بۇ ، چارۋىلار ئابدىملىكنىڭ ئۇزۇقى ، كۈنجۈرىسى ۋە ئۇنىڭ غول ، يوپۇرماقلىرىنى يەۋېلىشتىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ ، بۇ خىل كېسەللىك ئادەتتە ئاندىمىلىك كۆپ تېرىلىدىغان جايلاردا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ .
ئابدىمىلىكنىڭ تەركىبىدە ئىككى خىل زەھەرلىك ماددا بولۇپ ، بۇنىڭ بىرى رىتسىن . بۇ ماددا ئابدىمىلىكنىڭ ئۇرۇقىدا %2.8 - %3 ، يېغىدا %1 بولىدۇ . يەنە بىرى رىتسفىن . بۇ ماددا ئابدىمىلىكنىڭ تەركىبىدە %2 بولىدۇ . رىتسىننىڭ زەھىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقتىن ، ئۇ چارۋا مالنىڭ ھەر بىر كىلوگرام تەن ئېغىرلىقىغا 0.2 مىللىگرامدىن توغرا كەلسلا چارۋا ئۆلىدۇ . رىتسىفىن بىر خىل ئالكالوئىد بولغانلىقتىن ئابدىمىلىكنىڭ پۈتۈن قىسمىدا بولسىمۇ ، زەھىرى ئاجىزراق بولىدۇ . ئۇ چارۋىنىڭ قېنىدىكى فېرىنلىق ئاقسىل ئېلېمېنتلىرىنى قاتۇرۇپ ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ئۇيۇتۇپ ، قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، جىددىي خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ . ئېغىر بولغاندا نەپەسلىنىش ، قان تومۇرلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش مەركىزى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ ، چارۋا مال ئۆلۈپ كېتىدۇ .
شۇڭا چارۋا ماللارنى ئابدىمىلىك ئېتىزىدا باقماسلىق كېرەك . ئەگەر چارۋا ماللار ئابدىمىلىك يەۋالسا ، تېزلىكتە - %3 - %5 لىك ناترى بىكاربونات (سودا ) ئىچكۈزۈپ ئاشقازاننى تازىلاش بىلەن بىرگە تۈز تۈرىدىكى سۈرگە دورىلىرىغا كىراخمال قوشۇپ بىر قېتىم ئىچكۈزۈش لازىم . ئېغىر دەىجىدە زەھەرلەنگەن ( چوڭ ) ماللاردىن ئالدى بىلەن 500 - 1000 مىللىلىتىر قان قويۇپ بېرىپ ، ئاندىن گلۇكوزىغا كامفورا ، نىكتامىد قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ يۈرەكنى كۈچەيتىپ ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇدىغان دورىلارنى ئۇكۇل قىلىش كېرەك . ئابدىمىلىك يوپۇرمىقىدىن زەھەرلەنگەن قويلارغا دەرھال 50 مىللىتىر ئاق ھاراق ئىچكۈزىۋەتسە ياخشى ئۈنۈم بېرىلىدۇ .
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
سۈت كالىسى زەمبۇرۇغلۇق تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
كەپتەرنىڭ ئورۇقلاپ كېتىش سەۋەبى
توخۇ دېنىغا بۇغداي قوشقاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئاچچىقسۇ ئارقىلىق كالىنىڭ كېسىلىنى داۋالاش
گۆش كالىسى، گۆش قويى بېقىشنىڭ ئىستىقبالى بىر قەدەر ياخشى
بۆدۈنە بورداش ئۇسۇلى
غاز چۈجىسىدە يۇقۇملۇق زۇكام كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئۇسۇلى
بوردايدىغان كالىنى تاللاش ۋە يۆتكەشتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلار
ئالتاي قويىنىڭ نەسىل ئالاھىدىلىكى
سۈتى كۆپ سېغىن ئۆچكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى
