2003-يىلى 5-مارتتىن 18-مارتقىچە، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلغان. يىغىندا خۇ جىنتاۋ دۆلەت رەئىسلىكىگە، جياڭ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە، ۋۇ باڭگو 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا، زېڭ چىڭخۇڭ دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان، ۋېن جياباۋنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈشى قارار قىلىنغان. 1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئوزۇن قەۋىتىنى قوغداش دۇنياۋى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئوزۇن قەۋىتى قۇياشتىن يەر يۈزىگە چۈشكەن ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىنىڭ %99 نى سۈمۈرۈۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەرشارىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئوزۇن قاتلىمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، يەر شارىغا چۈشكەن ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى كۆپىيىدۇ-دە، تېرە راكى، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ. 1989-يىلى 5-مارتتىن 7-مارتقىچە، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچىر خانىمنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا، ئوزۇن قەۋىتىنى قوغداش دۇنياۋى يىغىنى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 123 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. 1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «خەلق گېزىتى» دە ماۋ زېدۇڭنىڭ «لېي فېڭدىن ئۆگىنەيلى» دېگەن بېغىشلىمىسى ئېلان قىلىنغان. ئارقىدىن، پۈتۈن مەملىكەتتە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. 1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونى رەسمىي قۇرۇلغان. نەننىڭ شەھىرى بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. 1953-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سىتالىن ۋاپات بولغان. سوۋىت پارتىيىسى ۋە دۆلەتلىك كوممۇنىزىم ھەرىكىتى، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى، ئۇلۇغ ماركىسىزىمچى سىتالىن ۋاپات بولغان. سىتالىن 1879-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان، 15 يېشىدا ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1905-يىلى سىتالىن كاۋكاز رايونىنىڭ ئىنقىلابىي رەھبىرى بولغان، ئۇ شۇ يىلى 12-ئايدا لېنىن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن. سىتالىن سوۋىت ئىتتىپاقى پارتىيىسى ۋە ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك مەزگىلىدە، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى فاشىستقا قارشى ئۇرۇشتا، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. 1898-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى ئۇلۇغ پرولتارىيات ئىنقىلابچىسى جۇ ئېنلەي جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇەيئەن شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 15 يېشىدا نەنكەي مەكتىپى (ھازىرقى نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى) غا ئوقۇشقا كىرگەن، ئۇ بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنقىلابىي ھاياتىنى باشلىغان. باش مىنىستىر جۇ ئېنلەي 78 ياشتا بېيجىڭدا كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان. ئىلگىرى ياپونىيەدە بىلىم ئاشۇرغان. 1919-يىلى تيەنجىندە 4-ماي ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1920-يىلى فرانسىيە ۋە گېرمانىيەدە بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغان. 1921-يىلى جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىنقىلابىي ئۇرۇشلارغا رەھبەرلىك قىلغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر جۇ ئېنلەي دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىك سالاپىتى نەق مەيداندىكى چەت ئەللىكلەرنىمۇ ھەيران قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتى ئېلىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى جەھەتتە ئالامشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقان. جۇ ئېنلەي دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دىپلومات. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان، مۇئاۋىن ھەربىي ئىشلار رەئىسى بولغان.