• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • سۈت كالىسى سۈت بېزى ئۆسمىسىنى داۋالاش

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     سۈت كالىسى سۈت بېزى ئۆسمىسى كۆپۈنچە ياش سۈت كالىلىرىدا پەيدا بولىدۇ، كۆپ ھاللاردا كالا يېلىنى كۆپچۈپ ئاغرىيدۇ، قول بىلەن تۇتقاندا يېلىن ئىچىدە قاتتىق مۈنەكچە بارلىقى بىلىنىدۇ. ئادەتتە دەسلەپكى مەزگىلدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، كۆپۈنچىسى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، سىرتقى يۈزى سىلىق، قاتتىق لېكىن ئىلاستىكلىقى بار بولىدۇ، ئۆسمە سىرتىدا مۇكەممەل ئورىغۇچى پەردە بولۇپ، ئەتراپتىكى توقۇلمىلارغا يېپىشىپ تۇتاشمايدۇ، يېلىن ئىچىدە ئەركىن ھەرىكەتلىنىدۇ، قىسمەنلىرىدە لىمفا بەزلىرى ئىشىپ چوڭايمايدۇ، ئەكسىچە بولغانلىرى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ھېسابلىنىدۇ. ئۆسمە پەيدا بولغان كالىلارنىڭ كەيپىياتى چۈشكۈن بولۇپ، بىئارام بولۇپ بىر جايدا تۇرالمايدۇ، ئاسان چوچۇيدۇ. سۈت كالىسىدىكى سۈت بېزى ئۆسمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ:zZlئاقيول تور بىكىتى

        يېلىن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بىرىش. سۈت كالىسىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىنى قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، يېلىننى پاكىزە تۇتۇش، كالىنى مۇۋاپىق ھەرىكەتلەندۈرۈشنى قاتئى داۋاملاشتۇرۇش، مۇھىتنى تېنىچ تۇتۇش كېرەك. كالىنى ئۇرۇشقا، زەخىمنلىندۈرۈشكە بولمايدۇ، كالىنىڭ كەيپىياتىنى نورمال قىلىش، تەركىبىدە ھورمون بار دورا ۋە خۇرۇچلارنى ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىش، ھايۋانات خاراكتىرلىك مايلار ۋە قەنت مىقدارى كۆپ يەم خەشەكلەرنى بىرىش مىقدارىنى ئازايتىش، ئاچچىق - چۈچۈك يەم - خەشەكلەرنى بەرمەسلىك، شىرنىلىك، كۆك يەم - خەشەكلەرنى كۆپىرەك بىرىش كېرەك.zZlئاقيول تور بىكىتى

    قەرەللىك ئۇۋىلاپ بىرىش. سۈت كالىسدا سۈت بېزى ئۆسمىسى بارلىق بايقالغاندىن كىيىن نورمال ئۇۋىلاش، سۈت سېغىشتىن باشقا، ھەر كۈنى كەچتە يەم بىرىپ بولغاندىن كىيىن يېلىننىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ئاستى قىسمىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 50 قېتىمدىن ئۇۋىلاپ بىرىش كېرەك. بۇنداقتا يېلىندىكى قانلارنىڭ ۋە لېمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال ئايلىنىشى ياخشى بولۇپ، سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئازىيىدۇ.zZlئاقيول تور بىكىتى

       ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى. بۇ كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە قاننىڭ ئايلىنىشى راۋانلىشىپ، تاقابىلچانلىقى كۈچىيىدۇ، ياللۇغ يوقۇلۇپ، يەرلىك ئورۇندىكى ئۆسمىنىڭ ئاغرىشى يىنىكلەيدۇ.zZlئاقيول تور بىكىتى

        جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرىنى بىرىش. كېسەل تەگكەن كالىغا رۇكاڭپيەن دورىسىنى كۈندە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 دانىدىن يىدۈرسە بولىدۇ. شۇنداقلا رۇخېسەنجيېپيەن دورىسىنى ئازىراق يەم – خەشەككە ھەر قېتىمدا 10 دانىدىن ئارىلاشتۇرۇپ كۈنىگە 2 قېتىم بەرسە بولىدۇ. يەنە رۇزېڭنىڭپيەن دورىسىنى كۈندە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 دانىدىن يىدۈرسە بولىدۇ. بۇ دورىلارنى يېلىندىكى ئۆسمە يوقالغىچە بېرىش كېرەك.zZlئاقيول تور بىكىتى

        ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى. يۇمۇلاق شال گۈرۈچىدىن 500 گىرامغا 3000 مىللىلېتىر سۇ قوشۇپ قاينىتىپ ئۇماچ قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر سېلىپ، يەنە قورۇلۇپ ئۇۋىتىلغان قارا كۈنجۈتتىن 200 گىرام سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن كۈندە 2 قېتىمدىن ئۇدا بىر قانچە كۈن بىرىش كېرەك. شۇنداقلا 300 گىرام لامىنارىيە (خەيدەي)، 150 گىرام داتۇسەينى پاكىزە يۇيۇپ ئىنچىكە توغراپ كالىغا بەرسە بولىدۇ، شۇنداقلا ياڭاق، شاكال بەدىيان (باجياۋخۇيشياڭ) نىڭ ھەر قايسىسىدىن 10 دانە ئېلىپ، ياڭاقنى چېقىپ مېغىزىنى شاكال بەدىيانغا ئارىلاشتۇرۇپ،كۈندە 3 قېتىم كالىغا يەم بىرىشتىن 30 مىنۇت ئىلگىرى بىرىشنى ئۇدا نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل يېلىندىكى ئۆسمە ئاسان يوقىمىغان كېسەل كالىلارغا قوللىنىشقا مۇۋاپىق كىلىدۇ.zZlئاقيول تور بىكىتى

        ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش. زۆرۈر تېپىلغاندا مال دوختۇرلىرى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئۆسمىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ، پۈتكۈل ئوپىراتسىيە جەريانىدا ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىپ ياللۇغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.zZlئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى باقمىچىلىق تېخىنىكىلىرى