- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:9
- | زىيارەت: 3,212 قېتىم ئوقۇلدى
- | ئاپتور: ئۇيغۇربەگ
- | 2012.12.22
قازاقىستان رېسپۇبلىكىسىدىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلىرى ۋە ناخشىچىلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ قوياتتىم، ئالدىنقى چاغلاردا مەرھۇم مۇرات ناسىروفنىڭ «قالدىم يالغۇز»، زۇلپىقارنىڭ «ئانا»، دەرۋىش ئانسامبىلىنىڭ «ۋەتىنىم»،«ئايلىناي»(قازاقچە) ناملىق ناخشىلىرىنى خېلى ئاڭلىغان، بۈگۈن مىكرو بلوگدىن دەرۋىش ئانسامبىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى «ھەر ئاخشام»نى ئۇچرىتىپ قېلىپ مۇڭ رېتىمى ۋە لىرىك تېكىسىتىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالدىم، ئىمتىھان ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈپ يازما يوللىيالماي يۈرگەندە بۇ ناخشا تۇرانىڭ يېڭى يازما باھانىسىگە ئايلاندى، ماڭا ئوخشاش بلوگ يازغۇسى كەلمىگەن بلوگداشلارغا ناخشا يوللاپ بېرىش ئۈلگىسىنى يارىتىپ بېرەي، ئەمىسە ناخشىغا مەرھەمەت!….