يېڭى بلوگداشلارنىڭ ئۇيغۇربەگدىن كۆپ سورايدىغان سۇئاللىرى ۋە جاۋابلىرى

soralghan sorallar_副本

مۇشۇ WordPress سۇپىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە ئازراق بىر نەرسە ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىنى تونۇيدىغان-تونۇمايدىغان بلوگداشلاردىن ئايىماي كېلىۋاتىمەن، ھەتتا بىر قىسىم بلوگداشلارغا بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ بىرىۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن يېڭى بلوگداشلارنىڭ ئوخشاش سۇئالنى قايتا-قايتا سورايدىغان ئەھۋالغا تولا ئۇچراپ كەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يۈرۈشلۈك تېمىلىرىمدا مەندىن كۆپ سورايدىغان بىر قانچە سۇئاللارنى ۋە ئۇنىڭ جاۋابىنى يېزىشنى ئويلاشتىم، ئىلاھىم، يازغان نەرسىلىرىم تېتىملىق چىققىيدى…


1. سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇربەگ ئەپەندى، WordPress دېگەن نېمە؟ ئۇ بىر بوشلۇقمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تۆۋەندىكى مەنزىلدىكى يازمىدا WordPress ھەققىدە خېلى تەپسىلىي توختالغان ئىدىم، كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، مەنزىل: http://www.tedbirkar.com/785.html

2. سۇئال: مېنىڭ بلوگ قۇرغۇم بار ئىدى، ئەمما پروگرامما تىلىنىمۇ بىلمەيمەن، قانداق قىلسام بولا؟

جاۋاب: سىز بلوگ يازماقچى بولسىڭىز شۇنداقلا يېزىش ئىرادىڭىز كۈچلۈك بولسىلا WordPressكە بىر ھەپتە ئىچىدە كۆنۈپ، بىر ئاي ئىچىدە ئۇستا بولۇپ كېتىسىز. ناۋادا سىز بلوگ ئوينىماقچى بولسىڭىز كەچۈرۈڭ، ھېچ بولمىسا HTML،CSS تىللىرىدىن ئازراق ئاساس چىقىرىپ كېلىڭ.

3. سۇئال: ئۇيغۇربەگ ئەپەندى، بلوگىمنىڭ خېتى ئەرەپچىدەك چىقىۋالدى، قانداق قىلىمەن؟

جاۋاب:  قاراپ باقاي…ھىم، بلوگىڭىز eot تونىماپتۇ، تۇرايىمىزدىكى تۆۋەندىكى يازمىلار بۇيىچە مەشخۇلات قىلسىڭىز نورمال تونىتالايسىز:

بىرىنچى:

WordPressدە EOT تونۇتۇش (1) : CreateMyEot قورالى ئارقىلىق EOT تەييارلاش

ئىككىنچى:

WordPressدە EOT تونۇتۇش (1) : تەييارلانغان EOT ھۆججىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش

ئۈچۈنچى:

WordPressدە EOT تونۇتۇش ( 2) :Microsoft Weft ئارقىلىق eot ھۆججىتى ياساش

4. سۇئال: ئۇسلۇب ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بلوگىمنىڭ ئالدى بېتى ئاپئاق بولۇپ قالدى

جاۋاب: قارىغاندا ئۇسلۇبىڭىز بىرەر قىستۇرما بىلەن ۋە ياكى سېستىمىنىڭ بىرەر فۇنكىسىيىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ئوخشايدۇ. خاتالىق ئۇچۇرىغا ئاساسەن مەشخۇلات ئېلىپ بېقىڭ، قىستۇرمىلارنى توختىتىپ سىناپ بېقىڭ، يەنە ئوڭشالمىسا ئارقا سۇپىغا كىرىپ باشقا ئۇسلۇبلارنى يۇيۇۋېتىپ ئۇسلۇبنى يېڭىدىن قاچىلاپ بېقىڭ، يەنە ئوڭشالمىسا ئۇسلۇبىڭىز چاتاق ئوخشايدۇ، باشقا ئۇسلۇبنى قوزغىتىپ بېقىڭ.

5. سۇئال: ئۇسلۇب ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بلوگىمنىڭ ئارقا بېتى ئاپئاق بولۇپ قالدى

جاۋاب: FTP قورالى بىلەن بوشلۇققا كېرىپ قوزغاتقان يېڭى ئۇسلۇبىڭىز يۇيۇۋېتىڭ. ئۇسلۇبنىڭ بوشلۇقتىكى ئادرېسى نورمالدا تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

wwwroot/wp-content/themes/uslubnami

6. سۇئال: مەنمۇ ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈپ باقاي دېگەن ئىدىم، قانداق قىلسام بولا؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئەمما، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن، HTML،CSS تىللىرىدىن ئازراق ئاساسىڭىز بولسىلا بولىدۇ. ئاساسىڭىز بولمىسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق، سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بىرەي، مەن ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنى باشلىغاندا HTML،CSS تىللىرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتىم، ئەمما ئىنگىلىزتىلى بىلەتتىم.

7. سۇئال: ئۇيغۇربەگ ئەپەندىم، سوراپ باقسام، سىز بلوگدىن ئېيىغا قانچىلىك كىرىم قىلىسىز؟

جاۋاب: نورمالدا 300000، ياخشى بولۇپ قالسا بىرەر يېرىم مىليون كىرىم قىلىمەن.

8. سۇئال: پرېستان يوقاپ كەتتىغۇ؟

جاۋاب: كىم دەيدۇ؟ ئۇيغۇربەگ نامىدا يازما يوللاپ، ئىنكاسلارغا جاۋاب بىرىۋاتقان كىمۇ ئەمىسە؟

9. سۇئال: سىز قاچان توي قىلىسىز ئەمىسە؟

جاۋاب: قاچان توي قىلىدىغانلىقىمنى تېخى بىلمىدىم، ئەمما شۇنى ئېنىق بىلىمەنكى تورخۇمارنىڭ ئاپتورى تەدبىركار توي قىلىشتىن بۇرۇن توي قىلىمەن…

بۈگۈن سورالغان سۇئاللار مۇشۇنچىلىك ئىكەن، شۇڭا مەنمۇ مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، بلوگداشلار يەنە سۇئال سوراپ قالسا ئەتە-ئۆگۈن يېڭى تىما قىلىپ يوللايمەن…



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1 گىرادۇس 20


20 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • چەۋەندازلار | 11:43 | 2012.10.1 جاۋاب

    قىسقا، ئېسىل جاۋابلار بوپتۇ :mrgreen:

  • تۇران تېكىن | 13:41 | 2012.10.1 جاۋاب

    ئۈنۈمى يۇقىرى جاۋاپلار بۇلۇپتۇ. مۈمكىن بولسا ئىلگىرى سورالغان سۇئاللار بولسىمۇ جاۋاپ شەكلىدە چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز.

    • ئۇيغۇربەگ | 13:55 | 2012.10.1 جاۋاب

      سۇئال سوراڭلار ئەمىسە :oops:

  • قەقنۇس | 14:04 | 2012.10.1 جاۋاب

    مىغىزلىق جاۋابلار بولۇپتۇ :mrgreen:

  • ش.ئە.ئۇيغۇرى | 16:42 | 2012.10.1 جاۋاب

    كيۇكيۇدىكى پاراڭلىرىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېلىپلا چاپلاپسىز-دە، گەرچە ئادەتتىكىدەك پاراڭلار بولغان بىلەن بلوگقا چىقسا خېلى قىزىقارلىق تۇيۇلىدىكەن :|

    • ئۇيغۇربەگ | 13:45 | 2012.10.3 جاۋاب

      بەزىلىرىنى بەك كۆپ سوراپ…تۇرۇۋالىدىكەن دەيمەن، يېڭى بلوگگېرلارنى شەخسىي سۇئاللارنى ئەمەس، تېخنىكىلىق مەزمۇنلارنى كۆپرەك سورىسا بولمامدۇ دەپ كېتىمەن بەزىدە.
      ئەڭ قىززىقى بەزىلەر ھەتتا مىللەت تەۋەلىكىمنى، بەزىلەر تېخى «پرېستان»نىڭ جىنسىنى سوراپ كېتىدۇ، ۋاھاھاھا…

  • پرېستان | 18:32 | 2012.10.1 جاۋاب

    قېلىن بەگ، توينىڭ گىپىنى چىقىرۋاپسىزغۇ… :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 13:45 | 2012.10.3 جاۋاب

      خەق مەندىن سورىغان سۇئال دەيمەن، مەندە نە چارە؟

  • ۋەھىمە | 16:06 | 2012.10.2 جاۋاب

    مەن مۇ سۇئال سورىغىلى كەلگەن ،
    بىلوگىرلار شىرىكلىشىپ بىرە شىركەت قۇرسا لىدىر بولامسىز ؟ :mrgreen: :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 13:46 | 2012.10.3 جاۋاب

      بولمايمەن، بىر بلوگنى باشقۇرۇشقا شۇنداق كۈچ ۋە زېھىن كەتتى، بىر توپ بلوگنى باشقۇر دېسە يا بولمىسا ئاچچىقلىنىپ ئۆلۈپ قالىمەن ياكى باشقۇررۇپ بولالماي چارچاپ ئۆلۈپ قالىمەن…

  • نىدا | 18:21 | 2012.10.2 جاۋاب

    ئاۋۇ 9-سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاب يالغان بولۇپ قالدى بولغاي، تەدبىركار غوجام نەۋاق بىلوگنى تاشلاپ تويغا تەييارلىق قىلىۋاتقىلى، http://www.tedbirkar.net خېلى بولدى ئېچىلماس بولغىلى. بېگىمدىن چاققان چىقىپ كېتىشى ئېنىق. :lol: ھە راست، چىراي ئىپادىلىرى ئاستىدىكى بىرخىل، ئۈستىدىكىلىرى يەنە بىر خىل ئىكەن، مۇشۇمۇ بەگنىڭ كۆڭلىنىڭ بىر جايدا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. :idea:

  • بەگ ئۇكام ، بلوگ ياساپ ھەر ئايدا 300000 ياكى بىرەر مىليون پۇل تاپىدىغان تۇرۇپ نىمىشقا بىزگە ياردەم قىلمايسىز ؟! مۇشۇ تاپتا شۇ پۇللار كۈزۈمگە كۈرۈنۈپ كېتىۋاتىدۇ … :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 13:48 | 2012.10.3 جاۋاب

      قەدىرلىك ئاكىجان، ئاۋۇ ئۇزۇن ساننىڭ بىرلىكى نېمە ھېچكىم سورىمىدى، كورىيە ۋونى ياكى ياپونىيە يىنى ئىكەنلىكىنى ۋە ياكى كولۇمبىيە دوللىرىمۇ ھەم ھېچكىم بىلمەيدۇ….

  • نۇقۇت | 09:55 | 2012.10.3 جاۋاب

    سۇئالغا جاۋاپنى تۆكۈۋېرىپسىزدە مۇنداق بەزى جاۋاپلارنى كۆرگەنلەر ھەممىسى خىزمەتنى تاشلاپ ئۆينى خىزمەت ئورنى قىلىپ ھەممىسى بىلوگ قۇرۋالمىسۇن كىيىنىك ئاقىۋەتتە ….ھاھا ئەممازا ياخشى جاۋاپ بوپتۇ بىلوگىرلارنىڭ مەقسىتى ئىنىق بولشى كىرەكدە ئاساسلىقى كىرىم ئەمەس بەلكى ئەلگە نەپ شۇنداقراق ئويلۇدۇم باشقلارنىڭ قانداقكىن …. :mrgreen:

  • لوپنۇرى | 17:04 | 2012.10.4 جاۋاب

    سىزدە بىر خىل ھازىر جاۋابلىق تالانتى بار ئىكەن.ھۆكۈمەتنىڭ ئاخپارات ئېلان قىلىش ئىدارىلىرىدە ئىشلەپ قالسىڭىز،مۇخپىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا ئالامەت جاۋابلارنى بېرىۋەتكۈدەكسىز.

    • ئۇيغۇربەگ | 01:18 | 2012.10.25 جاۋاب

      كەسىپ ئۆزگەرتىپ باقسام بولغۇدەك جۇمۇ!

  • ساباھ | 15:12 | 2012.10.5 جاۋاب

    :lol: :lol: :lol: :lol: :lol:

  • كۆنچى | 10:16 | 2012.10.6 جاۋاب

    مەنمۇ بىر سوئال سوراي ئەمسە. تويىڭىزنىڭ باغاقنى قايىسى لايىھە بلوگىغا لايىھەلەتمەكچى بولىۋاتسىز؟ :|

    • ئۇيغۇربەگ | 02:27 | 2012.10.21 جاۋاب

      جاھانغا مەشھۇر ئەجرىمدە لايىھەلىتىمىزدە! :grin:

  • تۇركى | 23:22 | 2012.11.11 جاۋاب

    ئاداش كورىيەنىڭ 花样男子 دىگەن كىنونى ئىمكان بولسا تەرجىمە قىلغان بولساڭ ؟

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif