• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • چىلاننى كۈزدە ئاساسىي ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش تېخنىكىسى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    1. چىلاننى كۈزدە ئاساسىي ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشنىڭ ئەھمىيىتى. چىلاننى كۈزدە ئوغۇتلىسا، دەرەخ غولىدا ئوزۇقلۇق توپلاپ، شاخنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلەتكىلى، ياغاچلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، دەرەخنى كۈچلەندۈرگىلى، قىشتىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى، ئىككىنچى يىلى مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.JZ1ئاقيول تور بىكىتى

    2. ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش. قىغ، مەھەللىۋى ئوغۇت، يېشىل ئوغۇت، كۈنجۈرە، گەندە قاتارلىق ئورگانىك ئوغۇتنى ئاساس قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا مەخسۇس بىرىكمە ئوغۇت قوشۇپ ئوغۇتلاش كېرەك. تۈپنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، مەھسۇلات مىقدارىغا ئاساسەن ئوغۇتلاش مىقدارىنى بېكىتىش كېرەك. ئادەتتە، ھەر تۈپنى 30kg - 50kg ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىسا بولىدۇ. ئوتاش، باغنى تازىلاشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئوت - چۆپ، غازاڭنى قۇر ئارىلىقىغا چوڭقۇر كۆمۈپ، تۇپراقنىڭ ئورگانىك تەركىبىنى ئاشۇرۇش كېرەك.JZ1ئاقيول تور بىكىتى

    3. بالدۇر ئوغۇتلاش. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يىلتىزنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ئوغۇتلاپ يېرىم ئايدىن كېيىن يېڭى يىلتىز چىقىپ، ئوزۇقلۇق، سۇ سۈمۈرىدۇ، بۇ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشكە پايدىلىق. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ئوغۇتلىغان ياخشى.JZ1ئاقيول تور بىكىتى

    4. ئوغۇتلاش ئۇسۇلى. باغدىكى تۈپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، زىچلىقى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئاساسىي ئوغۇت ئەھۋالىغا ئاساسەن، تۈز چۆنەكلەپ ئوغۇتلاش، ھالقىسىمان چۆنەكلەپ ئوغۇتلاش، چاچما تۈز چۆنەكلەپ ئوغۇتلاش ۋە ئورەك كولاپ ئوغۇتلاش ئۇسۇللىرىنى قوللانسا بولىدۇ. چۆنەك، ئورەكنىڭ چوڭقۇرلۇقى 30cm - 40cm بولۇش كېرەك. ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنى ھەر يىلى ئالماشتۇرۇش، چۆنەك ئالغان، ئورەك كولىغاندا ئىمكانقەدەر يىلتىزنى ئاز زەخىملەندۈرۈش، بولۇپمۇ دىيامېتىرى 0.5cm دىن توم بولغان يىلتىزنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك.JZ1ئاقيول تور بىكىتى

    5. چوڭقۇر ئاغدۇرۇش. كەچ كۈز، باش قىشتا تۇپراق توڭلاشتىن ئىلگىرى چىلانلىقنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇر ئاغدۇرسا، تۇپراقنى يۇمشىتىپ، يىلتىز سۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى ھەمدە يەر يۈزىدىكى قالدۇق ئوت - چۆپ، غازاڭلارنى تۇپراققا چوڭقۇر كۆمىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇپراقتا قىشلىغان كىچىك ئۆزەك قۇرتى، چىلان يېپىشقاق زەمبۇرۇغى، چىلان گەزلىمە قۇرتى قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلارنى تۇپراق يۈزىگە چىقىرىپ يوقاتقىلى بولىدۇ. 20cm چوڭقۇرلۇقتا ئاغدۇرسا مۇۋاپىق.JZ1ئاقيول تور بىكىتى

    6. تىرنىلاپ نەملىك ساقلاش. توڭ ياتقۇزغاندىن كېيىن يەر ئازراق قۇرىغاندا باغنى تىرنىلاپ، تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاش كېرەك. بۇنىڭدا يەنە ئەتىيازدا تۇپراق تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلەپ، توڭ بالدۇر ئېرىيدۇ، بۇ چىلان يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ھەرىكىتى ۋە بىخلىنىشىغا پايدىلىق.JZ1ئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز