[تەرجىمە ئەسەرلىرىمدىن] ئەمدى سەن ئۆلىسەن لىۋىيەلىك ئۆسمۈر
-
سەھىپە:ئىجادىيەتلىرىم
باھا:5 دانە
09-10-2011
يېقىندىن بۇيان لىۋىيە ۋەزىيىتى دۇنيانىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. بىزمۇ تېلىۋىزوردىن، توردىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ئۇرۇشدىن خالىي ياشاۋاتقان بىزلەر ئۇرۇشنىڭ ئازابىنى بىلمىگەچ كازافىنى ياكى تىللاپ ياكى ماختاپ تۇرىمىزيۇ، ئاشۇ كۈرەشچى ئايروپىلانلار بېشىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە قورقۇپ ئاكىلىرىنىڭ چاپىنىغا تىقىلىۋالغان كىچىك سەبىي قىزلارنى ئىسىمىزگە ئالالمايمىز؛ يېقىنلىرى ئاشۇ قوپال مىتاللاردىن تەركىپ تاپقان تانكىلاردىن ئۇچقان زەمبىرەك ئوقلىرىدا ئۆلگەندە قورقۇشتىن ئەمەس، نەپرەتتىن يېغلىشىۋاتقان گۆدەك ئوغۇللارنى ھەم كۆز ئالدىمىزغا ئەپ كېلەلمەيمىز.
شۇنداق، ئاشۇ دۆلەتتە،لىۋىيە دېگەن كىچىك بىر دۆلەتتە جەڭ بولىۋاتىدۇ، جەڭنى چوڭاملار قىلىۋاتىدۇ، كىچىكلەر دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. يېقىندا بىر تۈرك تورداشنىڭ باھانىسىدە ئەسلىي تۈركچە يېزىلغان مەزكۇر كىچىك نەسىر(يازما)نى ئۇچرىتىپ قالدىم،شۇ ھامان قەلبىم باشقىچە بىر ئازابقا تولدى-يۇ، بۇ نەسىرنى تەرجىمە قىلىش يادىمغا كېچىپ، تۈركچىدىن، خەنچە،ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. مانا، ئەمدى بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا…
ئەمدى سەن ئۆلىسەن لىۋىيەلىك ئۆسمۈر
ئەمدى سەن ئۆلىسەن لىۋىيەلىك ئۆسمۈر
سەندىن ئون يىل بۇرۇن ئۆلگەن ئىدى ئىراقلىق ئۆسمۈر،
سەندىن قىرىق يىل بۇرۇن ۋېيتنامدا كۈلگە ئايلاندى بىر ئۆسمۈر،
سەندىن ئاتمىش ئالتە يىل بۇرۇن خروشىمادا كەمپۈت يىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمىدى بىر ئۆسمۈر
سەندىن توقسان يىل بۇرۇن ئۆلدى ئاناتولىيەدىكى بۆشۈكىدە بىر بوۋاق
ئەمدى سەن ئۆلىسەن لىۋىيەلىك ئۆسمۈر
تېخى ھېيتلىق ئېلىپ باقمىغان بولساڭمۇ، لىۋىيەلىك ئۆسمۈر…
”Şimdi sen ölüyorsun Libyalı çoçuk.
Senden on sene önce öldü Iraklı çoçuk.
Senden kırk sene önce Vietnam’da yandı bir çoçuk.
Senden altmış altı sene önce Hiroşima’da şeker yiyemeden öldü bir çoçuk.
Senden doksan sene önce öldü Anadolu’da beşikte bir çoçuk.
Şimdi sen ölüyorsun Libyalı çoçuk.
Keşke parayı hiç bulmasaydı Libyalı çoçuk…“
你现在要死了,利比亚的孩子
比你早在十年前,伊拉克的孩子们也遭受过同样的命运
比你早在四十年前,越南的孩子被烧毁了的
比你早在六十六年前,在广岛还没来得及吃一下糖的孩子死在了那里
比你早在九十年前,安纳托利亚的孩子死在他的儿童摇床上
现在,轮到你了,利比亚的孩子
我知道,利比亚的孩子,你虽然从来没有领过什么压岁钱…
Libyan kid now you are dying…
Iraqian kid died before you, ten years ago.
A kid was burned before you, in Vietnam, forty years ago.
A kid died before he could eat some candy, in Hiroshima sixty years ago.
A kid died before you in Anatolia inside his cradle ninty years ago.
Libyan kid now you are dying…
I wish Lydian kid had never invented money…