1. ئېتىگە قاراپ دان تولۇقلاش. ئورغاچى غاز بەك سېمىز بولسا، تۇخۇم تۇغۇشى ئازلايدۇ، بەزىلىرى ھەتتا تۇخۇم تۇغۇشتىن توختايدۇ؛ بەك ئورۇق بولسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، تۇخۇم مەھسۇلاتى تۆۋەنلەيدۇ. بەك سېمىز ئورغاچىغا تۈجۈپىلىك داننى ئازراق بېرىش، زۆرۈر تېپىلغاندا تۈجۈپىلىك دان بېرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش كېرەك. غازخانىدا باققان غازنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈش ياكى يايلىتىش كېرەك. ئورۇق غازنىڭ تۈجۈپىلىك دېنىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، داننىڭ ئاقسىل تەركىبىنى ئاشۇرۇش، كەچتە يەنە 2 ۋاق دان بېرىش كېرەك.
2. مايىقىغا قاراپ دان تولۇقلاش. غازنىڭ مايىقى توم، يۇمشاق تاياقچە شەكىلدە، سىرتقى يۈزى پارقىراق، ئىتتەرسە بىر نەچچە پارچە بولسا، ئوزۇقلۇق مۇۋاپىق، ھەزىم قىلىشى نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر، ماياق ئىنچىكە، چىڭ، رەڭگى قارامتۇل بولسا، يېنىك ئىتتەرگەندە ئۈزۈلگەن يۈزى دانچە ھالەتتە بولسا، تۈجۈپىلىك دان بەك كۆپ، يېشىل ئوت - چۆپ ئاز بولۇپ، ھەزىم قىلىشى نورمال ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدا تۈجۈپىلىك داننى ئازايتىپ، يېشىل ئوت - چۆپنى كۆپرەك بېرىش كېرەك. ماياق شەكىلسىز بولۇپ، ماياقلىغاندىلا چېچىلىپ كەتسە، تۈجۈپىلىك دان يېتىشمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، تۈجۈپىلىك دان تولۇقلاش كېرەك.
3. تۇخۇمىغا قاراپ دان تولۇقلاش. تۇخۇم تۇغىۋاتقان غاز قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولمىسا، تۇخۇم شاكىلى نېپىز، تۇخۇم كىچىك ياكى غەيرىي شەكىللىك بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدا چوقۇم پۇرچاق كۈنجۈرىسى، يەر ياڭىقى (خاسىڭ) كۈنجۈرىسى قاتارلىق ئاقسىل مول بولغان داننى كۆپەيتىپ بېرىپ، كۈندىلىك دېنىدىكى ئاقسىل تەركىبىنى %22 تىن ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر بىر غازنىڭ كۈندىلىك دېنىنى 280g - 320g غا كۆپەيتىش ھەمدە مىنېرال ماددىلىق دان قوشۇپ بېرىش كېرەك.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>