• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • گۆشسىز ۋە گۆشلۈك يېمەكلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-03-16
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

    كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز گۆشتىن ئايرىلالمايمىز، گۆش تۈردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى بار، گۆشسىز يىمەكلىكلەرچۇ؟ncYئاقيول تور بىكىتى

    گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى تەشەببۇس قىلىش ئوزۇقلۇق شۇناسلارنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم پىكرى. سۇيۇق - سەلەڭ گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئازىراق ئىستېمال قىلىش، ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاپ تەن ساغلاملىقنى كاپالەتلەندۈرۈشتە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ ھەزىم قلىش، سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، كۆپرەك دېققەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. گۆشسىز يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش دېگەنلىك، گۆشنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى گۆشسىز تاماقلارنى ئاساس قلىش دېگەنلىكتۇر. ئوزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتىن قارىغاندا گۆشلۈك يېمەكلىكلەردە ئاقسىل، كالتسىي، مايدا ئېرىشچان ۋىتامىنلار گۆشسىز يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا كۆپ؛ گۆشسىز يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغلار، ۋېتامىنلار ۋە يىرىك تالالارنىڭ مىقتارى گۆشلۈك تائاملارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. گۆشسىز تائاملاردا كۆپىنچە ئاشلىق بىلەن كۆكتات ئاساسلىق ئورۇندا بولغاچقا، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قان سۇيۇقلۇقى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. گۆش، تۇخۇم، بىلىق تۈرىدكى يېمەكلىكلەر كېسلاتالىق يېمەكلىكلەر بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قان سۇيۇقلۇقى كېسلاتالىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆت كېسلاتالىق ياكى ئۆت ئىشقارلىق بولۇپ كېتىشى ئوخشاشلا ساغلاملىققا زىيانلىق. شۇڭلاشقا ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشلا يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشەش ۋە ساغلاملىقنىڭ ئاچقۇچى.ncYئاقيول تور بىكىتى

    گۆشسىز ۋە گۆشلۈك تائاملارنى قانداق ئىستېمال قىلىش كېرەك؟ncYئاقيول تور بىكىتى

    كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەكنىڭ تۈرىگە نىسبەتەن بەزى ئادەملەر گۆشلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلسا، بەزىلەر گۆشسىز تائاملارنى ئىستېمال قلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. گۆشلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلىدىغانلار ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىلەر ئورگانىزىمنى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە ماي بىلەن تەمىنلەپ، ئادەم مېڭىسىنى ۋە بەدەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭلاشقا، گۆشلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلغاندا ئادەم قاۋۇل، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولىدۇ دەپ قارىسا؛ گۆشسىز تائاملارنى ئىستېمال قىلىدىغانلار گۆشسىز يېمەكلىكلەردىكى ئوزۇقلۇق ئاسان سۈمۈرىلىدۇ، گۆشسىز يېمەكلىكلەر قاننى تازىلاش، بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىلەردىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سۈمۈرىلىشىنى ئازايتىش ياكى كېچىكتۈرۈش رولى بار دەپ قارايدۇ.ncYئاقيول تور بىكىتى

    ئوزۇقلۇق ئىلمىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا گۆشلۈك ھەم گۆشسىز تائاملارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭلا پايدىلىق ھەم زىيانلىق تەرەپلىرى بار. ئوزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتىن قارىغاندا گۆشلۈك يېمەكلىكلەردە ئاقسىل، كالتسىي مايدا ئېرىشچان ۋېتامىنلارنىڭ مىقتارى گۆشسىز يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. گۆشسىز يېمەكلىكلەردىكى تويۇنمىغان ئالفاتىك كىسلاتا، ۋېتامىن، سېللولوزا ۋە بەزى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتدىكى ئېلېمېنتلار گۆشلۈك تائاملارغا قارىغاندا مول بولىدۇ. مەيلى گۆشلۈك تائاملار ياكى گۆشسىز تائاملار بولسۇن ئىككىلىسىلا ئادمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەردۇر. ھەر ئىككىلىسىنىڭلا ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە كەمچىلىكلىرى بولىدۇ. ساغلام ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈشنىڭ ئاساسىي يېمەك - ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلىشىدا بولۇپ، ھەرگىزمۇ گۆشلۈك تائاملارنى ياكى گۆشسىز تائاملارنى يېيىشتە ئەمەس. ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە ماسلىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىش ھازىرقى زامان ئۇزۇقشۇناسلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە ئۆزىنى مەجبۇرلاشنىڭ ھاجىتى يوق. توغرا بولغان يېمەك - ئىچمەك ئۇسۇلى بىر تەرەپنى چەتكە قېقىپ، يەنە بىر تەرەپنى چىڭ تۇتۇشتا ئەمەس. مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك مۇۋازىنىتىنى ساقلاشتا ئىپادىلىنىدۇ.ncYئاقيول تور بىكىتى

    گۆشسىز تائاملاردا يىرىك تالا مىقتارى نىسبەتەن كۆپ، ئۇ گەرچە ئوزۇقلۇق ماددا بولمىسىمۇ، تەن ساغلاملىق ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ماددا ھېسابلىنىدۇ. تالالار سۈمۈرۈلۈپ كۆپۈپ ئادەمدە كۆيۈش سېزىمى پەيدا قىلىپ، يېمەكلىلەرنىڭ مىقتارى ئېشىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. تالالار ئاشقازان - ئۇچەينىڭ ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىش ۋە چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مېتابولىزىمنىڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، بەدەننىڭ زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈش مىقتارىنى ئازايتىپ، قەۋزىيەت چوڭ ئۈچەي راكى، تۈز ئۈچەي راكى، گېمورروي قاتارلىق ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بىر قىسىم تالالار يەنە ئۈچەي يوللىرى مېكروپ، باكتېرىيىلىرىنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە ئىنوزىتول، فولىك كىسلاتا قاتارلىق B تۈردىكى ۋېتامىنلارنى نىتىز قىلىپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرىلىدۇ ۋە پايدىلىنىدۇ. يېمەكلىك تالالىرى يەنە قەنتلەرنىڭ سۈمۈرىلىشىنى ئاستىلاتقاچقا، دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئوزۇقشۈناسلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا ،كۆشسىز تائاملارنىڭ بەدەن ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش رولى بولۇپ، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ مىقتارى ئېشىپ، تېرىنىڭ پاقىراقلىقىنى ساقلىغىلى بولىدىكەن. چۈنكى كۆكتاتلار تەركىبىدىكى ئىشقارلىق ماددىلار بىلەن ۋېتامىنلارنىڭ قان سۇيۇقلۇقى ۋە تەر بېزىنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىنى تەڭشەش رولى بولغاچقا، تېرىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئاشۇرىدۇ، ئۆسۈملۈك مېيى تەركىبىدىكى لىئولىئىك كىسلاتا كۆڭۈلدىكىدەك تېرە گۈزەللەشتۈرگۈچى ھېسابلىنىدۇ. تەركىبىدىكى ۋېتامىن E تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، گۆشسىز تائاملار يەنە چاچنىڭ قارا ھەم پاقىراقلىقىنى ساقلايدۇ. مەيلى ياز پەسلى ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشنىڭ بەدەنگە پايدىسى بار. ئەمما گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئويلىشىش كېرەك، بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە قانداق ماسلاشتۇرۇشتا. كىشىلەر 1 نىڭ 3 كە نىسبىتى بويىچە يەنى ئۈچ ئۈلۈش كۆكتات، بىر ئۈلۈش گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا ھەم ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈشكە ئوخشاشلا پايدىسى بولىدۇ.ncYئاقيول تور بىكىتى

    گۆشسىز تائاملار تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان ئېنىېگىيە ئاز، ئاقسىل، ماي كەمچىل بولغاچقا، ئۇزۇن مەزگىل گۆشسىز تائاملارنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلسا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ncYئاقيول تور بىكىتى

    1-، ئاقسىل، ماي، تۇيۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كەمچىل بولىدۇ. ئاقسىل بەدەندىكى ھۈجەيرە، تۇلۇقلىمىلارنى تۈزگۈچى ۋە تۇلۇقلاپ تۇرغۇچى ئاساسلىق ماددا. ماينىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنىش مىقتارىمۇ يۇقىرى، تۇيۇنمىغان ئالفاتىك كىسلاتانىڭ " مېڭىنىڭ ئاشلىقى" نامى بار بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.ncYئاقيول تور بىكىتى

    2 -، ۋېتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېمەكلىكلەردىكى مايلار كەمچىل بولسا مايلار ئېرىشچان ۋېتامىن A، D، E، K قاتارلىقلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.ncYئاقيول تور بىكىتى

    3- ،مېكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر بولغان مېكرو ئېلېمېنتلار مەسىلەن: سىنك، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلار ئاساسلىقى گۆشلۈك يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ. سىنىكنىڭ ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يېمەك - ئىچمەكتىكى %80 كالتسىي سۈت تۈرىدىكىلەردىن كېلىدۇ. گۆشسىز يېمەكلىكلەردىكى سىنىك، كالتسىي، تۆمۈر مىقتارى ناھايىتى ئاز، ئەمما فېكتىك كىسلاتا ۋە ئوكسالات كىسلاتانىڭ مىقتارى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، سىنىك، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق مېكرو ئېلېمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇزۇن مۇددەت گۆشسىز تاماقلارنى ئىستېمال قىلغۈۇچىلاردا ئاسانلا مېكرو ئېلېمىتلار كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن بەزى كېسەللىكلەر كۆرىلىدۇ. مەسىلەن: سىنىك كەمچىل بولسا تاماق يىگۈسى كەلمەسلىك، تاماق تاللاش كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. كالتسىي كەمچىل بولسا بالىلاردا راخت كېسىلى، چوڭلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. تۆمۈر كەم بولسا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ ھەم بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا گۆشلۈك ھەم گۆشسىز تاماقلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بار. ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشىمىزغا باغلىق.ncYئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى تۇرمۇش ساۋاتلىرى
    • توي-تۆكۈن توغرىسىدا
    • توي-تۆكۈن توغرىسىدا
    • بۈگۈن سىڭلىم زۇمرەتنىڭ ئۈن دىداردا يوللىغان خەلقىمىزنىڭ توي مۇراسىمى توغرىسىدىكى يازمىسىنى ئوقۇپ چىقىپ،بىرئاز ئويلۇنۇپ قالدىم.ئېسىمدە قېلىشىچە،بۇ تېما توغرىسىدىكى مۇنازىرە ۋە پىكىر-سۆھبەتلەر مەتبۇئات ۋە گېزىت-ژور