• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • باغ پەرۋىشىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كۈزلۈك ئوغۇتلاش: مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى ئۈزۈپ بولۇپ، دەرەخنىڭ سايىسى چۈشمەيدىغان دائىرىدە ھالقا شەكىللىك، چوڭقۇرلۇقى 50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 60 سانتىمېتىر ئورەك كولاپ، ئورەككە ئوغۇت تۆكۈپ توپا بىلەن كۆمىمىز. ئوغۇتنىڭ ئاز – كۆپلۈكى دەرەخنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ، تەخمىنەن ھەر بىر تۈپكە چىرىگەن ئوغۇتتىن 150 200كىلوگىرامغىچە، يەنە ئۇنىڭغا بور، تۆمۈرلۈك سولفاتتىن 150 گىرامدىن، كالتسىي سۇپىر فوسفاتتىن 1.5 0.5 كىلوگىرامغىچە كۆمىمىز.I1bئاقيول تور بىكىتى


    I1bئاقيول تور بىكىتى

    چوڭقۇر ئاغدۇرۇش: ئاغدۇرۇش چوڭقۇرلۇقى دەرەخنىڭ ئاساسلىق يىلتىزى تارقالغان تۇپراق قەۋىتىدىن چوڭقۇر بولىدۇ. تەكشى ئاغدۇرىمىز، ئاغدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوغۇتلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قاندۇرۇپ سۇغىرىمىز. ئۆسۈشى توختىمىغان ھارام شاخلارنىڭ ئۇچىنى كېسىۋېتىمىز.I1bئاقيول تور بىكىتى


    I1bئاقيول تور بىكىتى

    شاخلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى كونترول قىلىش: ھەددىدىن زىيادە قويۇق شاخلارنى چاتىۋېتىپ، ئوزۇقلۇقنى ساقلاپ قالىمىز، بۇ چېچەك بىخلىرىنىڭ پىشىشىغا پايدىلىق.I1bئاقيول تور بىكىتى


    I1bئاقيول تور بىكىتى

    چاتاش: مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، سورتلارنىڭ پەرقىگە ئاساسەن مۇۋاپىق چاتايمىز، بالدۇر پىشىدىغان سورتلارنى بۇرۇن چاتايمىز، كېيىن پىشىدىغان سورتلارنى كېيىنرەك چاتايمىز. چاتىغاندا كېسەل تەككەن، ھاشارات زىيان سالغان، قويۇق ئۆسكەن شاخلارنى چاتىۋېتىپ ياكى قىسقارتىپ، دەرەخ تۈپىدە مۇۋاپىق دەرەخ تاجىسىنى شەكىلەندۈرۈپ، مېۋىلىك دەرەخنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىساق، مول – ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلالايمىز. I1bئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز