1. سەۋەبى ئۈچەينىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە ئىچكى ئاجراتمىلارنى ئاجرىتىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن ماياقلار يىغىلىپ، ئارقىغا سىلجىماي، ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قېلىپ، سۈيى سۈمۈرۈلۈپ، ئۈچەيگە كەپلىشىپ تۇرۇپ قالغانلىقتىن؛ يەم - خەشەكنىڭ تالا تەركىبى بەك تۆۋەن ياكى تەركىبىدە توپا، قۇم بولۇشتىن ھەمدە قوي يېتەرلىك سۇغىرىلمىغانلىقتىن، قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ.
2. ئالامىتى كېسەل قويدا جىمغۇرلۇق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئۈچەينىڭ ھەرىكىتى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىش، ئاغزى قۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە ئازراق قاتتىق، 2 ئۇچى ئۇچلۇق ماياقلايدۇ، كېيىن ماياقلىمايدۇ. بەزىدە پات - پات بېلىنى ئېگىپ، ئىنجىقلايدۇ، لېكىن ماياقلىمايدۇ، قورسىقىغا قارايدۇ، بۇ قورسىقى ئاغرىغان ئالامەتكە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىمەيدۇ، سۈيدۈكى ئاز، سەل قېنىق (قىزغۇچ قوڭۇر) بولىدۇ.
3. ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش 1) ئالدىنى ئېلىش: يەم - خەشەك، بوغۇزنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ بېرىشكە دىققەت قىلىش، ئوت -چۆپلا بەرمەي، يېشىل سىلوس، تۈگۈنەك يىلتىزلىق، شىرنىلىك يەم - خەشەكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. يېتەرلىك سۇغىرىش، مۇۋاپىق ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك. 2) داۋالاش: 80g ~ 100g ماگنىي(ناترىي) سۇلفات، 5g ئىختىئول، 20ml ئىسپىرتنى 200ml ئىسسىق سۇدا ئېرىتىپ، ئىچۈرسە بولىدۇ. 150ml سۇيۇق پاراففېن، 20ml زەنجىۋىل تىنىكتۇرىيىسىنى ئىچۈرسە بولىدۇ. قەۋزىيەت ئېغىر بولۇپ، سۈرگۈ دورىسىنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، %3 لىك پىلوكارىپىن(ماۋگويۈنشياڭجىيەن 碱香芸果毛) دىن 0.5ml نى تېرە ئاستىغا ئۇرسا بولىدۇ. ئىلمان سوپۇن سۈيىنى ھەمەل (كلىزما) قىلىش: ھەمەل قىلغاندا ئىنچىكە رېزىنكە شلانكىنىڭ بىر ئۇچىغا ۋىرىنكا ئورنىتىپ، سوپۇن سۈيىنى قۇيۇپ يەنە بىر ئۇچىدىن سۇ چىققاندا قوينىڭ مەقئىتىگە كىرگۈزۈپ، بىر تەرەپتىن تۈز ئۈچىيىگە سۇ كىرگۈزۈپ، بىر تەرەپتىن شلانكىنى تۈز ئۈچەيگە ئىتتىرىپ كىرگۈزۈش كېرەك. قوي ئىنجىقلىغاندا چىقىرىۋېلىپ قوي سۇنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن يەنە قايتىدىن شلانكىنى كىرگۈزۈپ سۇ ماڭدۇرسا بولىدۇ. بۇنى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلاش كېرەك. ئادەتتە سوپۇن سۈيى 5000ml دىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>