مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشتىن ئاپتونۇمىيەگە قايتىش(2)

SPAIN-ETA/

سۈرەتتە: «ئېتا تەشكىلاتى»(ETA) ئەزالىرى بايانات ئېلان قىلماقتا

مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشتىن ئاپتونۇمىيەگە قايتىش(2)

ئاپتور: لىندا
ئەسلى ماقالىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى

باسىك رايونى(ئىنگىلىزچە Basque، ئىسپانچىدە vasco/a Euskadi، خەنسوچىدە 巴斯克 دېيىلىدۇ) ئىسپانىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، كەڭ مەنىدىكى باسىك رايونىنىڭ بىر قىسمى فىرانسىيە تەۋەسىدە. باسىك رايونىدا يەر ئاستى بايلىقلىرى ناھايىتى مول بولۇپ، يېقىنقى دەۋىردە بايقالغان مېتال كانلىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان پولات تاۋلاش ۋە كېمىسازلىق سانائىتى بىلەن مەزكۇر رايون بۇرۇنقى نامرات بېلىقچىلىق رايونىدىن ئىسپانىيەدىكى ئىقتىساد گۈللەنگەن رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. باسىك تىلى ياۋروپادىكى ھېچقانداق بىر تىلغا تەۋە ئەمەس، ئېيتىشلارغا كۆرە باسىك تىلى دۇنيا بويىچە ئۆگىنىش ئەڭ تەس بولغان تىللارنىڭ بىرى. 13-ئەسىردە باسىك رايونى كاستىلې خانلىقى(Kingdom of Castile)غا بېقىنغان بولسىمۇ، كېيىنرەك مەزكۇر خانلىقتىن «ئاپتونومىيە يارلىقى»غا ئېرىشىپ، قانۇنلۇق ھالدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. ھازىرمۇ بىز باسىك رايونىنىڭ گېرنىكا مۇزىيىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا قىلىچ تۇتۇپ تۇرغان بىر كىشىنىڭ ھەيكىلىنى كۆرەلەيمىز، بۇ ھەيكەل ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا ئاپتونۇمىيەگە ئېرىشكەن خانلىقنىڭ پادىشاھىنىڭ ھەيكىلى.

باسىك رايونىنىڭ ئەگرى-توقاي يولى

19-ئەسىردىن باشلاپ ئىسپانىيەنىڭ دۆلەت كۈچى كۈچەيگەندىن كېيىن باسىكلارنىڭ ئاپتونومىيىسى بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدا قالغان. كېيىنكى ئۈچ قېتىملىق مەغلۇب بولغان جەڭدىن كىيىن بولسا، باسىك ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يوقاتقان بولۇپ، 1876-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى باسىك رايونى نەچچە يۈز يىل داۋام قىلغان «ئاپتونومىيە يارلىقى»نى ئىسپانىيە پادىشاھى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن. ئارىدىن 60 يىل ئۆتۈپ، 1936-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتى كابىنىتى قانۇن ماقۇللاپ باسىك رايونىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئىتىراپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن باسىك رايونى تۇنجى بولۇپ ھازىرقى دەۋردىكى ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن. ئەمما، ئۇزاق ئۆتمەي پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن باسىك رايونىدىكى ئاپتونومىيەنىڭ ئۇلى تەۋرەشكە باشلىغان بولسا، تۆت يىل ئۆتۈپ ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلىشىپ فىرانكو دەۋرىگە كەلگەندە باسىك بىلەن ئىسپانىيەنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىشكە باشلىغان.
1939-يىلى فىرانكو باسىك تىلىنى چەكلىگەن ھەمدە بۇ چەكلەش 36 يىل داۋام قىلغان(بۇ چەكلەشتە كاتولىنىيە تىلى ھەم بار).  شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل چەكلەش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى چەتكە قېقىلىش بۇ رايوندىكى سولچىللارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن ھەمدە مەزكۇر رايوندىكى خەلقلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. مىللەتنىڭ خاراكتىرى جەھەتتىن ئېيتقاندا كاتولىنىيەلىكلەر بىرئاز مۆتىدىل بولغان بىلەن باسىكلار ناھايىتى قارام كېلەتتى، مىللىي ئىزىلىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن باسىكلار تۈرلۈك ئۇسۇلدا قارشىلىق كۆرسۈرۈشنى باشلىۋەتتى، بەزىلىرى ھەتتا ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقتى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن داڭلىق بولغىنى 1959-يىلى قۇرۇلغان «ئېتا تەشكىلاتى»(ETA) ئىدى.
«ئېتا»(ETA) سۆزى باسىك تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، باسىك تىلىدىكى «باسىكلارنىڭ ۋەتىنى ۋە ئەركىنلىكى» دېگەن سۆزلەرنىڭ قىسقارتىلمىسى. باسىكلار ئىسپانىيە باسىك رايونى ۋە فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، باسىكلار فىرانكو ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، 1970-يىلى توققۇزىنچى ئايدىكى 1101 نەپەر سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى باسىك مىللەتچىلىرى ئىدى. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى فىرانكو بىر ئاممىۋىي يىغىلىشقا قاتناشقا بىر باسىك مىللەتچىسى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ تاپتا باسىك مىللىتىنىڭ ئەھۋالىغا دۇنيا ناھايىتى دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل مەسىلە يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن، دۇچ كىلىۋاتقان، دۇچ كىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بۇ مەسىلە بولسا رايون مۇستەقىللىقى(区域独立) ۋە ھۆكۈمەت مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش مەسىلىسى. مەسىلەن: ئۆتمۈشتىكى ئەنگىلىيە بىلەن شىمالىي ئېرلاندىيە مەسىلىسى، نۆۋەتتىكى رۇسىيە ۋە چېچىنىستان مەسىلىسى.
1968-يىلى باسىك مۇستەقىللىق كۈچلىرىدىن «ئېتا تەشكىلاتى»(ETA) زوراۋانلىق بىلەن ئۆز مەقسىتىنى ئاڭلىتىشنى باشلىغان. شۇ يىلى «ئېتا تەشكىلاتى»(ETA)نىڭ بىر قېتىملىق پارتلىتىشىدا ۋاپات بولغان بىر كىشى شۇ يىلىدىكى تۇنجى تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارادىمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە گاڭگىراش پەيدا بولغان: ناۋادا تېررورلۇققا، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش مەيدانىدا تۇرسا، دېكتاتورلارنى قوللىغاندەك بولىدىكەن؛ ئەكسىچە بولغاندا تېررورلۇقنى ياقلىغاندەك بولغان…

دېموكراتىيە – مۇھىم چىگرا سىزىقى

30ئىسپانىيە  يىل داۋاملاشقان دېموكراتىيلىشىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، باسىكلارنىڭمۇ تاللاش يولى ئېنىقلىشىشغا باشلىغان. دېموكراتىيە تاماملانغاندىن كېيىن ئىسپانىيەمۇ ئەركىن بولدى، باسىكلارمۇ ئەركىن بولدى. باسىكلار ئۆز تىلىدا مەكتەپ ئاچقاندىن سىرىت، يەنە ئاشۇ ئەركىن مۇھىتتا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئەنئەنىسىنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئۆزلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەنىڭ تەمىنى تېتىدى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ ئويلىنىشقا باشلىدى. 1978-يىلى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغاندا قاتتىق يامغۇرغا قارىماي بىلەت تاشلاشقا قاتناشقان 76.46% باسىكلار يېڭى ئاساسىي قانۇننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا ھەقىقىي ئاپتونومىيەگە ئېرىشكەن ئاپتونوم تۈزۈلمىسىنى قۇبۇل قىلىپ، مۇستەقىللىق دەۋاسىغا قارشى تۇردى. باسىكلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىمۇ بۆلۈنۈش يۈز بەردى، ئىككى چوڭ باسىك پارتىيىلىرىنىڭ بىرى مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلسا، بىرى مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ ئاپتونومىيەدە چىڭ تۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسپانىيە دېموكراتىيلىشىپ باسىك رايونىغا بولغان باستۇرۇش ۋە ئىزىش سىياسەتلىرى ئەمەلدىن قالغاچقا، كىشىلەر زوراۋانلىقنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قانۇنىي تەرتىپ بىلەن تەلەپ قىلىش ۋە ئېرىشىش قەدەملىرىنى باستى. زوراۋانلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىۋاتقان «ئېتا تەشكىلاتى»(ETA)مۇ 2009-يىلى زوراۋانلىقنى تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شۇنىڭ بىلەن ماقالە تۈگىدى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1,604 گىرادۇس 5


5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ۋەھىمە | 09:29 | 2012.10.15 جاۋاب

    بۇرۇن بۇلار توغۇرلۇق ماتىريال كۆرگەن ئىدىم ، ھەقىقەتەن ئۆز ھوقوقىنى قوغداشتا ھىچنىمىدىن قورقمايدىغان كىشىلەرئىكەن بۇلار ;-)

  • [...] 4256.html ئالدىنقى يازما  [...]

  • ئەۋلات | 14:34 | 2012.11.19 جاۋاب

    ھەممە مىللەتنىڭ ئۆزتەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھۇقۇقى بۇلىدۇ ،قانداقلىكى بىر دۆلەت تىرورلىقنىڭ تەھتىدىنى يۇقىتىمەن دەيدىكەن ، ئۆز ئىستىلاسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىنسانى ھۇقۇقىنى دەپسەندە قىلماسلىقى ، ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە بولغان ئاپتۇنومىيە ھۇقۇقىنى بىرىشى كىرەك.

  • كۈسەنىم | 15:34 | 2012.12.18 جاۋاب

    نەزىرىمدىكى ئەڭ قەيسەر مىللەت خەلىق چېچىنيە خەلقى ، پەلەستىن خەلقى!!

    • ئوۋچى | 19:52 | 2013.04.5 جاۋاب

      ئاخىرغا ئۇيغۇر خەلقىنى قىتىشنى ئۇنتۇپ قاپلا :!: :!: :!:

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif