1. مۇۋاپىق يايلىتىش قىشتا ھاۋا سوغۇق، قار كۆپ بولغاچقا، ئۆچكىنى يەر شەكلى تۆۋەنرەك، كۈنگەي تۈزلەڭلىكلەردە يايلىتىش، بەك يىراق جايغا ئاپارماسلىق، ھاۋا ئۆزگەرگەن ھامان قوتانغا قايتۇرۇش كېرەك. قىشتا ئوت-چۆپ كەمچىل، شۇڭا يايلاتقاندا ئاۋۋال ئوتلاقنىڭ يىراقراق يېرىدىن يېقىنغا، ئېگىز يېرىدىن پەسكە تەرتىپلىك يايلىتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئوت-چۆپ ئىسراپ بولمايدۇ، قىشتا ئۆچكىنى يايلىتىشقا ۋاقچىراق چىقىرىپ، ۋاقچىراق قايتۇرۇش، ئالدىرىماي يايلىتىش كېرەك.
2. يەم-خەشەكنى يېتەرلىك تەييارلاش قىشتا ئوت-چۆپ قۇرۇق ھەم ئاز، ئوزۇقلۇق تەركىبى يېتەرسىز، ئېنېرگىيەسى تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئۆچكە قىشتا يېتەرلىك يەم يېمىسە، ئاسانلا ئورۇقلاپ كېتىدۇ. شۇڭا، قىش كىرىشتىن بۇرۇن يېتەرلىك يەم-خەشەك تەييارلاپ، ئۆچكىنى قىشتىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈشكە ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.
3. ئۆچكە پادىسىنى رەتلەش قىش كىرىشتىن بۇرۇن ئاجىز، قېرى ئۆچكىلەرنى بىراك قىلىپ، قالغىنىنى ئورۇق - سېمىزلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق پادىغا ئايرىپ بېقىش كېرەك. ساغلىق تۆللەشتىن بۇرۇن ئايرىم قوتانغا يۆتكەپ پەرۋىش قىلىش، ئوغلاق تۇغۇلۇپ مەلۇم ۋاقىت ئېمىتكەندىن كېيىن، ۋاقتىدا ئوغلاق توپىغا ئايرىپ كۆندۈرۈش، پادىغا قوشۇلۇپ يىراققا كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئوغلاقلارنى يېقىنراق جايدا يايلىتىش، قوتانغا قايتۇرغاندىن كېيىن ئايرىم قوتانغا سولاش كېرەك.
4. سوغۇقتىن ساقلاش قىشتا ئۆچكە قوتىنىنى ياخشى تەكشۈرۈپ، تۆشۈك بار ئورۇننى مەھكەم ئېتىپ، قوتانغا سوغۇق ھاۋا كىرىشتىن ساقلاش، قوتاننىڭ قۇرغاق، ئىسسىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سوغۇق ئېقىم كىرگەندە سېلىنچىنى قېلىنلىتىش، قوتان ئىچىدە ئوت ياقماسلىق كېرەك، بولمىسا ئىس ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. تازىلىق ۋە ئىممۇنلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قىشتا ئۆچكە قوتىنىنى قەرەللىك تازىلاش، سېلىنچا، ئىچىملىك سۈيى ۋە يەمنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىممۇنلاش ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كېسەللەنگەن ئۆچكىنى ۋاقتىدا ئايرىپ داۋالاش، كېسەل تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قىشتا ئۆچكە تېنىدە ئاسانلا قوي پىتى پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا قىچا يېغى بىلەن كىرسىننى ئارىلاشتۇرۇپ ئۆچكە تېنىگە كۈندە 4-5 قېتىمدىن ئۇدا 3-4 كۈن سۈرسە، قوي پىتى ئۆلىدۇ.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
سۈت كالىسى زەمبۇرۇغلۇق تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
كەپتەرنىڭ ئورۇقلاپ كېتىش سەۋەبى
توخۇ دېنىغا بۇغداي قوشقاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئاچچىقسۇ ئارقىلىق كالىنىڭ كېسىلىنى داۋالاش
گۆش كالىسى، گۆش قويى بېقىشنىڭ ئىستىقبالى بىر قەدەر ياخشى
بۆدۈنە بورداش ئۇسۇلى
غاز چۈجىسىدە يۇقۇملۇق زۇكام كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئۇسۇلى
بوردايدىغان كالىنى تاللاش ۋە يۆتكەشتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلار
ئالتاي قويىنىڭ نەسىل ئالاھىدىلىكى
سۈتى كۆپ سېغىن ئۆچكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى
