تۈركچە تائاملاردىن چوبان سالاتا Çoban salatası تەييارلاش

coban
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

مەن 80خالتا بلوگىمدا ئۇيغۇر تېبابىتى، ساغلاملىق، ئەر-ئاياللاردىكى ھەر خىل ساقسىزلىقلارنى پەرۋىش قىلىش، ئائىلىدىكى ئاددىي رېتسىپلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گېرىپتار بولغان بىمارلارنى ئائىلىدە پەرۋىش قىلىش دېگەنلەردىن باشقا گۈلقەنت، مۇراببا تەييارلاش، ھەر خىل چايلارنى دەملەش، ئۇيغۇر تاماقلىرى، تۈركچە تائاملار دېگەندەك ئانچە – مۇنچە ئوزۇقلۇق، تاماق رىسالىلىرىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ كىلىۋاتقان بولۇپ بۇ سالاتا مەن بلوگىمدا تونۇشتۇرغان تۈركچە تاماقلارنىڭ 7-قېتىملىقىدۇر.
سالات تۈركلەرنىڭ تاماق دوستخانلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان قوشۇمچە تاماقلىرى بولۇپ چوبان سالاتاسى كۆپرەك ئىستىمال قىلىنىدىغان سالاتا ھېسابلىنىدىكەن.

خۇرۇچلار:
ئوتتۇرا ھال تەرخەمەك ئىككى تال؛
شوخلا ئىككى دانە؛
10-15 دانە قارا زەيتۇن؛
پىششىق تۇخۇم ئىككى دانە؛
ئۇچلۇق مۇچ ئىككى-ئۈچ تال؛
يۇمغاقسۈت يوپۇرمىقى 5-6 ياپراق؛
زەيتۇن يېغى بىر-ئىككى بارداق؛
لىمون بىر تال؛ سىركە بولسىمۇ بولىدۇ.
بىر باش پىياز؛
تۇز، قارىمۇچ، پىننە مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش:
تەرخەمەك ۋە شوخلىنى يۇيىمىز، ئاندىن تەرخەمەكنى چەمبەر شەكلىدە توغرايمىز، شوخلىنىمۇ چىرايلىق شەكىل چىقىرىپ توغراپ قاچىغا ئالىمىز. ئاندىن نىپىز توغرالغان پىياز ۋە مۇچنى، يۇمغاقسۈت يوپۇرمىقىنى ئۈستىگە قوشىمىز، ئاندىن قارىمۇچ، تۇز، پىننە سىپىپ ئارىلاشتۇرۇپ سالات تەخسىسىگە سالىمىز. ئۈستىگە توغرالغان پىششىق تۇخۇم ۋە زەيتۇن سىلىپ بېزەيمىز. ئاندىن لىموننى سىقىمىز ياكى سىركە سېپىۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
مەنبە: www.kadinlarweb.com ئاياللار تورى
Çoban Salatası
Malzemeler:
*2 Tane orta boy salatalık
*2 Tane domates
*10-15 Tane siyah zeytin
*2 Tane katı pişmiş yumurta
*3-4 Tane sivri biber
*5-6 Dal maydanoz
*1/3 Bardak zeytinyağı
*1 Tane limon veya sirke
*1 Adet soğan
*Tuz, karabiber, kekik
Hazırlanması
Salatalıkları ve domatesleri yıkayınız. Salatalıkları yarım daire şeklinde, domatesleri de gelişi güzel doğrayıp bir kaba alınız. Sonra ufak parçalara doğranmış soğanı, biberi ve kıyılmış maydanozu katınız. Tuz, karabiber ve kekik atıp karıştırınız. Salata tabağına koyunuz. Üzerine katı pişmiş yumurta ve zeytin tanesi yerleştiriniz. Zeytinyağı, limon suyu veya sirke ilâve ediniz.

ھەر خىل تەييارلانغان چوبان ساتالىرى. پايدىلىنىش سۈرەتلىرى

coban-salatasi

 

23

 

coban-salatasi.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...