[بلوگگېرلار چايخانىسى]ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت (2)
-
سەھىپە:بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
باھا:24 دانە
10-02-2012
خوش، ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «[بلوگگېرلار چايخانىسى]ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت (1)»دە ئېيتقاندەك بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈردۈق، تالاپەت ھەقىقەتەن ئېغىر بولدى. يەنە بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقتىن ئامان قېلىش ئۈچۈن، بوشلۇق ۋە سانداننى ئالماشتۇردۇق. بۇ يازمىمىزدا بۇ قېتىملىق ئاپەتتىن كېيىن كەمىنىنىڭ يەكۈنلەپ چىقارغان ئۈچ مۇھىم نۇقتىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ھەر قايسى بلوگگېرلار جىددىي قۇلاق سالغايسىزلەر!
1. ئالغان بوشلىقىڭىز «ئەركەك»مۇ «چىشى»مۇ؟
مېنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئالغان بوشلۇقۇم «چىشى» چىقىپ قالدى، بۇ قېتىم يېڭىدىن «ئەركەك»بوشلۇق ئالدىم. تەۋسىيە «ئەركەك» بوشلۇق ئېلىڭ.
خوش، قانداق بوشلۇقلار «ئەركەك» بوشلۇقلار؟
1) ناۋادا سىز بلوگىڭىزنى WordPress ئارقىلىق قۇرغان بولسىڭىز، Linux مۇھىتىدىكى بوشلۇق ئەركەك، Windows مۇھىتىدىكى بلوگ چىشى. چۈنكى WordPress دېگەن بۇ سېستىما Linux مۇھىتىدا ئالامەت پەيزى ئىشلەيدىكەن.
2) بوشلۇقىڭىزنىڭ قەرەللىك زاپاسلاش مۇلازىمىتى بارمۇ يوق، ناۋادا قەرەللىك زاپاسلاش مۇلازىمىتى بولسا بوشلۇقىڭىز ئەركەك، بولمىسا چىشى.
3) بوشلۇقنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى قانداق؟ بوشلۇق ۋە ياكى سانداندىن كاشىلا كۆرۈلسە، ئۇلار شۇ ھامان ئوڭشاپ بېرەمدۇ؟ ناۋادا سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ناچار بولسا بۇ بوشلۇق چىشى، ياخشى بولسا ئەركەك. ئەركەك-چىشى ئىكەنلىكىنى قانداق ئايرىيسىز؟ ئەڭ ئاددىيسى، ئۇ ئاداش توردا دائىم بارمۇ-يوق؟ ئوخشاش مەسىلىنى ئۈچ قېتىم سورىسىڭىز تېرىكمەي چۈشەندۈرۈپ بەرسە ئۇ ئەركەككەن!
ئەركەك بوشلۇق ئالغان بولسىڭىز، مۇبارەك بولسۇن! تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنى كۆرمەيلا ئىنكاس يېزىۋەتسىڭىز بولىدۇ. چىشى بوشلۇق ئالغانلار يازمىنىڭ داۋامىغا نەزەر سالغايسىزلەر!
2. خوش، بوشلۇقۇم «چىشى» چىقىپ قالدى، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
سىزمۇ مەندەك «ئەرزان» بوشلۇق ئىزدەپ، «چىشى»بوشلۇق ئېلىپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ خوش، تەقدىرگە تەن بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ «ئەركەك»لىكىنى نامايان قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا زاپاسلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. زاپاسلاش ئىككى جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىككىنچى قەدەم FTP ئارقىلىق زاپاسلاش، بىرىنچى قەدەم سانداننى زاپاسلاش.
ئاۋۋال، ئىككىنچى قەدەمنى بېسىپ ئۆتەيلى.
1) FTP قوراللىرى ئارقىلىق بوشلۇقىڭىزنىڭ FTP قىسمىغا ئاتلىنىڭ.
2) ئاندىن، wp-content دېگەن بۇ فولدېر(ياكى ھۆججەت قىسقۇچ)نى كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈۋېلىڭ.
3) تامام، كېيىن بلوگدىن چاتاق چىققاندا، ئاۋۋال مۇشۇ فولدېرنى بوشلۇققا يوللاپ، ئاندىن WordPressنى قايتىدىن قاچىلاش مەشخۇلاتىنى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى بىرىنچى قەدەمگە مەرھەمەت!
1) phpMyAdmin مەركىزىگە ئاتلىنىڭ.
2) ئاندىن ئېكىسپورتلاش(导出)نى بېسىڭ.
3) ئاندىن 导出方式دىن مۇۋاپىق قارىغىنىڭىزنى تاللاپ، ئىجرا قىلىڭ.
4) سىزگە كېڭەيتىلگەن نامى .sql دېگەن بىر ھۆججەتنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئۇنى ياخشى ساقلاڭ.
5) ناۋادا، پاجىئە يۈز بېرىپ، ساندانىڭىزنى يوقاتسىڭىز ئىككىنچى قەدەمنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن، يۇقارقى رەسىمنىڭ يېنىدىكى ئىمپورتلاش(导入)نى بېسىپ، ئالدىدا ئېكىسپورتلىغان ھۆججەتنى كىرگۈزۈپ سانداننى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ.
ئەلۋەتتە، سانداننى بۇنىڭدىنمۇ قولاي باشقۇرىدىغان باشقا بىر قولاي قىستۇرمىلار بار، بىرى تور تۇرايىمىزدا بۇرۇن يوللانغان «ھەزرىتىم،WordPress بلوگىڭىزنى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرامسىز؟»دېگەن يازمىدا، يەنە بىرى كۆككەپتەر ئاغىمىزنىڭ «كۆك كەپتەرنىڭ WordPressنى ئاپتوماتىك زاپاسلاش ھۈنىرى» ناملىق يازمىسىدا تىلغا ئېلىنغان، ۋەھشىي دىققەت قىلغايسىز! قالغىنىنى شۇ يازمىدا تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
3. RSS ئادرېسىڭىز مۇقىم بولسۇن!
RSSنىڭ قانداق نېمە ئىكەنلىكىنى ئاۋۋال خالاستان بلوگىدا ئېلان قىلىنغان تۆۋەنىكى يازمىغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ. مەنزىل:
بۇ قېتىم ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ يازمىلىرىنى قۇتبىلىك ئاغامنىڭ GOOGLE READERسىدىكى ئاتوم تەرمەچلىرىدىن تېپىپ چىقتۇق. نورمالدا، بلوگىڭىزنىڭ يازما-ئىنكاسلىرىنى GOOGLE READERدەك ياخشى قوراللارغا مۇشتەرى قىلىپ قويۇڭ. نورمالدا، باشقا سەۋەب بولمىسا بلوگىڭىزنىڭ RSS