بۇ بىر ئايلىق ئوزۇقلىنىش پىلانىنى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئۆزۈم قول سىلىپ يېمەكلىكلەرنى ھازىرلاش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ قالدى. ھەمدە مۇشۇ ئوزۇقلىنىش تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئەگەشكەن تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ھەر قېتىملىق تەييارلىغان، يېگەن غىزالارنى سۈرەتكە تارتىپ تۇردۇم. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزۈم تەييارلىغان. خانىمىم تەييارلاپ بەرگىنىمۇ، كاۋاپخانىلاردا پۇشۇرغان كاۋاپلارنىڭ رەسىملىرىنى قوشۇپ قويدۇم.
- مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
ئون نەچچە كۈن يېزىدا چوڭلار بىلەن بىللە تۇرۇش جەريانىدا كۆكتاتلارنى ھويلىدىن ئۈزۈپ ئىلىپلا تاماق ئىتىپ يەپ كەيپىياتىمغىمۇ بەك ياقتى.
كۆكچامغۇر، شوخلا، كاللەكبەسەي، چوكىپۇرچاق، پىدىگەن، مۇچ، سەۋزە، پىياز، زەنجىۋىل، گۆش، تۇز، دورا-دەرمەك دېگەندەك كۆكتات ۋە باشقا خۇرۇچلار بىلەن ئېتىلگەن گۆش-كۆكتات شورپىسى
جىگەر كاۋاپ
تۇخۇم شورپىسى
ناشتىلىق
دۇخۇپكىدا پۇشۇرۇلغان بەرەنگە
سالات
قىزىل ئۈزۈم، گۈلە، چىلان چۈلىسى
دۈملەپ پۇشۇرۇلغان يەرلىك توخۇ گۆشى
ئارىلىق ۋاقىتتا قورساق گوللايدىغان يېمەكلەر
مېۋە سېقىش ماشىنىسىدا تەييارلانغان ئالما سۈيى