تۇخۇم توخۇسى تۇخۇمدىن چىققاندىن تارتىپ كاتەكتىن چىقىرىلغىچە تەخمىنەن 72 ھەپتە بېقىلىدۇ، تۇخۇم توخۇسىنىڭ يۇقرق ھوسۇل ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن توخۇ نەسىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق بېقىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئىنتايىن مۇھىم.
تۆۋەن زىچلىقتا بېقىش
يېڭى تۇغۇلغان چۈجىلەر ئاجىز بولۇپ رىقابەت ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ، يەم يىيىش ئورنى يېتىشمىگەندە تەن ئېغىرلىقى چوڭىراق توخۇلار پۇرچاق كۈنجۈرىسى، قوناق قاتارلىق دانچىسىمان يەملەرنى كۆپىرەك يەيدۇدە ئاسان سەمىرىدۇ، كىچىك چۈجىلەر ئېشىپ قالغان پاراشوك ھالەتتىك يەملەرنىلا يېيەلەيدۇدە، كىچىك، ئاجىز ئۆسىدۇ ، نەتىجىدە يېتىلىشى ياخشى بولمايدۇ. چۈجە مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە كېيىن ئۇنى تولۇقلاش ئىنتايىن تەس بولىدۇ، چۈجىلەرنىڭ يىتىلىشى تەكشى بولمايدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە چۈجىلەردە سوڭى چىقىپ كېتىش، سوڭىنى چوقۇش ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئادەتتە 0 كۈنلۈكتىن 7 كۈنلۈككىچە بولغان ھەر بىر چۈجىگە ㎝2.5 يەم يىيىش ئورنى، ؛ 8 كۈنلۈكتىن 14 كۈنلۈككىچە بولغان ھەر بىر چۈجىگە ㎝3 يەم يىيىش ئورنى،14 كۈنلۈك بولغان ھەر بىر چۈجىگە ㎝3.5 يەم يىيىش ئورنى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، 14 كۈنلۈك بولغاندا كاتەكلەرگە ئايرىش . 35 كۈنلۈك بولغاندا تەن ئېشىرلىقنىڭ 350 گىرامدىن ئېغىر بولىشىغا، تەكشىلىك دەرىجىسىنىڭ %80 دىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
چۈجە، ياش توخۇلارنىڭ تەكشى، ئەتىراپلك ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يەم - خەشەكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى قانچە ناچار بولسا، توخۇلارنىڭ رىقابەت بېسىمى شۇنچە كۈچىيىدۇ، توخۇلارنىڭ تەكشىلىك دەرىجىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. باقمىچىلار يەم - خەشەك تاللىغاندا بولۇپمۇ چۈجە، ياش توخۇلارنىڭ يەم - خەشىكنى تاللىغاندا چوقۇم سۈپەتلىكلىرىنى تاللىشى كېرەك. %5 لىك ئارىلاشما يەم - خەشەكنى مىسالغا ئالساق، ھەر توننا ئالدىن تەييارلانغان ئارىلاشما يەم - خەشەكنىڭ باھاسى 800 يۈەن قىممەت بولسىمۇ، تولۇق ۋالېنتلىق يەم - خەشەكتىن ھەر كىلوگىرامى ئاران 0.04 يۈەن قىممەت بولىدۇ، ھەر بىر يېتىلگەن توخۇ 3 كىلوگىرام ئەتىراپىدا يەم يەيدۇ دەپ ھېسابلىغاندا ھەر بىر توخۇغا كىتىدىغان يەم - خەشەك پۇلى ئاران 0.12 يۈەن كۆپ بولىدۇ، دەل موشۇنداق ئاقىلانە ئىش قىلغاندا توخۇلارنىڭ ساغلام يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
3. يورۇقلۇقنى ياخشى تېزگىنلەش كېرەك.
كۈزلۈك. قىشلىق چۈجىلەرنىڭ تەن ئېغىرلىقى 1499 گىرامغا يەتمىگەندە سۇنئى يورۇلۇق تولۇقلاشقا بولمايدۇ، تەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە يەتكەنددە ھەر ھەپتىدىكى يورۇقلۇقن تولۇقلاش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ئەتىيازدا سۇنئى يورۇقلۇق تولۇقلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، تۇخۇملىشى %90 گە يەتمىگەندە ئومۇمى يورۇقلۇق چۈشۈش ۋاقتىنى 14 سائەت دائىرىدە تېزگىنلەش كېرەك؛ توخۇ كاتىكىنىڭ دېرىزە كۆلىمىنى كاتەك كۆلىمىنىڭ %90 ى دائىرىسىدە تېزگىنلەش كېرەك. ئاپتاپ بەك چۈشىدىغان كاتەكلەردە ئاپتاپ توسۇش تورى ئىشلىتىش كېرەك.
مېتىئونىن قاتارلىق تەركىبىدە گۈڭگۈرت بار ئامىنو كىلاتاسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تۇخۇم ئېغىرلىقنى تېزگىنلەپ، سوڭى چىقىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، نوقۇل ھالدا پۇرچاق كۈنجۈرىسى قاتارلىق ئاقسىللىق يەملەرنى بىرىشنى ئازايتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. يەم رېتسىپىدا تۈرلۈك ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى جۈملىدىن ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار ئۆز ئارا بىر - بىرىنى تولۇقلاش ھالىتىدە بولىدۇ. بەزى توخۇ باققۇچىلار تۇخۇمنىڭ چوڭىيىپ كىتىشى تۈپەيلىدىن سوڭى چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، يىرىك ئاقسىل تەركىبى بىر قەدەر ئاز رېتسىپلارنى قوللىنىدۇ، نەتىجىدە توخۇلارنىڭ كۈنلۈك يېمىدىكى تەركىبىدە گۈڭگۈرت بار ئامىنو كىسلاتاسى، مەسىلەن ئامنىو كىسلاتاسى قاتارلىقلار كەمچىل بولۇپ، سوڭ چىقىپ قېلىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
5. كاتەككە بۆلۈپ بېقىش
توخۇلارنىڭ تەن ئېغىرلىقنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە سېلىشتۇرغاندا توخۇلارنىڭ تەكشىلىك دەرىجىسىنىڭ پەرقى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق. ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى: چوڭ - كىچىك توخۇلارنى كاتەككە ئايرىپ بېقىش. كىچىكلىرىگە قارىتا كاتەك - قەپەزلەردە بىرىلىدىغان يەمنى ئايرىم تەييارلاپ بىرىش كېرەك، تەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە يەتمىگەن بولسا تەركىبىدە كالتىسى بار پاراشوكسىمان يەملەرنى كۆپەيتىپ بەرمەسلىك، ھەندە %1 چە سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك يېغى قوشۇپ بىرىش كېرەك.
ئاقسىل ئېنىرگىيە مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
تۇخۇملاشقا باشلىغان مەزگىلدە پۇچاق كۈنجۈرىسىنى تەدىرىجى قوشۇپ بىرىش كېرەك، تۇخۇملاشقا باشلىغاندىن كىيىن يەم - خەشەكنىڭ ماددا ئالمىشىش ئېنىرگىيىسى ھەر كىلوگىرامدا 2700 كىلوكالورىيەدىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئاقسىل ئېنىرگىيە مىقدارى نىسبىتى ھەر گىرامدا 143 - 146 مېگاجوئۇل ئەتىراپىدا (يىرىك ئاقسىل %18 - %16.5 ئەتىراپىدا) بولىشى، سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى 0.5%-1% قوشۇپ بىرىپ، تۇخۇملاش مەزگىلىدىكى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تولۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاقسىل تەركىبى ئاز، تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك، ئاقسىل ئېنىرگىيە مىقدارى نىسبىتى بەك يۇقىرى يەم خەشەك رېتسىپلىرى بويىچە بېقىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>