-
ئەلۋىدا ئاچا - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
ـــ ئاچام بۈۋىخەدىچخاننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن
كۆمۈردەك قارا ئىدى ئاچام
لېكىن مېھرى ئىسسىق.
ھەر قېتىم مۇدھىش سوغۇقتىن تىترەپ ئالدىغا بارسام
مېنى باغرىغا باساتتى ۋە بېرەتتى ئوتتىن ... -
كۈزدىكى قىسقا ئويلىنىش - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
تىترەك ئۇلاشتى-
بىردىنلا.
ياز ھەققىدە مەرسىيە ئوقۇپ
تاشلاندى بىر تال غازاڭ ئايىغىمغا.
ئويلىدىم، ئاسمان ئەمدى زەڭگەر رەڭگە كىرىدۇ،
سۇ ئايلىنىدۇ مېنىڭ تۇيغۇمدىكى سۇغا ئەينەن
(تۇيغۇمدىكى سۇ مەڭگۈ يالىڭاچلى... -
يالغۇزلۇق ۋە ئاققۇ - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
تۈن بىر پارچە سالام خەت
بىر تالمۇ سۆز يوق.
ئۇنى ئۇقۇپ ئولتۇرار
دېرىزىنىڭ سىرتىدا يوقلۇق.
ئۇ بىر تال سۆز ئەسلى ئېيتىمىغان
ياكى سۈرەتتىكى زەڭگەر ئاسمان.
شۇنداق، ئۇ كۆز ئالدىمىزدىلا
جىمجىتقىنا سالىدۇ چۇقان.... -
كېچە ناخشىسى - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
كېچىنىڭ كۆزى قارا
قارا كۆزلەر قاتىلدۇر.
كېچىنىڭ ئاۋازى دېرىزىلەردە
ئالقىنىمدا بىر تامچە يامغۇر.
مەن يولۇچى ئۆزىدىن چىققان
ۋە ئۆزىگە قاراپ يول ئالغان.
تامدىكى جىمجىتلىق ـــ رەڭسىز رەسىمدۇر
جىمجىتلىقتا قارا ھايا... -
مەپىچى.ھازىر - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
ـــ غۇلجا تەسىراتلىرىدىن
ئاسىمجان مەپە ھەيدەپ كەلدى
يەرلىرىنى تاشلاپ قويۇپ
مەپىچى تارىخنىڭ بىر ۋارىقى ئىدى
بارىمىز بىز ئۇنى كۆزلەرگە سۈرۈپ.
كۆزلىرىمىز ئېچىلدى
چاپاق باسقان كۆزلىرىمىز.
بېشىمىز يېرىلدى... -
توي قىلىۋاتقان قىز - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
ـــ غۇلجا تەسىراتلىرىدىن
بىر قىز توي قىلىۋاتقان باغدىن ئۆتتۇق
تويى بولىدىغان قىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ.
مەن ئۇ قىزنى بىر تال يوپۇرماق دەپ ئويلىدىم
شاختىن بالدۇرلا چۈشكەن سىيرىلىپ.
ئۇ شاختىن سىيرىلىۋاتقاندا
قۇياش ئۆزىنى ... -
كاككۇك - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
(كاككۇك ناملىق ناخشىغا بېغىشلايمەن)
كاككۇك قىچقىرىدۇ
يۇپۇرماقلار جىم.
نۇرغۇن ئاۋازلارنىڭ قارشى تەرىپىدە
يۈرىكىمنى تىلار بىر ئىسىم.
قۇلۇمدىكى قەدەھ ـــ مېنىڭ ھاياتىم
مېنىڭ ھاياتىم ـــ ئېقىۋاتقان سۇ.
قار... -
ئۆلۈم - [نەسىر-خاتىرىلىرىم]
2009-04-25
مەن ھاياتىمنىڭ بۈگۈنگىچە ئۇلاشقان مۇساپىسىدە ئۆلۈمنى كۆپ ئۇچراتتىم. ھەر قېتىملىق ئۆلۈم بىر-بىرسىگە ئوخشىمايتتى، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىدىن ئۇلۇغۋار تۇيۇلۇپ دائىم كۆڭلۈم پەرىشان بولاتتى. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ئۆلۈم ئېسىمدىن ... -
بۈگۈنكى پاراڭ - [نەسىر-خاتىرىلىرىم]
2009-04-25
بۈگۈن يەنە سۆزلىگۈم كەلدى. ئەمما، بۈگۈن مەن ئالدىنقى قېتىمقىدەك تامغۇ ھەققىدە سۆزلىمەسلىكىم، بويتاقلىقتىكى خەقكە چىش يېرىپ دېگىلى بولمايدىغان سىرلىرىمنى ئاشكارىلىماسلىقىم مۇمكىن. لېكىن، ئايال ھەققىدە سۆزلىمەسلىككە ئامالىم يوق.... -
ھېچكىمگە ۋەدە بەرمەيمەن - [نەسىر-خاتىرىلىرىم]
2009-04-25
مەن يالغانچى. يالغانچىلىق بىر نەچچە خىل بولىدۇ ئوغلۇڭنىڭ قەغىشلىكىدىن زېرىكىپ ئۇنىڭغا كەچتە ساڭا ئايرۇپىلان ئېلىپ بېرەي دېسەڭمۇ (چۈنكى، ئۇنىڭغا ئايروپىلان تۈگۈل بىر "شيالى" ماركىلىق ماشنىنىمۇ ئېلىپ بېرەلمەيدىغانلىقىڭ ئۆزۈڭگە ئ...