1973-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كانادانىڭ مونترېئال مۇزىيى ئوغرىلانغان. شۇ كۈنى كانادا مونترېئال مۇزىيىدىكى 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى سەنئەت ئەسىرى ئوغرىلانغان، ئۇنىڭ بىرى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى رېمبراندنىڭ ئەسىرى.
e1dئاقيول تور بىكىتى 1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش شەرتنامىسى كۈچكە ئىگە بولغان. 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا بۇ شەرتنامە تەستىقلانغان ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن 1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامىدا ئېرىق، تېرىنىڭ رەڭگى، قان سېستىمىسىگە ئاساسەن، كىشىلەر پەرقلىنىدۇ دېيىلگەن. بىراق بۇ پەرققە ئاساسەن ھەر قانداق ئېرىقنى كەمسىتىشكە، چەكلەشكە، ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت جەھەتتە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇقلىرىنى چەكلەشكە بولمايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتى 1981-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى قارار چىقىرىش ئارقىلىق، ئېرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش شەرتنامىسىغا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.
e1dئاقيول تور بىكىتى 1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا ئەركىن سودا بىرلەشمىسى قۇرۇلغان. 1959-يىلى 11-ئايدا،ئەنگلىيە، شۋېتسىيە، دانىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسارىيە، ئاۋستىرىيە، پورتىگالىيە بىرلىشىپ ياۋروپا ئەركىن سودا بىرلەشمىسىنى قۇرغان. 1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يەتتە دۆلەت ستوكھولىمدا «ئەركىن سودا بىرلەشمىسى ئەھدىنامىسىنى» ئىمزالىغان. فىللاندىيە 1961-يىلى 6-ئايدا ئەزا دۆلىتى بولغان، ئىسلاندىيە 1970-يىلى بىرلەشمىگە كىرگەن. بۇ ئەھدىنامىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانائەت بۇيۇملىرى ۋە باشقا سودا بۇيۇملىرىنىڭ بېجىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئەركىن سودىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودىسىنى كېڭەيتىش بېكىتىلگەن.
e1dئاقيول تور بىكىتى