• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئوغۇتلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىللىرى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كۆچەت مەزگىلى: بۇ مەزگىلدە مېۋىلىك دەرەخنىڭ دەرەخ تاجى بولۇق ئۆسۈپ، دەرەخ يىلتىزى چوڭىيىپ ئوزۇقلۇققا موھتاج بولىدۇ. ئەگەر بۇ مەزگىلدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، كېيىن ھەسسىلەپ تولۇقلىغان بىلەنمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇڭا فوسفورلۇق ئوغۇتقا مۇۋاپىق مىقداردا ئازوتلۇق ۋە كالىيلىق ئوغۇت ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش مېۋىلىك دەرەخنىڭ بۇرۇن مېۋىلەپ، مول – ھوسۇل بېرىشىدىكى ھالقىلىق تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.   مېۋىلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى: مېۋىلىك دەرەخلەر تېخى مېۋىلىمىگەن ياكى مېۋىسى غورا بولغان ۋاقىتتا دەرەخ تاجى كېڭىيىپ، چېچەك بىخلىرى بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئازوتلۇق ئوغۇت بېرىش ئاساسىدا فوسفورلۇق ۋە كالىيلىق ئوغۇتنىمۇ قوشۇپ بېرىش كېرەك.  مېۋىلەشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى: بۇ مەزگىلدە مېۋىلىك دەرەخ كۆپ مېۋىلەپ، چېچەك بىخلىرى بۆلۈنگەنلىكتىن ئازوتلۇق، كالىيلىق، فوسفورلۇق ۋە كالتسىيلىق ئوغۇتنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش، بولۇپمۇ كالىيلىق ئوغۇتنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ بېرىش كېرەك.   تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلى: مېۋىلىك دەرەخلەر تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىدىن كېيىن دەرەخ ئاجىزلاشقا باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئازوتلۇق ئوغۇتنى كۆپەيتىپ بەرگەندە، مېۋىلىك دەرەخ يېڭىلىنىپ، كېلەركى يىلى ياخشى مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.N1qئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز