• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش ئۇسۇلى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، ئادەتتە، قىشلىق ۋە يازلىق چاتاش دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. شۇڭا، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتىغاندا، تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىلىۋېلىش لازىم:4rkئاقيول تور بىكىتى


    4rkئاقيول تور بىكىتى

    1.شاخنىڭ مىقدارى بىلەن مېۋىلەشنىڭ مۇناسىۋىتى4rkئاقيول تور بىكىتى


    4rkئاقيول تور بىكىتى

      مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ يەككە تۈپ بويىچە ياكى بىرلىك كۆلەمدە ئۆسكەن ئومۇمىي شاخ مىقدارى شاخ مىقدارى، دەپ ئاتىلىدۇ. شاخ يېتەرلىك بولمىسا، مېۋە ئاز بولىدۇ، شاخ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، دەرەخ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تارقىلىپ كېتىدۇ ھەم دەرەخ شاخلىرىغا يورۇقلۇق تولۇق چۈشمەي، ئۈنۈملۈك شاخ نىسپىي ئازىيىپ كېتىدۇ – دە، مېۋىنىڭ سۈپىتى ناچار بولىدۇ. شۇڭا، شاخنىڭ ئاز – كۆپ بولۇشى ۋە سۈپەتلىك بولۇشى ئاساسەن مېۋىلىك دەرەخ سورتىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى، تۈپ ئارىلىقى، چاتاش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.4rkئاقيول تور بىكىتى


    4rkئاقيول تور بىكىتى

    2.شاخنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن مېۋىلەشنىڭ مۇناسىۋىتى4rkئاقيول تور بىكىتى


    4rkئاقيول تور بىكىتى

      مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇزۇن – قىسقا شاخلىرىنىڭ نىسبىتى شاخ تۈرلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە، شاخنىڭ ئۇزۇن – قىسقا بولۇشى شاخلارنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىدىكى ئۇزۇن – قىسقىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن: قىسقا شاخنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى ئاران 15 كۈندىن 20 كۈنگىچە بولىدۇ، لېكىن ئۇزۇن شاخنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى داۋاملىق ئۇزىراپ، ئادەتتە، كۈز پەسلىگىچە بارىدۇ. شاخلارنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مېۋە بېرىشىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بۇنىڭدىن شاخلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەڭشەش مېۋىلىك كۆچەتلەرنىڭ بالدۇر مېۋىگە كىرىشى، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل يۇقىرى، مۇقىم مېۋە بېرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تېخنىكىلىق ئۇسۇلى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، مېۋىلىك دەرەخلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ چاتالسا ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.4rkئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز