ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىش پەسلى ئۇزۇن ، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېپېراتۇرا ۋە ۋاقىت پەرقى چوڭ بولۇپ ، چارۋا مال بورداشقا پايدىسىز . شۇڭا قىش پەسلىدە چارۋا مال بورداشتا تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك :
1. سوغۇقتىن مۇداپىيە كۆرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك . تېمپېراتۇرىنىڭ بورداقچىلىق ئۈنۈمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، ئەگەر ئېغىل - قوتان تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ كەتسە ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئېشىپ كېتىپ ، چارۋا ماللارنىڭ سەمىرىشىگە تەسىر يېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن قىش كىرىشتىن ئىلگىرى ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈش ، ئېغىل - قوتان قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ ، قوتان تېگىنىڭ قېلىن ھەم يۇمشاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . شارائىتى بار جايلاردا قىش پەسلىدە سۇلياۋ لاپاس ئىچىدە چارۋا مال بورداشنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك .
2. بېقىلىدىغان چارۋا مال زىچلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم . ئادەتتە بەلگىلىك كۆلەمدە بېقىلىدىغان چارۋا مال سانىنىڭ ئاز - كۆپلىكى ئېغىل - قوتان تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەگەر بېقىلىدىغان چارۋا مال سانى ئاز بولسا تېمپېراتۇرا تۆۋەن ، كۆپ بولسا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولىدۇ . دېمەك قىش پەسلىدە بوردىلىدىغان چارۋا ماللارنىڭ زىچلىقنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك . يەنى چارۋا ماللار قىسىلىشىپ ياتالىغۇدەك بولسا بولىدۇ .
3. كۈندىلىك يەم - خەشەك تەركىبىنى تەڭشەپ بېرىش كېرەك . قىش پەسلىدە چارۋا ماللار كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدۇ . شۇڭا بوردىلىدىغان چارۋا ماللارنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى بوغۇزنى مەلۇم نىسبەتتە كۆپەيتىپ بېرىش لازىم . بولۇپمۇ يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يەم - خەشەكلەر بىلەن بېقىش ، ئەڭ ياخشىسى كېچىسى يەنە بىر قېتىم يەم - خەشەك بېرىش لازىم . شۇنداق قىلغاندىلا چارۋا ماللارنىڭ سوغۇققا تاقابىلچانلىقىنى ، تەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
4. ئىلمان سۇ بىلەن سۇغىرىش لازىم . چارۋا ماللارغا سوغۇق ئوزۇقلۇقلارنى بەرمەسلىك كېرەك . قىش پەسلىدە چارۋا ماللارنى ئەڭ ياخشىسى 30 سىلسىي گرادۇسلۇق ئىلمان سۇ ياكى چوڭقۇر قۇددۇق سۈيى بىلەن سۇغىرىش لازىم . مۇزلاپ كاللەكلىشىپ قالغان ئوزۇقلۇقلارنى ھەرگىز بەرمەسلىك لازىم .
5. ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاپ بېرىش لازىم . قىش پەسلىدە كۆك ئوت - چۆپ كەمچىل بولغاچقا چارۋا ماللاردا ئاسانلا ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ . نەتىجىدە چارۋا ماللارنىڭ سەمرىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . شۇڭا چارۋا ماللارغا چوقۇم ئۆلچەم بويىچە ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلىق يەم - خەشەك خۇرۇچلىرى قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق چارۋا ماللارنىڭ ئوزقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم .
6. چارۋا ماللارنى قۇرتسىزلاندۇرۇش خىزمىتىنى بالدۇر ياخشى ئىشلەش لازىم . قىشتا بوردىلىدىغان چارۋا ماللارنى كۈزدە چوقۇم ۋاكسىنىلاپ بولۇش ، ھەرگىز سەل قاراپ قىش پەسلىگە قالدۇرماسلىق لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچكى پارازىت قۇرتلارنىڭ ئادىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ، ئېغىل - قوتانلارنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ھەم قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇش لازىم .
7. ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۈرۈشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم . قىش پەسلىدىمۇ ئېغىل - قوتانلارنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ ، ھاۋانىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .
8. چارۋا ماللارنى شامالدىتىپ ، كۈن كۆرسىتىش لازىم . كۆپىنچە كىشىلەر قىشتا بوردىلىدىغان چارۋا ماللارن كۈن نۇزى چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ جايلاردا باقىدۇ . بۇنداق قىلغاندا چارۋا ماللارنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن چارۋا ماللارنى ھاۋا ئوچۇق كۈنى مەلۇم ۋاقىت سىرتقا چىقىرىپ ئازىراق ھەرىكەتلەندۇرۇش لازىم .
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
سۈت كالىسى زەمبۇرۇغلۇق تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
كەپتەرنىڭ ئورۇقلاپ كېتىش سەۋەبى
توخۇ دېنىغا بۇغداي قوشقاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئاچچىقسۇ ئارقىلىق كالىنىڭ كېسىلىنى داۋالاش
گۆش كالىسى، گۆش قويى بېقىشنىڭ ئىستىقبالى بىر قەدەر ياخشى
بۆدۈنە بورداش ئۇسۇلى
غاز چۈجىسىدە يۇقۇملۇق زۇكام كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئۇسۇلى
بوردايدىغان كالىنى تاللاش ۋە يۆتكەشتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلار
ئالتاي قويىنىڭ نەسىل ئالاھىدىلىكى
سۈتى كۆپ سېغىن ئۆچكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى
