• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • قىشتا توخۇ توپىنى يورۇتۇش تېخنىكىسى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

        كۈن نۇرى توخۇ توپىنىڭ تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. قىشتا توخۇ توپىنى سۈنئىي يورۇتۇش ئارقىلىق، كۈن نۇرى چۈشۈش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ، تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.udTئاقيول تور بىكىتى

       1. يورۇتۇشنىڭ تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىگگ تەسىر كۆرسىتىشدىكى سەۋەب كەچكۈز ۋە قىشتا كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى قىسقىراپ، نۇرنىڭ توخۇ ئورگانىزىمىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاجىزلاپ، توخۇنىڭ ھىپوفىز بېزى ئالدى بۆلىكىنىڭ جىنسىي ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن توخۇنىڭ تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ.udTئاقيول تور بىكىتى

       2. توخۇ توپىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان يورۇتۇش ۋاقتى: توخۇ توپى تۇخۇم تۇغۇشقا باشلىغاندىن كيىن، ھەر كۈنى14 ~ 16سائەت يورۇتسا مۇۋاپىق، يەنى يەردىن 2مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايغا ھەر 0.37كۋادرات مېتىرغا بىر ۋاتتىن توغرىلاپ چىراغ ياقسا بولىدۇ. يورۇتۇش ۋاقتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ تۇخۇم تۇغۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە يورۇتۇش ۋاقتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ تۇخۇم تۇغۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يورۇتۇش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياكى يورۇتۇش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا بولمايدۇ، بولمىسا تۇخىم تۇغۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.udTئاقيول تور بىكىتى

       3. سۈنئىي يورۇتۇش ئۇسۇلى ئادەتتە، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 12 سائەتكە يەتمىسە، ئاندىن سۈنئىي يورۇتۇش زۆرۈر. تولۇقلاپ يورۇتۇش ئارقىلىق كۈندىلىك يورۇتۇش ۋاقتىنى 14 سائەت ئەتراپىغا يەتكۈزۈش كېرەك. تولۇقلاپ يورۇتۇشتا كۈندە 2 قېتىم چىراغ يېقىپ يورۇتسا بولىدۇ. يەنى، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6دىن باشلاپ تاڭ ئاتقۇچە، كەچتە قاراڭغۇ چۈشكەندىن باشلاپ كەچ سائەت 8گىچە چىرغ ياقسا بولىدۇ. ھەركۈنى چىراغ يېقىش، ئۆچۈرۈش ۋاقتى ۋە توك مەنبەسى مۇقىم بولۇش، چىراغ بىلەن چىراغنىڭ ئارىلىقى 3مېتىر بولۇشى، يەم ۋە سۇ ئوقۇرلىرى چىراغ ئاستىغا قويۇلۇشى كېرەك.udTئاقيول تور بىكىتى

       4. دېققەت قىلىدىغان ئىشلار: تېنى ئاجىز، يېتىلىشى ياخشى بولمىغان، تەن ئېغىرلىقى يېنىكرەك بولغان ھەمدە 6 ئايلىقتىن كىچىك بولغان توخۇ توپىنى ئادەتتە سۈنئىي يورۇتمىسىمۇ ياكى كېچىكىپرەك يورۇتسىمۇ بولىدۇ. بولمىسا، تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بىر مەھەل ئاشقان بىلەنمۇ، ناھايىتى تېزلا چېكىنىپ، پۈتۈن يىللىق تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىگە تەسىر يېتىدۇ.udTئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى باقمىچىلىق تېخىنىكىلىرى