بىر ئايلىق «ئىلمىي ئوزۇقلىنىش»خۇلاسىسى – 80خالتا پاراڭلىرى (17)

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

كىلاسسىك تېببى كىتاب «ئەشىيالار خاسىيىتى» دېگەن كىتابتا «ئەپلاتوننىڭ ئىسكەندەر زۇلقەرنەينگە تەييارلاپ بەرگەن دورىسى» نامىدا بىر رېتسىپ تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ دورا رېتسىپىنى تەييارلاپ 360 دانە كۇمۇلاچ قىلىپ، ھەر كۈنى ناشتىدا بىر كۇمۇلاچتىن يەپ بەرسە كۆرۈلىدىغان شىپالىق كارامەتلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنىدۇ:
بىرىنجى ئايدا – ئاق چاچلار قارىيىدۇ، قارا چاچلار ئاقارمايدۇ.
ئىككىنجى ئايدا – كۆز نۇرىنىڭ قۇۋۋىتى ئىشىپ كۈندۈزلىرى يۇلتۇز كۆرەلىشى مومكىن.
ئۈچۈنجى ئايدا – سۆزلىرى پاساھەتلىك، گۈزەل، تاۋۇشلىرى تولۇق چىقىدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
تۆتىنجى ئايدا – تومۇرلاردىكى بارلىق توسالغۇلار ئىچىلىپ قان راۋانلىشىپ كېتىدۇ.
بەشىنجى ئايدا – بارلىق غەم-قايغۇلىرى كۆتۈرلۈپ، يۈرەك راھەت بولۇپ كۆڭۈل خۇشاللىقى پەيدا بولىدۇ.
ئالتىنجى ئايدا – بەدەنگە چىققان ھەر قانداق چاقا-جاراھەت، مۇدۇر-چوقۇر ساقىيىپ كېتىدۇ.
يەتتىنجى ئايدا – خاتىرىسى كۈچىيىپ، ئەقىل-پاراسىتى ئاشىدۇ.
سەككىزىنجى ئايدا – ئۈچەيدىكى ئىللەتلەر تۈگەيدۇ، بوۋاسىر سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ.
توققۇزىنجى ئايدا – بىر قېتىم ئاڭلىغان گەپلەر ئېسىدە قالىدۇ. ئېسىدىن چىقىپ كەتكەنلىرىمۇ ئېسىگە كىلىدۇ.
ئونىنجى ئايدا – بەدەندىكى ھەر قانداق كېسەل، ئىللەتلەر، دەرتلەر يوقايدۇ.
ئون بىرىنجى ئايدا – جىنسىي قۇۋۋىتى ئىنتايىن كۈچىيىدۇكى، بىر كېچىدە ئايالىنى تالاي قېتىم خۇش قىلالايدۇ.
ئون ئىككىنجى ئايدا – ئۇنىڭ يۈزلىرى شۇ قەدەر پارقىراپ نۇرلىنىدۇكى، بۇ ھال ھەتتا، ئۇنىڭ ياشلىقىدىمۇ كۆرۈلمىگەن بولىشى مومكىن.
خوش، يۇقۇردىكىلەرنى ئوقىغان كىشى بۇ دورىنىڭ ئىنسانلار تارىختىن بىرى ئىزدىنىپ كىلىۋاتقان ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى نەق شۇكەنغۇ دەپ قىلىشى مومكىن. مەشھۇر مۇتەپپەككۇر، تېۋىپ-ھۆكۈما ئەپلاتوننىڭ زامانىسىنىڭ سەركىسى، دۇنيانىڭ تەڭدىن تولا زېمىنلىرىغا ھۆكۈمران بولغان ئىسكەندەرگە يۇقۇردىكى دورىنى تەييارلاپ بەرگەن-بەرمىگەنلىكى ئىنىقسىز. لىكىن بۇ رېتسىپتىن ئۆتە ئۇنىڭ شىپالىق تەسىرى ھەققىدىكى بايانلار ئادەملەرنىڭ ساغلام ياشاش ئارزۇسىنى ئۆزىگە جەملىگەنلىكى ئوقىغانلىكى ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ رېتسىپنىڭ راستىنلا شۇنداق كارامىتى بارمىدۇ، بۇ دورىنىڭ خۇرۇچلىرى شۇنچە خاسىيەتلىك نېمىلەر بولغىيدى؟ يۇقارقى مەزمۇنلارنى ئوقىغان كىشىلەر بۇ سۇئاللارغا چوقۇم قىزىقماي قالمايدۇ.
رېتسىپنى تونۇشتۇرسام ھەممەيلەن ياقىسىنى تۇتۇپ ھەيران قىلىشى مومكىن. ھەيرانلىقىڭلارنى قەستەن كەينىگە سۈرۈۋەتكۈم يوق. بۇ كارامەت رېتسىپنىڭ 80% خۇرۇچلىرى توخۇ قوردىقى(داپەنجى) گە چۈشىدىغان ۋە باشقا ھەر خىل قورىمىلارغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ كۆپۈنچىمىزنىڭ كۈندۈلۈك يېمەكلىك ئىستىمالىمىزغا ئايلىنىپ، ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولغان دورا-دەرمەكلەردۇر.
زامانىمىزدا كاۋاۋېچىن، زەنجىۋىل، سامساق، مۇچ، قاقىلە، شىكەر قاتارلىقلارنىڭ سالامەتلىككە مۇئەييەن تەسىرى بولغان خۇرۇچلار دەپ قارالسىمۇ، لىكىن كارامەتلىك دورا دېگىلى بولمايدۇ.
ئەينى زامانلاردا تەبىئەت ھازىرقىدىن ساپ، ئادەملەرنىڭ يېمەكلىرى، تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ئاددىي بولىشى ئىنىق. تېبابەت نەزىريەسىدە دورىلارنىڭ تەسىرى زامان، ماكان، موھىت-شارائىت، غىزالىنىش، تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى پەرقلەرگە قاراپ ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى بىرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەسىلەن، شەھەردىن يىراق يېزا-سەھرالاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ يېمەكلىرى ئاددىي، ياشاش رېتىمى ئاستا، قۇياش نۇرى ئاستىدا قىلىدىغان جىسمانىي ھەركەتلىرى كۆپ بولىدىغان بولغاچقا ئۇلاردا كۆرۈلگەن ساقسىزلىقلارغا ئاددىي يېمەكلىكلەر، يەككە دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ساقايتىش؛ شەھەرلىكلەرنىڭ يېمەكلىرى كۆپ خىل، غىزالىرىدا دورا-دەرمەك خۇرۇچلىرىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان، ھەركىتى ئاز بولغاچقا ئاددىي يېمەكلەر، يەككە دورىلار ئۇلارنىڭ ساقسىزلىقلىرىغا كار قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ساقسىزلىقلىرىغا كۈچلۈك بولغان، كۆپ خىل دورىلىق خۇرۇچلارنى بىرلەشتۈرۈپ ياسىلىدىغان مۇرەككەپ دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق چارە قىلىش زۆرۈرىيىتى تەكىتلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ھەر خىل كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيەلىك ماكان، كىلىمات پەرقىنىڭ كىشىلەرنىڭ مىزاجىغا، ساقلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىگە قاراپ پەرقلىق بولغان غىزا، دورا بۇيرىلىدۇ.
گەرچە يۇقۇردىكى رېتسىپنىڭ تەسىرى زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈپ بايان قىلىنغان بولسىمۇ قەدىمكى زاماندا ياشىغانلار بىلەن ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ئىستىمالىدىكى يېمەكلىك خۇرۇچلىرى، غىزالىنىش، تۇرمۇش-ياشام ئادەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشۈنىشىمىزگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن مىسال كەلتۈردۈم.
زامانىمىزدا ئوزۇقشۇناسلار، تېببى ساھەدىكى بىلىم ئىگىلىرى ئىنسانلار ساقلىقى ئۈچۈن يېمەكلىك تۈرلىرىنىڭ كۆل خىل، رەڭدار بولىشىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئوزۇقلىنىش تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرغا قويىلىۋاتىدۇ. مەن تۆۋەندە ئەڭ يېڭى ۋە نوپۇزلۇقراق بولىۋاتقان ئوزۇقلىنىش تەشەببۇسى – 30 كۈنلۈك ئوزۇقلىنىش پىلانىنى تولۇق تاماملىغاندىن كىيىنكى تەسىراتىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن.
مەن 30 كۈنلۈك ئوزۇقلۇق پىلانى پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىشنى باشلاپ بۇ ھەقتە ‹‹ئىلمى ئوزۇقلىنىش توپى›› نامىدا بىر ئۈندىدار توپى قۇرۇپ بۇ خىل ئوزۇقلىنىش تەشەببۇسىغا ئەگەشكەنلەر ۋە قاراپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە بولغانلار يېغىلىپ ئۆز ئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇپ، 30 كۈنلۈك ئوزۇقلۇق پىلانى ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق خۇرۇچلىرى ئاساسىدا تەييارلىغىلى بولىدىغان تاماق رىسالىرىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، بىر-بىرىمىزگە ئىلھام-مەدەت بىرىپ كىلىۋاتقان بولۇپ ھازىر مېنىڭ «بىر ئايلىق ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پىلانى»م ئاخىرلىشىپ بولدى.
بوي ئىگىزلىكىمگە نىسبەتەن بەدەن ئېغىرلىقىم نۇرمالدىن 10 كىلوگىرام ئارتىپ كەتكىلى ئىككى-ئۈچ يىل بولغان بولسىمۇ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ بولالماي قالدىم. ھەر ھالدا ئۇنىڭدىن ئىشىپ كەتمىسىلا بولدىغۇ دەپ كۆڭلۈمگە تەسەللى بىرىپ كەلدىم. بەزىدە تۇرۇپلا قىزىقچىلىقىمىز تۇتۇپ ھەپتىلەپ كۈندە 10-15 كىلومىتىردىن ۋېلسىپىت مېنىپ، 20-30 مىنۇت پىيادە، چوڭ چامداپ تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ دېگەندەك ھەركەت قىلىپ بەرسەم ئۈچ كىلوگىرام ئەتراپىدا يەڭگىللەپ قالاتتىم، لىكىن كۆنگەن غىزالىنىش ئادىتىمدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش قىلمىغان بولغاچقا ھەركەت توختاپ قىلىپ بىرەر ئايغا قالمايلا ئەسلىدىكى ئېغىرلىققا قايتىۋالاتتىم. قارىماققا قورساق چىقىپ، بويۇن سەل توملىشىۋالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا بەك سېمىزدەك كۆرۈنمىگەندىكىن، ئەنئەنىۋى قاراش بويچە ئەر كىشى سېمىزرەك بولسا سالاپەتلىك كۆرىنىدۇ، كېيىم يارىشىدۇ دەيدىغان ئىدىيەدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلماي نۇرمالدەك ياشاپ كىلىۋەرگەن ئىدىم.
لىكىن، مەن ئۇچراشقان كىشىلەردىكى ساقسىزلىقلارنىڭ كىلىش مەنبەسى ئوزۇقلىنىش، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان سېمىزلىك، قان قويۇلۇش، جىگەر مايلىشىش، يۇقۇرى قان بېسىم، دىئابىت دېگەندەك سوزۇلما خاراكتېرلىك جاھىل كېسەللىكلەر، ئىزچىل مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، زىھنى قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرماسلىق، جىسمانىي ۋە روھىي قۇۋۋەتلىرىنىڭ يېتىشسىز بولىشى، بەدىنى كۈچسىز، ئاسان چارچايدىغان دېگەندەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان ئىدىم.
تېبابەت ئەنئەنىسىدە ساغلاملىق سۈپەت ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى-سەھەردە ئۇيقىدىن ئويغانغان ۋاقىتتىكى كەيپىيات ناھايىتى موھىم بولۇپ مېڭە سۈزۈك، بەدەن يەڭگىل ھېس قىلىش؛ تولۇق ھاردۇق چىققان بولۇش، قورساق ئىچىپ تۇرۇش دېگەندەك تەلەپلەرگە كۆپۈنچە كىشىلەر يېتەلمەيدىغان بولۇپ 10 ئادەمدىن سورىساق تەخمىنەن يەتتە-سەككىزىدە مۇشۇ خىل مەسىلە ساقلانغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كەچلىك تاماق بىلەن ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ يېقىن بولىشى، ئېغىر تاماقلىنىش، لەغمەنگە ئوخشاش خېمىرلىق تاماقلارنىڭ كۆپ يېيىلىشى سەۋەبلىك ئەسلىدە مېڭە ئىھتىياجلىق قاننىڭ ئاشقازاندىكى يېمەكلەرنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن قورساق تەرەپكە يېغىلىپ ئاسانلا مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بەدەندىكى ماي، قەنتلەرنى، قاندىكى ھەر خىل ئەخلەت-زەھەرلەرنى ئارتتۇرۇپ سېمىزلىك ۋە باشقا ئەگەشمە سوزۇلما خاراكتىرلىك ساقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدىكەن.
ئويغانغاندا ئۆزىنى ئىزچىل روھلۇق ھېس قىلالمايدىغان ئەھۋالنىڭ زىيادە چارچاش، توڭلاتقۇدا مۇزلىتىلغان يېمەكلىكلەر، سوغۇق، رەڭلىك سانائەت ئىچىملىكلىرىنىڭ يەپ ئىچىلىشى، ھەركەتنىڭ ئاز بولىشى دېگەندەك سەۋەبلىرى بولسىمۇ ئاساسلىقى يېمەك-ئىچمەك خۇرۇچلىرى، غىزالىنىشنىڭ ئىلمى بولماسلىقى، بەدەن ئىھتىياجىمىزنى چۈشۈنۈپ شۇنىڭغا مۇناسىپ غىزالىنالماسلىقىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
خوش، شۇنىڭ بىلەن ئامىرىكىلىق ئوزۇقشۇناس دوكتۇر ئوتتۇرغا قويغان 30 كۈنلۈك ئوزۇقلىنىش پىلانىنى ئىجرا قىلىپ، كۆپۈنچىمىز توغرا دەپ قارايدىغان، ئەمەلىيەتتە خاتا بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىچە غىزالىنىش ئەندىزىسى بويىنچە بىر ئاينى تولۇق ئاخىرلاشتۇرغان بولدۇم.
بۇ ئوزۇقلىنىش تەشەببۇسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بەدەندىكى ئارتۇق ماي، قەنت، ئەخلەت-زەھەرلەرنى تازىلاپ ئومومىي بەدەن ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ئىھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئوبدان سۈمۈرىلىشىگە شارائىت ھازىرلىنىپ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈش، يېغىپ ئېيتقاندا مۇشۇ 30 كۈنلۈك پروگراممىنى غەيرەت بىلەن تولۇق ئىجرا قىلىپ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.
مەن پروگراممىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تولۇق ئەمەل قىلدىم. مەن ئالدى بىلەن بۇ بىر ئاي جەريانىدا ھېس قىلالىغان پايدىلىق تەرەپلىرىنى تونۇشتۇرىمەن. ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ خىل ئوزۇقلىنىش تەشەببۇسىنىڭ پەرقلىق مىزاجدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ماس كىلىدىغان تاماق رىسالىلىرى، يېمەكلىك تەرتىپلىرى، ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى يەنى بۇ پروگراممىنى ئۇيغۇر تېبابەت ئەنئەنىمىزدىكى مىزاجغا مۇناسىپ ئوزۇقلىنىش نەزەريەسى بويچە تېخىمۇ ئىنچىكىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ، ھەر خىل سوزۇلما خاراكتىرلىك جاھىل ساقسىزلىقلار ئۈچۈن پەرقلىق بولغان غىزالىنىش تەرتىۋى تۈزۈش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئىمكان بار كەڭ دائىرىدە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن.
مەن بۇ جەرياندا ئىرىشكەن نەتىجىلىرىمنىڭ خۇلاسىسى مۇنداق:
مەن بۇ بىر ئاي جەريانىدا سەككىز كىلو يەڭگىللەپتىمەن. بۈگۈن نەچچە يىللار بۇرۇن كىچىك كىلىپ كېيەلمەي قاتلاپ قويغان شىمنى كىيىپ باقسام ئ‍ۆزۈمنىڭكىدەكلا كەلدى/::D بۇ جەرياندا شىكەر خۇمارى، كولا خۇمارى، قىنىق چاي(تۈرك چېيى)، لەغمەن خۇمارىم، نان خۇمارىم خىلى بېسىقىپتۇ. سانائەت ئ‍ىچىملىكلىرى، لەڭپۇڭ-راڭپىزا، دوغ-ماروجنا، بازار تامىقىدىن قۇتۇلۇپ قاپتىمەن.
تۈركچە دەملەيدىغان قېنىق چاي، زەپە چايلارغا قەنت سىلىپ ئ‍ىچىپ يۈرۈپ تاتلىققا رەسمى خۇمار بولۇپ قاپتىكەنمەن، ماۋۇ پروگراممىنىڭ شاراپىتىدىن تاتلىق خۇمارىم، قېنىق چاي خۇمارىم تۈگەپتۇ، قايسى كۈنى باللا قەھۋە دەملەپتىكەن، قەنت سىلىپ قويۇپتۇ، بىر ئ‍وتلاپلا تاس قالىتىم پۇرقىۋەتكىلى، تۇز سىلىۋەتكەندەك غەلىتىلا تېتىدى. تۈنۈگۈن دادامغا زەپە چاي دەملەپ ناۋات سالغان ئ‍ىدىم، ئ‍ېغىزىمغا تەككۈزۈپ باقسام زادىلا ئ‍ىچكىم كىلىدىغاندەك ئ‍ەمەس. ھە، تاتلىق خۇمارىدىن قۇتۇلۇپتىمەن دېدىم.
ئ‍ىشقىلىپ بازار تامىقىدىن كاۋاپ، باچكا شورپىسى، قوي پاچىقىدىن باشقىسىنى يېمەپتىمەن. نېمە دېگەن ياخش!
ئ‍ەتىگەندىكى ئ‍ويغانغاندىن كىيىنكى ئ‍ىزلەڭگۈلۈك ياخشى، مىجەز-كەيپىياتىم تەمكىنلىشىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئ‍ۇنتىغاقلىق ياخشىلىنىپ زىھنى قۇۋۋىتىم كۈچىيىۋاتقان ئ‍الامەتلەر كۆرىلىۋاتىدۇ. قوي پاچىقى، كاۋاپ يېسەم بېشىم ئ‍ېسىلگەندەك، چىڭقالغاندەك بولىدىغان ئ‍ەھۋال تۈگەپتۇ. يەڭگىل قەۋزىيەت بار ئ‍ىدى، ئ‍ۇمۇ ياخشىلىنىپ كەتتى. ئ‍اسان چارچايدىغان، تۇرۇپلا ئ‍ىچىم سىقىلىدىغان ئ‍ەھۋاللارمۇ خىلى ياخشى.
بۇندىن كىيىنمۇ بەلكىم ئ‍وزۇقلىنىش، تاماقلارنى تەييارلاش دېگەندەك ئ‍ىشلارنى ھازىر كۆنگىلى تۇرغان شەكىلدە ئ‍ىزچىل داۋاملاشتۇرۇشۇممۇ مومكىن. بۇ جەرياندا بۇ پروگرامما ئ‍ىچىدە يەپ-ئىچسە بولىدىغان ئ‍وزۇقلاردىن مىزاج ئ‍ەھۋالىمغا ماس كىلىدىغاننى كۆپرەك، بەك ماس كىلىپ كەتمەيدىغاننى قوشۇمچە ئ‍ازىراقلا يەپ قويدۇم.
بۇ ئوزۇقلىنىش پروگراممىسدا ئۆيدە خوتۇن-بالىلار يەيدىغان تاماقلار، بازار تامىقى ماس كەلمەيدىغان بولغاچقا قازان قومۇچ بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ بەزى سالات، تاماقلارغا يامان ئەمەس قولۇم كىلىپ قالدى. يازمىنىڭ ئاخىرىدا مەن تەييارلىغان بارلىق يېمەكلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى يوللايمەن.

IMG20160725160743
بۇ بىر ئاي جەريانىدا ئوزۇقلىنىش پروگراممىسىغا قاتناشقان باشقىلارنىڭ تەسىراتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى.
* بىرنچى :مەن بۇ پىلانغا ئەگىشىشتىن بۇرۇن پۇت قولوم سىقىراپ بىر خىل ئارامسىزلىنىدىغان ،روھسىزلىق ۋە بەدەن بىر خىل ئىغىر ئەھۋال بار ئىدى ،بۇ ئەھۋال يوقىدى.
ئىككىنچى: بۇرۇن قوي پاچىقى ،پولو ،شورپا ئىستىمال قىلسام بىشىم قايىدىغان ،ئىككى چىكەم چىڭقىلىدىغان ئەھۋال بار ئىدى، بۇ ئەھۋال تۈگىدى
ئۈچىنچى: بۇرۇن يول ماڭسام سەل چارچايتىم ،،ئوننەچچە كۈنلۈك پىلان جەريانىدا كۆرنەرلىك ئۈنۈم كۆرۈلۈپ كۈندە بەش كىلومىتر يول مىڭىش ئادەتتىكى ئىش بولوپ قالدى ،،يول ماڭسام چارچاش ئىشلىرى يوقىدى
توتىنچى :ئوننەچچە كۈندە ئىككى كىلوگىرام ئوروقلاش ،قورساقتىكى ئارتۇق مايلار يوقاش ئۈنۈمى كۆرۈلدى ،بۇرۇن سىرتمىسى ئاران ئىتىلدىگەن چاپانلار شۇنداق ئوبدانلا كىلىۋاتىدۇ…
بەشىنچى : كەيپىيات ياخشى، ئۇيقۇ ياخشى، بەدەن شۇنداق يىنىك ھىس قىلنماقتا…
…..
يۇقۇرى قان بېسىم، دىئابىت كېسىلى بار قاتناشقۇچىلارمۇ ئەھۋالىنىڭ خىلى تۇراقلىشىپ قالغانلىقىنى، دورىنىڭ ئازلاتقان ئەھۋالدىمۇ ياخشىلىنىش بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى.
بۇ ئوزۇقلىنىش پروگراممىسىدا ئەڭ ئاسان، ئىنىق بىلگىلى بولىدىغان ئەھۋال مايلار پارچىلىنىپ بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىللەش بولغاچقا بەزى نۇرمال ئېغىرلىقتىكىلەر بەك زور پەرقى بولمىغاندەك ھېس قىلىپ بەل قويىۋېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدىكەن. تولا تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇ ساغلام ئوزۇقلىنىش تەشەببۇسىنىڭ مەقسىتى يالغۇز ئورۇقلاش ئەمەس. ئەسلىدىن كۆنۈپ قالغان خاتا ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ ئىلمى، توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش.
بۇ خىل ئوزۇقلىنىش ئادەتكە ئايلانسا بەك تەسكىمۇ توختىمايدىكەن. ما نەچچە كۈندىن بىرى خوتۇن تولا نەسىھەت قىلىپ كەتتى: بىر ئ‍اي توشتى، ئ‍ەمدى تەسىراتنى خۇلاسىلەپ يېزىۋىتىپ سەل راھەتلەنسىلە، پەرھىزدە بەك چىڭ تۇرىۋالسىلا قىينىلىپ قالىدىكەنلا ، دەپ لىكىن مەن پەرھىزنى بۇزۇۋەتسەم روزام بۇزۇلۇپ كېتىدىغاندەك بىئارام بولىدىغاندەكلا، غەلىتە بىر تۇيغۇ…ئادەتلىنىش دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك/::D
مەن شۇنداق ئويلاۋاتىمەن، بۇ پروگراممىنى توختاتقان ئ‍ەھۋالدىمۇ ھەسەلدىن باشقا قەن-ناۋات قوشۇلغان يېمەكلىك، ئ‍ىچىملىك، كەچتە خىمىر، گۈرۈچ تاماقلىرى دېگەندەكلەرنى يېمەسلىكىم ئىنىق.
خوش، زادى بۇ خىل ئوزۇقلىنىشنىڭ سەلبىي، يېتەرسىز تەرەپلىرى يوقمىكەن دەپ سورالسا، ئەلۋەتتە بار.

داۋامى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئۇدۇللۇق يوللىنىدۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...