[ئىجادىيەت] بلوگگېرلار ئۈچۈن ئېلان چىكىشكە ئون باھانە، ئەمدى ئېلانىمنى چەكمىگىنىڭىزنى بىر كۆرەي!
-
سەھىپە:بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
باھا:56 دانە
06-06-2012
كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ قانداق ئۇيغۇرچە بلوگ ياكى بېكەتكە بارسا ئەڭ ئاۋۋال ئېلانلىرىنى مارىلايدىغان ئادىتى بارتى، شۇڭلاشقىمۇ قەيەرگە بارسام شۇ يەردە ئېلان چىكىپلا يۈردۈم. بۈگۈن دەرس ۋاقتى دەرس ئاڭلاۋېتىپ، بلوگگېرلارنىڭ كىرىمىنىڭ شۇ قەدەر ئازلىقىغا ئېچىنغاچ، بلوگگېر ئۈچۈن ئېلان چىكىشىگە ئون باھانە تېپىپ چىقتىم، تۈگەشتىڭىز، ئەمدى ئېلان چەكمىگىنىڭىزنى بىر كۆرەي!
1. پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، ئولۇغ جۇڭگۇئانىڭ قايتا گۈللىنىشى ئۈچۈن چىكىمىزدە ئەلۋەتتە!
2. ئەلدىن-ئەلگە نەپ، ئېلانىڭىزنى چىكىپ قويسام ئۇيغۇرىمنى قوللاپ قويغىنىم بوپ قالار…
3. يازما يېزىش ئۈچۈن دەرسكىمۇ چىقماپسىز، خىزمەتكە كېچىكىپسىز، نومۇرىڭىزنى تارتىپتۇ، مۇئاشىڭىزنى تارتىپتۇ، ئېلانىڭىزنى چېكىپ قويدۇم، بىر قۇتا سۇ بولسىمۇ كېلەر…
4. يازغان يازمىڭىزنىڭ تۇتامى يوق، ئىنكاس يېزىشقا مەيلىم يوق، ئاچچىقىم راسا كەلدى، قانداق قىلاي، مەن يا تاماكا چەكمىسەم، ئاچچىقىمنى ئېلانىڭىزدىن ئالدىم!
5. ئاڭلىسام قىز دوستىڭىز(ئايالىڭىز) بىلەن ئۇچرىشىشقا دېيىشىپ قويۇپ، بلوگ ئوينايمەن دەپ ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپ قاپسىز، بەك ئەلەم بولغان ئوخشايدۇ، ئېلانىڭىزنى چىكىپ قويدۇم، ئالماس كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈكدىن بىرنى ئېلىپ كۆڭلىنى ئېلىڭ.
6.كەسىپداشنىڭ دەردىنى ئۆزىمىز بىلىمىز، قوللاپ قويغىنىم بوپ قالا!…
7. ئاڭلىسام سىزنى يازما يېزىش ئۈچۈن تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپتۇ دەيدۇ، ئېلانىڭىزنى چىقىپ قويدۇم، كەلگەن كىرىمگە بىر تال تۇخۇم بولسىمۇ كېلەر.
8. ئېلانلىرىڭىزدىكى ئاۋۇ چىرايلىق قىزغا كۆزۈم چۈشكەنتى…
9. ئېلانىڭىز ئارىسىدىن يازمىڭىزنى تاپىمەن دەپ ئۇقۇشماي چىكىپ قالدىم، ۋاي ئىسسىت!
10. كەچۈرۈڭ، بايا يېڭى ئالغان مائۇسىمنى سىناۋاتقانتىم، ئۇقۇشماي چىكىپ سالدىم…