• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئۈزۈم

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    4GRئاقيول تور بىكىتى

    ئۈزۈم -كىشىلەر تەرىپىدىن ئەتىۋارلىق مېۋە دەپ قارىلىدىغان بولۇپ ، دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددا يۇقىرى بولۇپ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ:رەڭدار ،پۇراقلىق ،تەملىك ،شۇنداقلا ئەڭ ياخشى مېۋىلەرنىڭ بىرى.ئۇنى ھەم بىۋاستە يېيىشكىمۇ ، قايتا پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن يېيىشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن ،ئۈزۈم ھارىقى ، ئۈزۈم شەربىتى ، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار.ئۈزۈمنىڭ يۇقارقىدەك ئارتۇقچىلىقى بولۇپلا قالماي،ئۇنىڭ مېۋىسىنى ،يىلتىزىنى ،يوپۇرمىقىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ،ئۈزۈمنىڭ ھەممىلا يېرى گۆھەرھېسابلىنىدۇ.4GRئاقيول تور بىكىتى

    ئۈزۈم يەنە شىنجاڭدىكى تېرىلىش كۆلىمى ئەڭ كۆپ بولغان باغۋەنچىلىك زىرائىتى ، ئۇنىڭ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى 2000 يىلدىن ئاشىدۇ . XXئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن بۇيان ، ھاراق ئىشلەش ، قۇرۇتۇش ۋە ھۆل پېتى يېيىش ، سىرتقا سېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ ، شىنجاڭدىكى ئۈزۈمنىڭ كۆلىمى ۋە مەھسۈلاتى كۆپلەپ ئاشتى . 2000 - يىلى ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 59 مىڭ گېكتار بولۇپ ، بىرلىك مەھسۇلاتى 11 مىڭ 576 كىلوگرام ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 683 مىڭ 600 توننىغا يەتكەن . ئۈزۈم ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار ئاساسلىقى تۇرپان ئويمانلىقى ۋە قۇمۇلغا جايلاشقان . ئۈزۈم ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۈزۈم كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى ، مەھسۇلاتى 3-2 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ . شىنجاڭنىڭ ئۈزۈمى يۇقىرى ھوسۇللۇقى ۋە سۈپىتىنىڭ ئەلالىقى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . تەركىبىدىكى ئېرىشچان قاتتىق ماددا مىقدارى%19 -%21 ، قەنت تەركىبى 16-18 گرادۇس بولۇپ ، شىمالىي جۇڭگو رايونىدىكى مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا 2-3 گرادۇس يۇقىرى . يەرلىك سورتلار 100 خىلدىن ئاشىدۇ . ئەلا سۈپەتلىك سورتلاردىن كىشمىش ئۈزۈم ، مۇناقى ، ئاق كىشمىش ، خوتەن قىزىل ئۈزۈمى قاتارلىقلار بار .4GRئاقيول تور بىكىتى

    ئۈزۈمنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، ئۇنى قۇرۇق يىگەندە ، نېرۋا زەئىپلىشىش ، ھەزىم ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق،ئىششىپ قېلىش،تولغاق قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە راكقا قارشى تۇرۇش،راك ھۈجەيرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش،ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش،قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.4GRئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز