ھەر خىل تەركىبلەرنىڭ مىقدارى : ئۇرۇق تۈرىدىكى ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىنكى قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى %30 - %70 ، تۈگىنەك يىلتىز تۈرىدىكىلەر ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىنكى قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى %15 - %30 ، ھايۋانات يىرىك ئاقسىلى %15 - %10 ، ئۆسۈملۈك يىرىك ئاقسىلى %15 - %20 ، يېشىل ئوت - چۆپ پاراشوگى %30 - %10 ، مۇۋاپىق مىقداردا كالىتسىي پاراشوكى ۋە ئاش تۇزى ، يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بەزى خۇرۇچلارنى قوشسا بولىدۇ .
تەركىبلەرنى ئارىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى : 1 ) پاراشوكسىمان دانلارنى ئارىلاشتۇرۇش : ھەرخىل ماتېرىياللارنى قۇرۇق پاراشوك ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، ئاندىن ئارىلاشتۇرۇپ دانچە ھالەتكە كەلتۈرۈپ بەرسە بولىدۇ . بۇ ئۇسۇلدا ۋاقىت ، ئىش تېجىگىلى ۋە غازلارنىڭ دان تالىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . 2 ) پاراشوك ، دانچە دانلارنى ئارىلاشتۇرۇش : كۈندىلىك يېمىدىكى ئۇرۇق تۈرىدىكى داننىڭ بىر قىسمىنى ئۆز پېتى پاراشوك دان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلى بويىچە كۈندە بىر نەچچە قېتىم بەرسە بولىدۇ . 3 ) ئۇرۇق تۈرىدىكىلەر بىلەن يىرىك يەمنى ئارىلاشتۇرۇش : ئۇرۇق تۈرىدىكىلەرنى پاراشوك ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، توغرالغان يېشىل ئوت - چۆپ ، يېشىل كۆكتات ياكى كۆپ شىرنىلىك تۈگۈنەك يىلتىز تۈرىدىكىلەرگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە ، كالىتسىي پاراشوكى ۋە خۇرۇچىلارنى ئادەتتە پاراشوك دانغا ئارىلاشتۇرسا بولىدۇ . قۇمنى ئايرىم قاچىغا سېلىپ بېرىش كېرىك .
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
سۈت كالىسى زەمبۇرۇغلۇق تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
كەپتەرنىڭ ئورۇقلاپ كېتىش سەۋەبى
توخۇ دېنىغا بۇغداي قوشقاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئاچچىقسۇ ئارقىلىق كالىنىڭ كېسىلىنى داۋالاش
گۆش كالىسى، گۆش قويى بېقىشنىڭ ئىستىقبالى بىر قەدەر ياخشى
بۆدۈنە بورداش ئۇسۇلى
غاز چۈجىسىدە يۇقۇملۇق زۇكام كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئۇسۇلى
بوردايدىغان كالىنى تاللاش ۋە يۆتكەشتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلار
ئالتاي قويىنىڭ نەسىل ئالاھىدىلىكى
سۈتى كۆپ سېغىن ئۆچكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى
