ئاگاھ بولۇڭلار ئەي ئۇيغۇر بلوگداشلار، كاتتا شان-شەرەپ ۋە مۇھىم ۋەزىپە باشلاندى….

qiang_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، بىلگىنىڭلاردەك بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى يۇكسەل بلوگى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كەلگەن يىللىق «ئون چوڭ ئۇيغۇرچە بلوگ» پائالىيىتى ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان بىر پائالىيەت بولۇپ، بىر ھېسابدا ئۇيغۇر بلوگلىرىنى تەشۋىق قىلىش رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپدىن ئۇيغۇر بلوگداشلارغا بىرىلگەن مەدەت ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بېرىش مەيدانى، ئۆزىنى تونۇتۇش سەھنىسى ئىدى، ئارىلىقتا بىر يىل ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۈچ قېتىم ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ھەمدە كەڭ ئۇيغۇر بلوگداشلار ئارىسىدا ناھايىتى ئىناۋەتكە ئىگە پائالىيەت ئىدى. مانا، بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن ئۆتۈپ بولدۇق، بۇ يىلمۇ ھەم بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ، ھازىر بولسا پائالىيەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋاقتى، يەنى ئاگاھ بولۇڭلار ئەي ئۇيغۇر بلوگداشلار، كاتتا شان-شەرەپ ۋە مۇھىم ۋەزىپە باشلاندى….


پائالىيەت ھەققىدە

يازمىمىزنىڭ بېشىدا ئېيتىلغاندەك بۇ پائالىيەت ئالدىنقى يىللاردا يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ۋە تەشكىللىنىپ كەلگەن. بۇ يىل بۇرۇنقى يىلغا ئوخشىمايدۇ، يەنى بۇ يىلدىن باشلاپ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللەش ھوقۇقى دىيارىمىزدىكى نوپۇزلۇق بېكەتلەردىن بىرى بولغان كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى بېكىتى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقتە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

    •      بۈگۈنگە كەلگەندە، پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇنتىزىم ئۆتكۈزۈلۈشى، تېخىمۇ كاتتا شەرەپلەرگە، نۇپۇزغا ئىگە بولۇشى چىقىش قىلىنىپ، يۈكسەل بلوگى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نىڭ تەشكىللەش ھوقۇقى ۋە «ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى»نىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى «ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتماسلىق ۋە قوغلاشماسلىق، بلوگگېرلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىش» ئالدىنقى شەرتى بىلەن «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»گە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 2012-يىلىدىن باشلاپ، مەزكۇر پائالىيەتنى شىركىتىمىز تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ.

شۇنداق، بىز يۈكسەل بلوگىدىكىلەرگە قانداق ئىشەنگەن بولساق، كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىگە ھەم شۇنداق ئىشىنىمىز ھەمدە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ قىززىيدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمىز. نۆۋەتتە بۇ يىللىق پائالىيەت پىكىر ئېلىش ۋە لايىھە قوبۇل قىلىش باسقۇچىدا بولۇپ، كەڭ بلوگداشلارنىڭ پائالىيەتنىڭ نوپۇزى ۋە ياخشى  ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن پىكىر-تەلەپ بىرىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.  مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرگە كۆرە، بۇ قېتىم پائالىيەتنى قوللاپ بەرگەن شىركەت-ئورگانلار بۇرۇنقىدىن كۆپ ۋە نوپۇزلۇق. قوللىغان شىركەت ۋە ئورۇنلار تىزىملىكى:
    (1) بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
    (2) ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
    (3) مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
    (4) مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
    (5) شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
    (6) «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
    (7) ئۇلىنىش خەلقارا سودا چەكلىك شىركىتى (ulinix.cn) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
    (8) ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (izda.com ئارقىلىق) تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىدى.
    (9) بىرزات بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ماددىي مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن قوللىدى.
    ھەمكارلىشىش ئويى بار شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسلەرنى داۋاملىق قارشى ئالىمىز.

بلوگداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ بۇ پائالىيەتكە نەزەر سېلىپ قويۇشىنى شۇنداقلا ياخشى ئارزۇ-ئارمانلىرى، تەنقىد-پىكىرلىرى بولسا ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەنزىلىدە بايان ئەيلىشىنى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇناسىۋەتلىك يازما ۋە مەنزىل

1.شىركىتىمىز «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» تەشكىللەش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

مەنزىل: http://bbs.xjcfan.com/thread-2732-1-1.html

2.«ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ھەققىدەدەسلەپكى لايىھە (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)

مەنزىل: http://bbs.xjcfan.com/thread-2977-1-1.html

3. 10 چوڭ بىلوگ تەشۋىقات رەسىملىرى

مەنزىل:  http://bbs.xjcfan.com/thread-2981-1-1.html



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1 گىرادۇس 10


10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئەلشات | 13:11 | 2012.08.10 جاۋاب

    ئادىل ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەريىلدىكىدەك سايلانغانلارنىڭ سايلىنىۋىرىپ سايلانمىغانلارنىڭ بىر چەتتە قىلىپ قىلىشىنىئۈمىد قىلمايمىز. ئۆزۈمنى كۆزدە تۇتمىدىم. ھەم مىنىڭ قاتنىشىپ مۇكاپاتئىلىش ئويۇممۇ يوق

    • ئۇيغۇربەگ | 13:12 | 2012.08.10 جاۋاب

      ئويلىغانلىرىڭىزنى ۋە تەلەپ-پىكرىڭىزنى ئوبدانراق يېزىپ ئورگان تەرەپكە ئىنكاس قىلىڭ.

    • راخمان | 04:18 | 2012.08.14 جاۋاب

      پائالىيەتنى كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تورىدا قىلىۋاتسا، ماۋۇ بالا ماۋۇ يەردە قاقشاپ كېتىپتۇ :lol: .
      ئەلشاتكامنىڭ بلوگگېرلارغا قىلغان تۆھپىسى بار خىلى بار. مەن سىزگە كەم دىگەندە 10 بىلەت تاشلايمەن.

  • قەقنۇس | 15:41 | 2012.08.10 جاۋاب

    مىنىڭچە بۇ قىتمىقى پائالىيەت ئادىل بولىدۇ :razz:

  • ئەلگە نەپ | 02:29 | 2012.08.11 جاۋاب

    :sad:

  • ئىزتىل | 04:26 | 2012.08.11 جاۋاب

    ئىزتىل بلوگى بۇيىلىقى پائالىيەتتە ئۇيغۇربەگ بىلوگىنىڭ يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى تىلەيدۇ ھەم قاتتىق قوللايدۇ .

  • ھەزرەت | 08:12 | 2012.08.11 جاۋاب

    باش ئاغرىقى يەنە كىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇدە … :sad:

  • تۇران تېكىن | 03:39 | 2012.08.12 جاۋاب

    ئۇيغۇر بەگ تۇرايىنىڭ بۇ يىلمۇ 10 چوڭ بلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىغا تىلەكداشمىز!

  • راخمان | 04:16 | 2012.08.14 جاۋاب

    مىنىڭ بوۋاق بلوگىممۇ كىرىپ قالسا ھە :idea:

  • ????????? | 07:52 | 2012.08.17 جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ بىلوگىنى قاتتىق قوللايمىز :mrgreen:

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif