى گۈلە يېيىش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ دېگەن مەنا چىقمايدۇ. لېكىن رۈلىنى ئىزچىل تۈردە ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق راك ئۆسمىسىنىڭ ئادەم تېنىدە پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

تۈرى: ساغلاملىق | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى