ساغلاملىق ۋە يېمەكلىك قۇللۇقىدىن قۇتۇلۇش – 30 كۈنلۈك قوللانما

”ساغلاملىق ۋە يېمەكلىك قۇللۇقىدىن قۇتۇلۇش 30 كۈنلۈك قوللانما“ دېگەن كىتاب ئامىرىكىدا نەشىر قىلىپ تارقىتىلغاندىن كىيىن مىڭلارچە ئادەم بۇ ئوزۇقلىنىش پىلانىغا قاتنىشىپ تەن سالامەتلىك ۋە روھىي كەيپىياتىدا ئاجايىپ ھەيران قالارلىق ئۈنۈملەرگە ئىرىشكەن ئىكەن.

30-1

مەنمۇ بۇ ئوزۇقلىنىش پىلانىغا ئەگەشكىلى بۈگۈن تۆتىنجى كۈنى بولۇپ بەدەن ئېغىرلىقىم، روھىي كەيپىياتىمدا بەزى بىر ئىجابىي ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن ئۆزۈمدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى 80خالتا www.80halta.com بلوگىدىكى ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىشتىن بۇرۇن بۇ خىل ئوزۇقلىنىش پىلانىنىڭ تەپسىلاتىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
بۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىۋاتقان ئىزدىنىش تورىدىكى تاشچىقىز بۇ خىل ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىرىشكىلى بولىدىغان ئۈنۈم ھەققىدە مۇنداق دەپتۇ:
بۇ پىلاننىڭ ماڭا زادى قانداق پايدىسى بار؟
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان توپلىۋالغان مايلىرىم ئىرىيدۇ، توغرا ۋە ئىلمى ئوزۇقلىنىشنى ئۈگىنىمەن ۋە ئادەت يېتىلدۈرىمەن. يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت، ھەزىم قىلىش مەسىلىلىرى، چۈشكۈنلۈك، دىققەت يىغالماسلىق، ئېنىرگىيسى ئۇرغۇپ تۇرماسلىق، ھورۇنلۇق، شېكەر ۋە باشقا ساغلام بولمىغان نەرسىلەرگە بولغان خۇمارنى تاشلاش (تەتقىقاتلاردا دېيىلگەندە شىكەرگە خۇمار بولۇش كوكايىنغا بولغان خۇمارلىقتىن سەككىز ھەسسە ئېغىركەن، تاتلىق يېيىشكە ئالاھىدە ئامراقلار بەلكى ئاللىقاچان شېكەرگە خۇمار بولغان بولىشىمىز مۇمكىن، بۇ ئادەمنىڭ جېنىنى بىلدۈرمەي ئالىدىغان يوشۇرۇن ئەزرائىل). يەنە نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئۆزىمىز ئويلاپ باقمىغان پايدىلىرىنى كۆرىمىز، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قىزلارنىڭ تىرىسى تەبىئى پارقىراق ۋە سۇلۇق بولىدىكەن جۇمۇ راست.
بۇ بىر ئايلىق جاپا تارتىشنىڭ تۈپكى مەقسىتى سىرتتىن كۆپ مىقداردا كىرگەن ئاسان شېكەرنى جاپا تارتمايلا قوبۇل قىلىپ شۇنىڭغا تايىنىپ قىلغان بەدىنىمىز ۋە مېڭىمىزنى چېنىقتۇرۇش ۋە ئەسلى خىزمىتىنى تونۇتۇپ بېرىش. بۇ خۇددى ماشىنا ھەيدەپ كۆنۈپ قالغان ئادەمگە يول ماڭالايدىغانلىقىنى ھەم يول مېڭىشنىڭ ماشىنا ھەيدەشتىن سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قايتىدىن جىكىلەپ، يول مېڭىشقا يېتەكلىگەندەك ئىش. بەدىنىمىزگە كېرەكلىك بولغان قەنتلەرنى ئاسان مەنبە شېكەر ۋە ناۋاتتىن ئالماي ساغلام مەنبەلەردىن ئېلىش ئارقىلىق ھورۇنلىشىپ كەتكەن سېستىمىمىزنى قايتا قوزغۇتۇش. مەندەك بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن بۇ پىروگرامما پايدىلىق بولىۋاتىدۇ، نورمالدا ئىشلەپ ۋە ئوقۇپ كەتسەم تاماق يىيىشكە ۋاقتىم چىقمايتى ياكى ئىشتىھارىم ياخشى ئەمەستى، ھازىر جىق نەرسىلەرنى يىيەلمەيدىكەنمەن دېگەن ئۇچۇردىن چۆچۈپ كەتكەن نىرۋىلىرىم توختىماي ئۇنى -بۇنى يىيىشكە بۇيرۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان تاماق يىيىشىم رېتىملىق ۋە مىقدارى، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ تەڭشىلىپ قالدى. گەرچە ئادەتتە شىكەرلىك مەھسۇلاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلمايمەن دەپ ئويلىۋالغان بولساممۇ بۇ ئۈچ كۈندىن بۇيان بەدىنىمنىڭ كۆتۈرگەن توپىلاڭلىرىغا قاراپ شىكەرگە ئاللىقاچان خۇمار بولۇپ ياشاپتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالدىم. چېنىقمايدىغان ئادەملەر بىر چېنىقىپ قويسا بەدەنلىرى نەچچە كۈن ئاغرىغاننى ئويلىساڭلار بولىدۇ.
خوش…ئەمىسە بۇ ئوزۇقلىنىش پىلانى قانداق ئىكەن؟
تەپسىلىي جەريانى:
1. بۇ پىلان ئەڭ ئالدى بىلەن بەدىنىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساقلاپ ياتقان ھەر خىل زەھەرلەرنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ، مەقسەت ئېنىق بولغاندىن كىيىن ئىككىنچى قەدەمگە ئۆتىمىز.
2. پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان غەيرەت ۋە ئىشەنچ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىرادە ۋە دائىملىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.
3. ئالدىنقى ئىككى باسقۇچتىن قورقماي ئۆتەلەيمەن دېگەنلەرگە بۇ پىلان 30 كۈندە قانداق تاماقلارنى يىيىش ۋە قانداق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىكىنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ.

30
4.
(1) ئالدى بىلەن قانداق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىكتىن باشلايمىز: بۇ ئوتتۇز كۈندە سالامەتلىكنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغان شىكەر ۋە شىكەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تۈردىكى يىمەكلىكلەر كۈندىلىك لۇغىتىمىزدىن پۈتۈنلەي چىقىرىلىدۇ. بۇلار: .ئاق، قارا شىكەر، ناۋات، ھەسەل، شىكەر قوشۇلغان پىچىنە-پىرەنىك، شاكىلات، ھاراق، پىۋە ۋە شۇنداقلا شىكەر بولۇش مۇمكىنچىلىقى بار ھەرقانداق يىمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
(2) دان تۈرىدىكى بارلىق يىمەكلىكلەر: بۇغداي، قوناق، ئارپا ۋە مەن نامىنى بىلمەيدىغان بارلىق دانلىق ۋە ئۇن مەھسۇلاتلىرى؛ ئاق، قارا، قىزىل گۈرۈچلەر. پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر: دادۇر، يەر ياڭىقى، سېرىق، يىشىل ۋە باشقا رەڭلىك ماشلار، دۇفۇ ئۇيۇتمىسى، دۇفۇ سۈتى قاتارلىقلار.
(3) بارلىق سۈت تۈرىدىكى يىمەكلىكەر: كالا، قوي، ئۆچكە سۈتلىرى، ئىرىمچىكلەر، قۇرۇت، سارماي، قېتىق، سۈت قوشۇلغان باشقا مەھسۇلاتلار.
(4) ھەر خىل مايلار: ئاپتاپپەرەس، قوناق، زاراڭزا، ئەبجەش ماي، يەرياڭىقى مېيى قاتارلىقلار.
(5) ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىكلەر: مايدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى، تورتلار، تاتلىق-تۈرۈملەر …
(6) بۇ بىر ئاي جەريانىدا بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى پەقەتلا ئۆلچىمەيمىز، ئەينەككە كۈندە قاراپ ئورۇق-سىمىزلىكىمىزنى كۈزەتمەيمىز، تولا ئۆزمەپتۇن سۈرەت تارتىپ تېرىمىزنى كۈزەتمەيمىز.

5. قانداق يىمەكلىكلەرنى يەيمىز؟ ئۈستىدىكى تىزىمكلىكتىن چۆچۈپ كەتتىڭلار ھەرقاچان، ھېچ نەرسىنى يىگىلى قويمىسا قۇرۇق تاغار قانداق ئۆرە تۇرىدۇ، چاقچاقمۇ بۇ ياكى پاراڭمۇ دەپمۇ كەتتىڭلار. ئەمدى قانداق يىمەكلىكلەرنى تارتىنماي يەيدىغانلىقىمىزنى بىر تىزىپ ئۆتەي، ئىشتىھايىڭلار گۈلقەقەلىڭلار بىلەن بىللە ئېچىلىپ كەتسۇن.
(1) بارلىق ھالال گۆشلەر
(2) بارلىق ھالال دېڭىز مەھسۇلاتلىرى
(3) بارلىق مېۋىلەر
(4) بارلىق كۆكتاتلار
(5) مايلار: كوكۇس مېيى، زەيتۇن مېيى، قۇيرۇق ماي
(6) بارلىق تەبىئى تېتىقۇلار
(7) تۇخۇملار
(8) بارلىق قۇرۇق مېۋە ۋە مېغىزلار: ياڭاق، بادام، يىمىش، پىستە، ئەنجۈر، ئالما … قاقلىرى

6. قانداق ئىجرا قىلىمىز؟
(1) مىڭە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، مېڭىمىز پىلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن ۋە ھوزۇرلىنىپ ئارام تاپىدىكەن، شۇڭا بىز ئالدى بىلەن ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئۈچ ۋاق تامىقىمىزغا نېمە يەيدىغانلىقىمىزنى يېزىپ پىلانلاشتىن باشلايلى. مەسىلەن، مېنىڭ بۈگۈنكى پىلانىم بولسا: ئەتىگەنلىك تاماققا پەمىدۇر، پىياز، ۋە پالەك بىلەن قورۇلغان ئىككى تۇخۇم. ئەگەر تويمىغاندەك ھېس قىلسام بىر تال ئالما ياكى بانان يەيمەن. چۈشلۈك تاماققا بولسا دوخۇپكىدا پىشۇرۇلغان بېلىق بىلەن موگۇ يەيمەن. كەچلىك تامىقىمغا قوي گۆشى بىلەن ياڭيۇ ۋە يېسىۋلەكتە قورۇغان قورۇما يەيمەن، بۇنىڭ مىقدارىنى كۆپرەك قىلىپ ئەتە چۈشلۈك تامىقىمغا ئېلىپ قويىمەن. ئۈچ ۋاقلىق تاماققا كوكۇس مېيى ئىشلىتىمەن. سۇ ، چاي ۋە قەھۋە ئىچىشتىن تارتىنىپ قالمايمەن، ئەمما قەھۋەرىمگە شىكەر ۋە سۈت قوشمايمەن، خالىغان مېۋەمنى خالىغان نىسبەتتە يەيمەن، ئەگەر ئۇن ياكى گۈرۈچ يىگۈم كەپكەتسە ياڭيۇنى دوخۇپكىدا پىشۇرۇش ياكى قۇيرۇق مېيىدا قورۇش قاتارلىق ئاماللار بىلەن ئاچلىقىمنى باسىمەن.
(2) پىسخولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەملەر بولۇپمۇ شەرق ئادەملىرى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرايدىكەن، مۇشۇ ئوتتۇز كۈنلۈك پىلاننى دوستلىرىم بىلەن مەيلى چەمبىرەك ياكى تورلاردا ئورتاقلىشىش ئارقىلىق مېنى قوللايدىغان ھەتتا مەن بىلەن بىللە بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىدىغان دوستلارنى تاپىمەن. مېنى قوللىمايدىغان ئادەملەر بىلەن ھەپىلەشمەيمەن، كۈچۈمنىڭ ئازلىقىدا ئۇلارغا نەدە چول.
(3) ئېتىدىغانغا تاماق تاپالماي قالغاندا مۇشۇ پىلاننى ئىجرا قىلىۋاتقان دوستىلرىمىنىڭ چەمبىرىكىدىن رىتسىپ ئوغۇرلاپ قوسقۇمنى باقىمەن.
(4) ئەلۋەتتە نورمال ھەرىكەت قىلىش ۋە چېنىقىشنى تاشلاپ قويمايمەن، كۈنىگە بىر قېتىم بولسىمۇ ”ئونىنچى قېتىملىق گىمناستىكا“ ئويناپ تۇرىمەن (تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا ئوينايدىغان ھېلىقى گىمناستىكىچۇ).
(5) بۇ جەرياندا چوقۇم بوشىشىپ كېتىدىغان كۈنلىرىم بولىدۇ، شۇ چاغلاردا مۇشۇ يازمىنى قايتا-قايتا ئوقۇيمەن ۋە قىلالىغانلاردىن ئاكتىپ ئېنىرگىيە ئېلىپ تۇرىمەن.
(6) بۇ پىلان نەق ئوتتۇز كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ، قايسى بىر كۈندە يېمەسلىككە تېگىشلىك ھەرقانداق بىر نەرسە ئىستىمال قىلىپ قالغان بولساق، ئوتتۇز كۈننى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا بەكرەك دىققەت قىلىش ۋە ئىنتىزامچان بولمىساق بولمايدۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...