• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • سۈت كالىسى زەمبۇرۇغلۇق تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    wWHئاقيول تور بىكىتى
     wWHئاقيول تور بىكىتى

     wWHئاقيول تور بىكىتى

     1. ئالامىتى: كالا يۇقۇملانغاندا دەسلەپتە باش قىسمىدا كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ كۆز ئەتراپى، بويۇن قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆرۈلۈپ، كېيىن بەدەنگە تارايدۇ. جايلىق ئورۇننىڭ يۇڭى تۆكۈلىدۇ، كېسەلنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تېرىدە چېگرىسى ئېنىق بولغان يۇمۇلاق تاقىر جاي پەيدا بولىدۇ، بەزى قىسىملىرىنىڭ تېرىسى پۈرتۈپ قېلىنلاپ، قوڭۇر تاشپاختىغا ئوخشاپ قالىدۇ، دەسلەپكى باسقۇچتا قىچىشمايدۇ، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ قىچىشىشقا باشلايدۇ.wWHئاقيول تور بىكىتى

     2. ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش:wWHئاقيول تور بىكىتى

     1) ئايرىش: بارلىق كالىنى بىر - بىردىن تەكشۈرۈپ، كېسەل ئالامىتى كۆرۈلگەنلىرىنى ئايرىم قوتاندا مەخسۇس خادىم بېقىش، كېسەللەنگەن كالىغا مەسئۇل خادىم تىمەن كالا قوتىنىغا قەتئىي كىرمەسلىك كېرەك.wWHئاقيول تور بىكىتى

     2) پاكلاشنى كۈچەيتىش: ئەتراپلىق تازىلىق قىلىپ، تەلتۆكۈس پاكلاش كېرەك. قوتاننى كۈندە ئىككى قېتىم تازىلاش، ئىككى قېتىم لىزول (安苏儿)، بەيدۇشا (白毒杀) بىلەن ئالماشتۇرۇپ پاكلاش، قوتان سىرتىنى، سايمانلارنى، مەيداننى كۈندە بىر قېتىم تازىلاپ پاكلاش، خادىملارمۇ پاكلىنىش كېرەك.wWHئاقيول تور بىكىتى

     3) داۋالاش تەدبىرلىرى: يۇقۇملانغان كالىنى داۋالاش 3 كۇرس داۋاملىشىدۇ، ھەر بىر كۇرس 7 كۈن. (1) گرىزېئوفۇلۋىن (خۇيخۇاڭمېيسۇ 灰黄霉素) ئەسلى پاراشوكىنى كالىغا ھەر قېتىمدا 5g دىن توغرىلاپ، كۈندە 2 قېتىم ئىچىملىك سۈيىگە قوشۇپ ئىچۈرۈش كېرەك. (2) ئالدى بىلەن جايلىق ئورۇننى لىزول ئېرىتمىسىگە چىلانغان لۆڭگە بىلەن نەمدەپ، ئاندىن چىش چوتكىسى بىلەن جايلىق ئورۇندىكى قاقاچنى چىقىرىۋېتىپ، %5 - %10 لىك يود تىنكتۇرىيىسى (碘酊) سۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۈستىگە داكېنىڭ (达克宁) سۈرۈپ قويسا بولىدۇ. (3) قىرىۋەتكەن قاقاچنى يىغىپ ماي چېچېپ كۆيدۈرىۋېتىش، يۇقۇملانغان كالىغا ئىشلەتكەن ئەسۋابلار، مەيداننى پاكلاش، خادىملارمۇ پاكلىنىش كېرەك.wWHئاقيول تور بىكىتى

     4) ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: (1) تىمەن كالىنىڭ ئىچىملىك سۈيىگە گرىزېئوفۇلۋىن ئەسلى پاراشوكى قوشۇپ بېرىش كېرەك. ھەر قېتىمدا ھەر بىر كالىغا 4g دىن توغرىلاپ، كۈندە 2 قېتىم بەرسە بولىدۇ. (2) كالىنى ھەر كۈنى ھەرىكەت مەيدانىغا چىقىرىپ ئاپتاپسىندۇرۇش كېرەك. ھاۋا ئوچۇق كۈنى ھەر كۈنى چۈشتە سائەت 12 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 كىچە چىقارسا بولىدۇ. كالىنى قوتانغا قايتۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن ھەرىكەت مەيدانىنى تازىلاپ پاكلاش كېرەك.wWHئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى باقمىچىلىق تېخىنىكىلىرى