تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھامىلىدارلاردا نېمە ئۈچۈن سېزىكلىك ئالامىتى بولىدۇ؟


سېزىكلىك، ئادەتتە، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئامىلدىن بولىدۇ:

 

1. ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، تىۋىتلىك پەردە جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمونى تېز ئۆرلەيدۇ، بۇنداق ھورمونلارنىڭ قاندىكى قويۇقلۇق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىنكاسىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ.

 

2. ئوزۇقلۇق ئامىلى. ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ماددا ئالمىشىش كۈچەيگەنلىكتىن ئوزۇقلۇققا كۆپرەك موھتاج بولىدۇ. شۇڭا ئوڭايلا ۋىتامىن يېتىشمەسلىك، شۇنداقلا ئېغىر كېسەل ئالامىتىمۇ كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق چاغدا ئەھۋال ئېغىر بولسا، بىر قىسىم ۋىتامىنلارنى تولۇقلاپ، كېسەل ئالامىتىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

 

3. كەيپىيات، بېسىمنىڭ تەسىرى. ئادەتتە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر، ئائىلە مۇناسىۋىتى جىددىي بولسا، سېزىكلىك ئالامىتىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

 

4. ھامىلىدار ئاياللار بەك تويۇپ غىزالانسا ياكى ئاچ قالسا، كۆڭلى ئېلىشىپ ھۆ بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

 

5. مەركىزىي قىسىم نېرۋىلىرىنىڭ ياندۇرۇشنى كونترول قىلىش مېخانىزملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى. ئاياللاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مەلۇم نەرسىنىڭ پۇرىقىغا، مەسىلەن: بۇس، ئاچچىق يېمەكلىك قاتارلىقلارغا بولغان سەزگۈرلۈك ئېشىپ كېتىدۇ.

 

 

ئۇنداقتا سېزىكلىك ئالامىتىنى قانداق كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟

 

 

ئەمەلىيەتتە، سېزىكلىك ئالامىتى ئۆزلۈكىدىن ئاستا – ئاستا ئاجىزلاپ يوقاپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئالاھىدە داۋالاش كەتمەيدۇ، پەقەت يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنى مۇۋاپىق تەڭشىسىلا بولىدۇ.

 

1. ئادەتتە ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماقنى زىيادە كۆپ يېۋىلىپ، سىڭدۈرەلمەي قېلىشتىن، ئۇزاق مۇددەت ئاچ قورساق يۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

 

2. ئەتىگەندە ئىمكانقەدەر ياغسىز تاماق يېيىش كېرەك. ئادەتتە ئاچچىق، ئالاھىدە پۇراقلىق نەرسىلەردىن، ياغلىق يېمەكلىكلەردىن ئامال بار ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك.

 

3. غىزالانغاندا كۆپ سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. ھامىلىدار ئاياللار ئۇسسۇزلۇقنى، ئەڭ ياخشىسى، ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ئىچىش، چۈنكى غىزالانغاندا سۇ مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ ئاشقازان، ئۈچەينى ئاغرىتىپ، ياندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار يەنە ۋاراڭ – چۇرۇڭ ۋە ھاۋاسى ناچار يەرلەردە ئىمكانقەدەر غىزالانماسلىقى كېرەك.

 

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھامىلىدارلارنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولماي، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلمايدۇ ۋە خەتەرلىك ئەھۋالنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بىراق ياندۇرۇشنى توختىتىش دورىسىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ياندۇرۇش بەك ئېغىر بولۇپ كېتىپ، كوللاپىس كۆرۈلسە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياندۇرۇشنى توختىتىش دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز