• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • گۆش كەپتىرىنى بېقىش، باشقۇرۇشنىڭ تېخنىكىلىق مۇھىم نۇقتىلىرى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

        ئەلا نەسىلنى تاللاش «ئامېرىكا ئاق كەپتەر شاھى»، «تايلاند كۈمۈش كەپتەر شاھى»، «شياڭگاڭ كەپتەر شاھى»، «شېنجېن كەپتەر شاھى»، «خېمۇ كەپتىرى»، «كانۇ كەپتىرى» قاتارلىق ئەلا نەسىللىك كەپتەرلەرنى تاللاش كېرەك.65Aئاقيول تور بىكىتى

       مۇۋاپىق دان بېرىش گۆش كەپتىرىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق دان رېتسېپى: گۈرۈچ %45، كۆك پۇرچاق %25، كۆممىقوناق %20، بۇغداي %10 ياكى كۆممىقوناق %45، كۆك پۇرچاق %25، بۇغداي %15، ئاق قوناق %15. شارائىت بولسا، ئازراق كەندىر ۋە ماش قوشۇپ بېرىش كېرەك.65Aئاقيول تور بىكىتى

        يورۇتۇشنى كۈچەيتىش كەپتەرنى كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش، ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئانا كەپتەرنىڭ بالىلىرىغا دان بېرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، كەچتە ئەڭ ياخشىسى كەپتەرخانىغا 6w ~ 10w لىق ئېنېرگىيە تېجەر چىراغدىن بىر قانچىنى ئېسىپ قويۇش كېرەك.65Aئاقيول تور بىكىتى

    قەرەللىك يۇيۇندۇرۇش كەپتەرنى قەرەللىك يۇيۇندۇرسا، سىرتقى پارازىت قۇرت كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەمدە ئۆسۈش ھورمۇنىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تېزلىتىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. توردا بېقىلىدىغان ياش كەپتەرنى ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم دۇشتا يۇيۇندۇرسا بولىدۇ، قەپەزدە بېقىلىدىغانلىرىنى تۇمانلاتقۇچ بىلەن سۇ پۈركۈپ يۇيۇندۇرۇش كېرەك، ئادەتتە ھەر 20 كۈندە بىر قېتىم يۇيۇندۇرسا بولىدۇ.65Aئاقيول تور بىكىتى

        كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش سىرتتىن كىرگۈزگەن ئەلا نەسىللىك كەپتەرنى چوقۇم قاتتىق كارانتىن قىلىش ۋە ئايرىپ كۆزىتىش كېرەك؛ كەپتەر باققان جايدا باشقا چارۋىلار ۋە ئۆي قۇشلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ باقماسلىق كېرەك؛ كەپتەرخانىنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاش ۋە قەرەللىك پاكلاش (دېزىنفېكسىيىلەش) كېرەك盎 كەپتەرگە ھەر 5 كۈندە بىر قېتىم پاكلاش دورىسى قوشۇلغان سۇ بېرىش كېرەك؛ كەپتەر باققۇچىنىڭ تېنى ساغلام بولۇشى ھەمدە پاكلاش ئۆيىدە پاكلانغاندىن كېيىن ئاندىن كەپتەرخانىغا كىرىشى كېرەك.65Aئاقيول تور بىكىتى

        ۋاقتىدا سېتىش گۆش كەپتىرىنى بازارغا سېلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتى 4 ھەپتىلىك (28 كۈنلۈك) بولغان مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىلدە تەن شەكلى چىرايلىق، ئېغىرلىقى مۇۋاپىق، گۆشىنىڭ سۈپىتى ۋە تەمى ياخشى، ئوزۇقلۇقى مول بولىدۇ.65Aئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى باقمىچىلىق تېخىنىكىلىرى