كېسەل مەنبەسىنى يوقىتىپ، جايلىق ئورۇننىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، ئاجرالمىلارنىڭ غىدىقلىشىنى ئازايتىپ، ياللۇغنىڭ قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇياقنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جايلىق ئورۇننىڭ يۇڭىنى قىرقىۋېتىپ، سوپۇن سۈيى ياكى بروموگېرامسىن (شىنجيېئېرميې 新洁尔灭) بىلەن يۇيۇش، كېسەل ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋالاش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.
1. كېسەل كۆرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قورۇش ۋە سۇيۇقلۇق چىقىشنى تىزگىنلەش دورىسى ئىشلىتىش كېرەك. مېتىل ۋىئولېت لوڭدەنزى 龙胆紫)، %1) لىك مارگانسوپ ئېرىتمىسى سۈرۈپ، تېڭىپ قويسا بولىدۇ.
2. يىرىڭلىق يارىنى %3 لىك ھىدروپېروكسىد (گوياڭخۇاچىڭ 过氧化氢) ياكى %1 لىك مارگانسوپ، بروموگېرامسىن ئېرىتمىسى بىلەن پاكىز يۇيۇپ، نىكروزلانغان توقۇلما ۋە يىرىڭلىق ئاجراتمىلارنى چىقىرىۋېتىپ، جايلىق ئورۇنغا ئانتىبىيوتىك مەلھەم سۈرۈپ، ئاندىن يود تىنكتۇرىسىغا چىلانغان داكا بىلەن تېڭىپ قويۇش كېرەك.
3. جايلىق ئورۇن توقۇلمىسى جاراھەتلەنگەن، تېرە توقۇلمىسى ئۆسۈپ قالغان بولسا، نىكروزلانغان توقۇلمىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۆسۈپ قالغان قىسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، مارگانسوپنى سوقۇپ ياكى %10 لىك مىس سۇلفات (ليۇسۈەنتوڭ 硫酸铜) قاتارلىقلار بىلەن داغلىسا، قان توختىتىپ، ياللۇغ قايتۇرغىلى، قورۇغىلى بولىدۇ. قان بەك كۆپ چىقسا، داغمال بىلەن داغلاپ قان توختاتسا بولىدۇ. جايلىق ئورۇننى داۋالىغاندىن باشقا، يەنە تېنىدىكى ئالامەتكىمۇ دىققەت قىلىش، جايلىق ئورۇننىڭ فۇنكسىيەسى توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلسە، مۇسكۇلغا ئاغرىق توختىتىش ئوكۇلى ئۇرۇش ھەمدە پروكائىن پېنسىلىن (پۇلۇكايىن چىڭمېيسۇ 普鲁卡因青霉素) بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، جايلىق ئورۇننى بلوكادا قىلىش ياكى كالتسىي خىلورىد قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ داۋالاش كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى ئۇسۇلىدا داۋالىسىمۇ بولىدۇ. يەنى، 10g كۇئانداڭ گۇاڭدەن 广丹)، 20g) ياللۇغ قايتۇرۇش پاراشوكى، 0.2g بورنېئول (بىڭپيەن 片ۆ)، 5g دەرەخ يېلىمى، 2g مۇرمەككە، 2g مەسىتكى رۇمى، ئازراق ئىپار تەييارلاپ، يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ، جايلىق ئورۇنغا سۈرۈپ، تېڭىپ قويۇش كېرەك.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>