كەپەمنىڭ ماتىرىيالىنى ئالماشتۇردۇم، يېڭىچىراق ھالدا يازايلى ئەمدى…
-
سەھىپە:ئىجادىيەتلىرىم
باھا:7 دانە
12-05-2012
بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن جۇڭگودىكى يىنىك بلوگ مۇلازىمەت بېكەتلىرىدىن بىرى بولغان دىيەن دىيەن(点点)تورىغا تىزىملىتىپ، خەنسوچە بلوگىم ئۈچۈن ئالغان تور نامىم www.Uyghurbeg.me ئاخىرى بۇ بېكەتكە باغلىۋالدىم ھەمدە بېكەت ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلارنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىگە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى قاچىلىۋالدىم. يىنىك بلوگنى ئىشلىتىش داۋامىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى، بلوگ قانچە ئاددىي ۋە قانچە يىنىك بولسا شۇ ياخشىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ كەپەمنىڭ ئۇسلۇبىنىمۇ ئاشۇ خەنسوچە بلوگىمغا ئوخشىتىپ ياسىۋالدىم، كۆرگىنىڭىزدەك ھازىرقى كۆرۈنۈشدىكى ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى دۇنياغا كەلدى. كەڭ ئەزىز تورداشلارنىڭ مېنىڭ «总统先生的别墅» ناملىق خەنسوچە بلوگىم بىلەن« ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى» ناملىق بۇ ئىككى بلوگىمغا ئوخشاشلا دىققەت قىلىپ قۇيىشىنى سورايمەن، كەمىنە، داۋاملىق ھەرىكەتتە. مەنزىل: