• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئالما دەرىخىدىكى قاسراقلىق قۇرتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

                                                                   پاشاگۈل ئابدۇراھمانfugئاقيول تور بىكىتى

      ئادەتتە ئالمىغا زىيان سالىدىغان قاسراقلىق قۇرتنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالمىغا قاسراقلىق كىلون قۇرتى، نەشپۈتنىڭ يۇمىلاق قاسراقلىق قۇرتى، شاپتۇلنىڭ قاسراقلىق قۇرتلىرى ئاساسلىق زىيان سالىدۇ.fugئاقيول تور بىكىتى

      بۇ خىل زىيانداش ھاشاراتلارنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن يوقاتقىلى بولىدۇ.fugئاقيول تور بىكىتى

     1.كۆچەتنىڭ قەلەمچە قىلىدىغان نوتىلىرىنى يۆتكەش جەريانىدا، بۇ خىل قۇرتنىڭ بىللە يۆتكىلىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تېخنىكىلىق ئۆلچەم بويىچە تەكشۈرۈپ، كارانتىن تارماقلىرىنىڭ قاتتىق كارانتىن قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.fugئاقيول تور بىكىتى

     2. قىشتىن ئۆتۈش جەريانىدا قاسراقلىق قۇرت مەنبەسىنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك. يەنى قىشلىق چاتاشقا بىرلەشتۈرۈپ، قاسراقلىق قۇرت بار شاخلارنى چاتىۋېتىش ياكى قىش ئۆتكەندە چوتكىلاپ چۈشۈرۈۋېتىپ، ھاشارات بار شاخلار بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك.fugئاقيول تور بىكىتى

     3.دورا بىلەن يوقىتىش كېرەك. مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ بىخلىرى كۆكلەپ يوپۇرماق چىقىرىشتىن 20 كۈن ئىلگىرى %5لىك ھاك – گۈڭگۈرت ئېرىتمىسى ياكى %5 – %6 لىك سەنەركە سۇيۇقلۇقىنى پۈركۈش ئارقىلىق بۇ خىل قۇرت مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك. ئادەتتە %0.3 لىك ھاك – گۈڭگۈرت ئېرىتمىسىنى، 1000 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇلغان %80لىك دىدىۋىنى چاچسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.fugئاقيول تور بىكىتى

     4 .يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەخسۇس قاسراقلىق قۇرتنى ئۆلتۈرۈش دورىلىرىنى ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.fugئاقيول تور بىكىتى

      ( ئاپتور: يەكەن ناھىيەلىك يېزائىگىلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە مەكتىپىدىن)fugئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز