• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تارىختىكى بۈگۈن:6- مارت

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-06 23:56:38
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        1986-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئالەم كېمىسى خاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتكەن. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم كېمىسى خاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ 5500 ئېنگلىز مىلىلىق دائىرىدە 1-تۈركۈمدىكى قۇرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ مۇز يادروسى رەسىمىنى ئەۋەتكەن. بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ھەر 76 يىلدا بىر قېتىم يەرشارىغا قايتىدىكەن.    1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا بىلەن باشقا لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىChapultepec شەرتنامىسىنى تۈزگەن. ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى مېكسىكىنىڭ ئەتراپىدىكى Chapultepec تا 4-قېتىملىق ئامېرىكا قىتئەسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا بۇ شەرتنامىنى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىدا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى «ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش»تىكى ئاساسىي پىرىنسىپلار تەكىتلىنىپ، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئۆز ئارا ياردەم بېرىش پىرىنسىپى بەلگىلەنگەن.    1940-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازا ھاكىمىيىتى مەسىلىسى» ھەققىدە كۆرسەتمە چىقىرىپ، جايلارنىڭ تەجرىبىسىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: تايانچ بازا رايونلىرىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى دېموكراتىك ھاكىمىيەت پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بىرلىك سەپ خاراكتېرلىك ھاكىمىيەت، ئىنقىلابىي سىنىپلار بىرلىشىپ، خائىنلار، ئەكسىيەتچىلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان دېموكراتىك دىكتاتورا. ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كوممۇنىستلار، پارتىيەسىز سولچىل تەرەققىيپەرۋەر زىيالىيلار، ئوتتۇرا ئېقىمدىكىلەرنىڭ ھەر بىرى بىر ئۈلۈشنى ئىگىلەيدىغان «ئۈچ-ئۈچلۈك تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، ھەر ساھە ئەربابلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرىدىغان ھەر قايسى سىنىپ، ھەر قايسى قاتلاملار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھۆكۈمەت يېڭى دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئىجرا قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرىدىغان ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مالىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پاكلىق سىياسىيسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.    1937-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لاۋشې «شياڭزى تۆگە» ھېكايىسىنى ئېلان قىلغان. 1899-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، داڭلىق يازغۇچى لاۋ شې تۇغۇلغان. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى ۋەتەننىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىغا بېغىشلىغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە شەھەردىكى تۆۋەن قاتلام كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئارزۇلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «شياڭزى تۆگە» ئۇنىڭ داڭلىق ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. لاۋ شې 1966-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.NfAئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز