• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • قوينىڭ ھەمرىيى چۈشمەسلىكنىڭ سەۋەبى ۋە ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

      سەۋەبى قوي بوغاز مەزگىلدە ھەرىكىتى ئاز بولۇش، يېمىدە تۇز، ۋىتامىن كەم بولۇش، بېقىش، باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق، تېنى ئاجىز بولۇش، بالىياتقۇ ياللۇغى كۆرۈلۈش ۋە تېنىدە سىنك كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر قوينىڭ ھەمرىيى چۈشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.0Ooئاقيول تور بىكىتى

        دىياگنوز قويۇش كېسەللەنگەن قوي بېلىنى ئېگىپ، ئارامسىزلىنىپ تولغىنىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ سەل جىمغۇرلىشىدۇ، دائىم يېتىۋالىدۇ، تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، نەپەس ئېلىشى ۋە تومۇر سوقۇشى تېزلىشىدۇ. ئەگەر، ھەمرىيى ئۇزاققىچە چۈشمىسە، قوينىڭ جىنسىي يولىدىن سېسىق چىللە خۇن كېلىدۇ، تەركىبىدە كۈلرەڭ ئەش پارچىلىرى ۋە تومۇر بولىدۇ.0Ooئاقيول تور بىكىتى

        ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قوي قوزىلاپ 48 سائەتتىن كېيىنمۇ ھەمرىيى چۈشمىسە، دورا ئىشلىتىپ چۈشۈرۈش كېرەك. دورا بىلەن داۋالىغاندا مالەي سۈەنمەيجياۋ شىنجيەن (碱新角麦酸ئە马) ئوكۇلىدىن0.5ml نى مۇسكۇلغا بىر قېتىم ئۇرۇش ياكى پىتۇيترىن (چۈيتى خوۋيېسۇ 素叶后体垂) ئوكۇلى ياكى ئوكسىتوتسىن (سۈيچەنسۇ 催产素) ئوكۇلىدىن 0.8ml- 1ml نى مۇسكۇلغا بىر قېتىم ئۇرۇش كېرەك.0Ooئاقيول تور بىكىتى

        ئەگەر، دورا ئىشلىتىپ 48-72 سائەتكىچە ھەمرىيى يەنىلا چۈشمىسە، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەك.0Ooئاقيول تور بىكىتى

        چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىقمۇ ھەمرىيىنىڭ چۈشۈشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. بالىياتقۇ ئىچىگە تېررامىتسىن (تۇمېيسۇ土霉素) كاپسۇلىدىن 0.5g كىرگۈزسە، ھەمرىيىنىڭ چۈشۈشىنى تېزلىتىدۇ.0Ooئاقيول تور بىكىتى

        جۇڭگو تېبابەت دورىسى ئارقىلىق قوينىڭ ھەمرىيىنى چۈشۈرۈش:9g كىرەش (داڭگۈي 归当)، 6g بايناق (بەيجۇ 白术)، 9g گۈلبوغۇن يىمۇساۋ 益母草)، 3g ) شاپتۇل مېغىزى، 6g زاراڭزا، 3g كاشىم چۈەنشيوڭ 川芎)، 3g) ئاپېلسىن پوستى قاتارلىقلارنى ئېزىپ، قايناقسۇغا چىلاپ ئىچۈرۈش كېرەك. كېسەللەنگەن قوينىڭ تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتكەندە ئانتىبىيوتىك ئوكۇل ئۇرۇش كېرەك.0Ooئاقيول تور بىكىتى

        ناترىي سېلېنىت-ۋىتامىن E(ياشىسۈەننا ۋېيشېڭسۇ 亚硒酸钠维生素E) ئوكۇلىنى قوي بوغاز مەزگىلدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 0.5ml دىن ئۇرسا، ھەمرىيى چۈشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.0Ooئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى باقمىچىلىق تېخىنىكىلىرى