[تەرجىمە ناخشىلىرىمدىن] تۈرك ناخشىچىسى ياشار ئىجراسىدا–تاتلىق سۆيگۈڭ
-
سەھىپە:ئىجادىيەتلىرىم
باھا:3 دانە
19-12-2012
ئىمتىھان مەزگىلىم كېلىپ قالغاندا ھەجەپ ئالدىراش بولۇپ كېتىۋان دېسە، ۋۇيجۇن! بىر ھەپتىدىن بىرى ھابابام سىنىپىنى تاماملىدۇق، مەن مەكتەپنىڭ ئىنگىلىزچە مۇنازىرە مۇسابىقىسىگە تاللىنىپ قېلىپ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇمۇمىي نەتىجىدە بىرىنچى بولۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردۈق، ئارقىمۇ ئارقىدىن ئىككى پارچە ئىلمى ماقالە يازىدىغان ئىش چىقتى، ئۇنى ئاز دەپ….ۋاي ۋاي، مەندىن ئالدىراش ئىنسان بارمىدۇ؟ ئالدىراش بولمىسىڭىز كەپەمگە كېلىپ نېمە قىلاتتىڭىز؟ كەلگەنكىن تۈرك ناخشىچىسى ياشارنىڭ كونا ناخشىلىرىدىن «تاتلىق سۆيگۈڭ»نى ئاڭلاپ كىتەرسىز…
ناخشا تېكىسىتى
Yaşar – Acıtmıyor Sevdan
قوللىرىمدىن چىقىپ غايىپ بولغان زامان
Ellerimin altından kayıp gider zaman
كۆزلەرىمنى تىكتىم يوللىرىڭغا كېلەرسەنمۇ
Gözlerimi diktim yollarına geliyor musun
ئىرىدىم كۆيۈۋاتقان شاملار كەبى، ئۆتمەكتە زامان
Eridim yaktığım mumlar gibi geçiyor zaman
كۆزلەرىمنى تىكتىم يوللىرىڭغا قايتارسەنمۇ
Gözlerimi diktim yollarına dönüyor musun
چۈرگىلەر ھامان دۇنيا، بېشىمدا تۇمان
Dönüyor aman dünya başım duman
سانجىلار ئەمما ئاغرىتماس سېنىڭ سۆيگۈڭ
Batıyor ama acıtmıyor senin sevdan
كەتكىنىڭدە ياز ئىدى، كۈز پەسلىمۇ ئۆتۈپ كەتتى
Gittğinde yazdı sonbahar geçti
ۋە بارلىق مەۋسۈملەر
Ve bütün mevsimler
تۈگەشكىنىمدە ياز ئىدى ئوقۇمۇڭمۇ
Bittğimi yazdı okumadın m
مېنى چوڭ خەتلىك ماۋزۇلاردىن
Beni manşetlerden
چۈرگىلەر ھامان دۇنيا، بېشىمدا تۇمان
Dönüyor aman dünya başım duman
سانجىلار ئەمما ئاغرىتماس سېنىڭ سۆيگۈڭ
Batıyor ama acıtmıyor senin sevdan
كەتكىنىڭدە ياز ئىدى قانچە باھار ئۆتتى
Gittiğinde yazdı kaç bahar geçti
كىشىلەرنىڭ سۆھبەتلىرىدە
Şunun şurasında
ئەمدى سۆيگىمىز بىر ئانىنىڭ
Şimdi aşkımız bir annenin
بالىسىغا قىلغان دۇئاسىدا…
Çocuğa duasında