ئەي بلوگداش، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، سىز زادى كىم ئۈچۈن بلوگ يېڭىلاۋاتىسىز؟…

669-1

مەكتەپكە قايتىپ كېلىشدىن بۇرۇن، يەنى تەتىل مەزگىلىمدە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىدىن بىر قانچەيلەن ئېلخەت،QQ ئارقىلىق ياكى تۇرايىمىزغا خەت قالدۇرۇش ئارقىلىق بەگلىكنىڭ يېڭىلىنىشىغا تەقەززا بولىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىشقان ئىدى. ئۆزۈممۇ، نېمىشقىكىن، مۇشۇ خىلدىكى تەلەپ-پىكىرلەرنى كۆرگەن ھامانلا، بلوگنى يېڭىلاشقا ئالدىراشقا باشلايتىم. ئويلاپ باقسام، مەن بلوگنى ئاشۇ سادىق ئوقۇرمەنلىرىم ئۈچۈن يېڭىلاپ كېلىۋېتىپتىمەن. ئاشۇ ئوقۇرمەنلىرىم نېمىنى خالىسا شۇنى يوللاپ، نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى يېزىپ كەپتىمەن. گەرچە، پىكىر ئەركىنلىكىم بىر ئاز بوغۇلغاندەك قىلسىمۇ، مەن قەتئىي ۋايسىماي شۇنى يېزىپ كەپتىمەن…

بلوگنى دەسلەپ باشلىغان چاغدا، ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ھاياتىنى ھەمدە قىزىقىشىمنى يازىمەن دەپ ئويلىغان ھەمدە بىر مەزگىل شۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىپ كەلگەن ئىدىم. كىيىن بلوگگېرلىق ھاياتىمغا رەسىمىي قەدەم قويغاندىن كىيىن، پرېستان بىلەن بىرلىشىپ، ئەينى چاغدىكى غايىمىز ئۈچۈن، يەنى ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن، دەسلەپكى پىلان بويىچە، بلوگگېرلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى پلانلاپ، مەخسۇس بلوگگېرلارنى كۆزدە تۇتقان يازمىلارنى يېزىپ كەلدۇق. تۇرايىمىزغا شۇنداق كۆپ سەھىپىلەرنى قوشقان، ئوخشىمىغان مەزمۇندىكى يازمىلارنى يازغان بولساقمۇ، نېمىشقىكىن يەنىلا تېخنىكىلىق مەزمۇنلار كەڭ زىيارەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا، قوللىشىغا، ئىشتىراك قىلىشغا ئېرىشتى. شۇڭلاشقا، تەجرىبىمىزنىڭ يوقلۇقى، ۋاقتىمىزنىڭ قىسلىقى، ئەڭ مۇھىمى ماتىرىيال مەنبەسىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي ھەتتا دەرسلىك ئىشلەيمىز دەپ داۋراڭ سېلىپمۇ يۈردۇق. ئىشقىلىپ، بلوگنىڭ يېڭىلىنىشىغا ھەممىدىن بەك ئىلھام بولىدىغىنى، زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ يازغان ئىنكاسى بولاتتى، ئۇلار نېمىنى خالىسا شۇنى تېپىپ تۇرۇپ يازىدىغان بولدۇق…

تەتىل مەزگىللىرى، بلوگ ھەپتە-ھەپتىلەپ يېڭىلانمىغان ئاشۇ مەزگىللەردىمۇ يېڭى يازما ئىزدەپ كەلگەن ئاشۇ زىيارەتچىلىرىمىز ئۈچۈن؛ مېنى بلوگ يېڭىلاشقا دەۋەت قىلىۋاتقان بلوگگېرلار ئۈچۈن، يېڭى مەۋسۈم باشلانغاندا، نېمىشقىكىن دەرسلىرىمنىڭ كۆپلۈكىنى، بلوگ يىزىشدىن زىرىككەنلىرىمنى باھانە قىلاي دىسەممۇ، ئاخىرى بەگلىكنى يېڭىلاشقا بەل باغلاپ يەنە بىر يازمىغا تۇتۇش قىلدىم. ئويلاپ باقسام، تۇرايىمىزنى ئاشۇ ياردەمگە مۇھتاج بلوگگېرلىرىمىز ئۈچۈن، بلوگ تېخنىكىسىغا مۇھتاج ھەۋەسكارلار ئۈچۈن، تەجرىبىگە مۇھتاج يېڭىياچىلار ئۈچۈن، قىسقىسى بلوگ ساھەسىگە قەدەم قويغان تورداشلار ئۈچۈن يېزىپ كەپتىمەن.

مەزكۇر يازمىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بلوگگېر دوستلىرىم ئويلاپ باقتىڭىزلارمىكىن، سىز كىم ئۈچۈن بلوگ يېڭىلاۋاتىسىزكىن؟…

مەزكۇر يازما ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىن ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ يۆتكەپ كېلىندى…



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1 گىرادۇس 25


25 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • پرېستان | 14:48 | 2012.04.29 جاۋاب

    1- بولۇپ خەلىقىم ئۈچۈن دېۋالاي تازا… :grin:

    • ئۇيغۇربەگ | 14:25 | 2012.05.2 جاۋاب

      خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە سىز ئەبەدىي ھايات بولغۇسىسىز پرېستان!

  • ئەلشات | 14:48 | 2012.04.29 جاۋاب

    دىۋانغا چىقىۋىلىپ ئوقاي

  • ئىقبال | 15:19 | 2012.04.29 جاۋاب

    ئاشۇ تەمتىرەۋاتقانلار ئۈچۈن ، نېمە قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقانلار ئۈچۈن ، تىخىمۇ يېزىشنى ، قانداق يېزىشنى ، نېمىنى يېزىشنى ئويلىشىۋاتقان ، ئۆگىنىۋاتقان ئۆزۈم ۋە ئۆزۈملەر ئۈچۈن دەپلا جاۋاب بېرىمەن .

    • ئۇيغۇربەگ | 14:24 | 2012.05.2 جاۋاب

      سىزنىڭمۇ بەلگىلىك نىشانىڭىز باركەن، رەھمەت سىزگە…

  • يولۋاسباي | 16:18 | 2012.04.29 جاۋاب

    مەنمۇ گاڭگىراش ئىلكىدە يۇرۇپتىمەن ھازىر بۇنى قانداق قىلغاندا جاۋاپ بىرىش كىرەك

    • ئۇيغۇربەگ | 14:24 | 2012.05.2 جاۋاب

      بالدۇرراق جاۋابىڭىزنى تېپىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!

  • ئەركە | 17:54 | 2012.04.29 جاۋاب

    مەن ئويلاپ باقسام، مەنمۇ ئۆزۈم ئۈچۈن يازىمەن دەپ بلوگ يېزىشنى باشلىغان، گەرچە مىنىڭ ۋاقتىم يىتىشمەي، بلوگ ئۇزۇن ۋاقىتتا بى يېڭىلانسىمۇ، بلوگ يەنىلا خۇددى بىر ئىللىق ئائىلەمدەكلا كۆرۈنىدۇ. مەن بلوگنى ھېلىھەم كەسپىي ئەمەس، بەلكى ئۆز قىزىقىشىمنى ئاساس قىلغان ھالەتتە بىلگەن-ئاڭلىغان ، ھېس قىلغانلىرىمنى يېزىشنى ئويلاپ كىلىۋاتىمەن. قېنى قالدى ئىشلارنى ۋاقىت ۋە شارائىت بەلگىلەيدۇ دەپ قارايمەن. :smile:

    • ئۇيغۇربەگ | 14:23 | 2012.05.2 جاۋاب

      يولداش ئەركىنىڭ ئىنكاسى مېنى چەكسىز خىياللارغا بەنىد قىلدى…

  • قارا مۈشۈك | 01:36 | 2012.04.30 جاۋاب

    مەن ئويلاپ باقسام ،ناھايىتتى ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقىنىمدەك ھىس قىلىۋاتىمەن …

  • نۇرنىجاد | 02:57 | 2012.04.30 جاۋاب

    مەن كۆرۈرمەنلەر چوقۇم ياقتۇرىدۇ دەپ قارىغانلىرىمنى يوللايمەن!

  • سەھرالىق | 05:32 | 2012.04.30 جاۋاب

    مەن ئۆز كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان، مۇشۇ كەسىپكە كىرىشكەنلەر تېخى كۆز تىكمىگەن نۇقتىلارنى ئاساس قىلىپ بلوگ يازىمەن. باشقىلار ياقتۇرامدۇ-ياقتۇرمامدۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، چۈنكى بلوگ مېنىڭ! نېمە يازغۇم كەلسە شۇنى يازىمەن :mrgreen:

  • ئەۋلات | 13:36 | 2012.04.30 جاۋاب

    گەرچە كىچىكىپ كىلىپ قالغان بولساممۇ بىر ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قۇياي ، جەميىتىمىزدە يىتىلىۋاتقان سانى بار ساپاسى يوق، بىرقىسىم ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىغا ئىبرەت ، ۋەتىرىشىپ تىرمىشىپ ئۆزمەجبۇريىتى ئاساسىدا ئىلگىرلەۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىغا ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن ھەم ئۈزەم ئۈچۈن يازىمەن .

  • ئۆزقان | 15:05 | 2012.04.30 جاۋاب

    مەن نېمە دېسەم بولار…، ئويلاپ باقسام، مەن ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزۈم ئۈچ

  • ئۆزقان | 15:08 | 2012.04.30 جاۋاب

    ۈن يازىدىكەنمەن جۇمۇ! لېكىن بۇمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئوتى بار ئىشكەن دەڭلا، شۇڭا يازماسلىققا زادىلا بىرەر باھانە تاپالمىغۇدەكمىز…

  • ئىزتىل | 15:56 | 2012.04.30 جاۋاب

    مەن پەقەت « روھى گاداي بايلارنى روھى باي گاداي»لاردىن قىلىش ئۈچۈن بلوگ يېزىۋېتىپتىمەن ، ئۆزەممۇ ھەم مۇشۇ كاتىگورىيىنىڭ ئىچىدە .

  • ئۇدۇنبەگ | 11:58 | 2012.05.1 جاۋاب

    مەن بەگلىك قۇرۇش ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن(چاقچاق ھاھا…) مەن ئۆزۈممۇ يېڭى دىتال دىگەنلەرگە قىزىقىدىغان بولغاچقا ئۆزۈم ياخشى دەپ قاراغان دىتاللارنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھىرلىنەي دەپ يېزىۋاتىمەن. ئۇدۇنبەگ(ئەسلىدىكى ئۇدۇن) :oops:

  • روھچىن | 12:26 | 2012.05.1 جاۋاب

    مەن بلوگنى پەقەت ئۈزۈم ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن. ئەزەلدىن زىيارەت سانى، ئىنكاس دىگەنلەر بىلەن ھىساپلىشىپ باقمىدىم. كىرىپ ئىنكاس قالدۇرسا، مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردۈم. بىر يەرلەردە ئۇلىنىش قىلىپمۇ يۈرمىدىم. دەسلىۋىدىمۇ ئۈچۈم ئۈچۈن يازىمەن دىگەن ھېلھەم شۇ قارىشىمدىن يالتىيىپ باقمىدىم

    • سەھرالىق | 14:26 | 2012.05.1 جاۋاب

      سىلىنىڭ بلوگقا ۋىرۇس يوقۇپتۇ، ۋاقتىدا تازلىۋالسىلا!

    • روھچىن | 12:09 | 2012.05.4 جاۋاب

      يېقىندىن بىرى بوشلۇققا بىرنەرسە يوللىغىلى بولمايدىغان. بلوگ سىستىمىسنى، قىستۇرمىلارنى يىڭىلىغىلى بولمايدىغان بۇلۇپ قالغان ۋىروسنىڭ سەۋەبىدىن ئوخشىمامدۇ ؟ قانداق تازىلايدىغاندىمىز كومپىيوتىر تازىلاپ باققان

      • ئۇيغۇربەگ | 14:31 | 2012.05.4 جاۋاب

        ئېنىق ئالامەتلىرى قانداق؟

    • روھچىن | 10:27 | 2012.05.5 جاۋاب

      بەك قالايمىقان، يېقىندىن بىرى FTP غا ئۇلىنالمىدى دەيدىغان بۇلۇۋاپتۇ. چ چ لىرىغا خەت قالدۇراي ۋاقىتلىرى يەتكەندە بىر قاراپ باقسىلا

  • ئىزدەن | 03:37 | 2012.05.3 جاۋاب

    كەمىنە توردا تەبىئەت پەنلىرىگە دائىر ئانا تىلىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ماتېماتىكىچىلىقىغا بىر كىشلىك تۆھپەمنى قوشۇش ئۈچۈن(ئاتە پونى ھە! :mrgreen: ) يازىدىكەنمەن….

  • ھېكمەت | 14:04 | 2012.05.3 جاۋاب

    بىلوگنى تۇرمۇش ئۈچۈن يازىمىز…

  • لوپنۇرى | 05:09 | 2012.05.9 جاۋاب

    مېنىڭچە، كۆپىنچە بلوگىر دوستلار بىر بولسىمۇ ئۆزى بىلگەنلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش، ئۆز قەلبىدە يۇشۇرۇنۇپ ياتقان ھېس-تۇيغۇلىرى، ئىزدىنىشلىرى ۋە تەپەككۇر تامچىلىرىنى مىننەتسىز ھالدا سوۋغا قىلىش مەقسىدە ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى بلوگ يېزىش ۋە ئۇنى داۋاملىق يېڭىلاشقا سەرپ قىلىدۇ. مەيلى بلوگ تېخنىكىسىغا ئائىت يازمىلار بولسۇن مەيلى مەدەنىيەت-تارىخ ۋە مائارىپقا ئائىت يازمىلار بولسۇن بۇلارنىڭ يۇرۇقلۇققا چىقىشى تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ مېڭىۋاتقان دوستلارنىڭ قان تەرىنىڭ مەسھۇلى!

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif