[بلوگگېرلار چايخانىسى]ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت (1)
-
سەھىپە:بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
باھا:20 دانە
10-02-2012
شۇنداق قىلىپ، بىر ئايغا يېقىن سۇزۇلغان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ يازمىلىرى 90% ئەسلىگە كەلدى، بىر يىللىق ئىنكاسلار، بەتلەر بولسا بۇ قېتىملىق «تەبىئىي ئاپەت»تە «قازا قىلىش»تى. كونىلار توغرا ئېيتقان، «تۇرغان جايىڭدىن دەس تۇر»، دەس تۇردۇم، ھەمدە بۇ قېتىملىق ئىشتىن بىر خۇلاسە چىقىرىپ، ھەرقايسى كونا-يېڭى بلوگگېرلارغا بىر قېتىملىق مۇھىم دەرس «ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت»نى يېزىپ چىقتىم. بلوگگېرلارنىڭ بۇ دەرسكە سەل قارىماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۆتۈنىمەن!…
1. تۇرايىمىزدىكى ئاپەتنىڭ كېلىپ چىقىشى
خوش، دەرسىمىزنىڭ بېشىدا تۇرايىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى.
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى تۇيۇقسىز ئېچىلمىدى، ئەكسىچە قايتا قاچىلاش ئەسكەرتمىسى چىقتى.
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، چۈش بولغۇچە بۇ ئەسكەرتىش ھېچ ئۆزگەرمىدى، شۇ ھامان مەن قايتا قاچىلاش مەشخۇلاتىنى ئېلىپ باردىم، ئەمما ساندان ھەققىدە نامەلۇم ئۇچۇرنى بەردى. مەن قايتا-قايتا يېڭىلاش ئىشىنى ئېلىپ باردىم، قارىۋىدىم، ساندان قۇرۇق دېگەن مەلۇماتلار كەلدى.
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى مەكتەپكە قايتتىم.
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، بلوگنى قۇتقۇزۇش بىلەن ھەپىلىشىپ بارلىق گۇمپىلارنى ئىشلەتتىم، ئاخىرى بولماي كۆككەپتەر بلوگىدىن كۆككەپتەر ئاغامنى ياردەمگە چاقىردىم، ئۇ ئاغام ساندانغا كىرىپلا «ساندان ئۇچۇرى يوقكەن، زاپاسلىغان سانداننى ئەۋەتىڭ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرەي» دېدى، ئەپسۇس، مەن ئەزەلدىن سانداننى زاپاسلاپ ماڭمىغان ئېدىم، ئاغام مېنى تىللاشقا باشلىدى، «قانداق بلوگگېر ھوي سەن ؟» دېدى ئۇ مېنىڭ سانداننى زاپاسلىمىغىمنى ئاڭلاپ. شۇ ھامان بوشلۇق ساتقان شىركەتلەر بىلەن ئالاقە قىلدىم. ئۇلارمۇ ساندان زاپاسلىماپتۇ. سۈرۈشتە قىلىۋىدىم، ساندان نامەلۇم بىر خىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاچ، ساندان ئۇچۇرلىرى يوقاپ كېتىپتۇ.
2. ئاپەتدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى
شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئاپەتتە ئېغىر يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدىم، ھېچقانداق ساندان يوق، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇشۇ باھانىدە بىراقلا يوقاپ كېتەيمۇ يا؟ ماڭا ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى يېتىپ ئاشىدۇ دەپ ئويلىدىم، ئەمما، نۇرغۇن تۇنۇش بلوگگېرلار مېنى قايتىدىن، يېڭىدىن باشلاشنى تەۋسىيە قىلدى، مەن بولسام يېڭىدىن باشلاشنى زادى خالىمايتىم. يەنىلا بىرلەشكەن بلوگلار تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ يول كۆرسۈتۈشى بىلەن يول ئېچىلدى.
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، باشقا ئامال چارەلەرنى ئىزدىدىم، كۆككەپتەر ئاغام، تەدبىركار(تورخۇمار، تەدبىركار بلوگىنىڭ ئاپتورى)ئاغام باشقىچە چىقىش يولى، يەنى RSS ئارقىلىق يازمىلارنى تېپىش يولىنى كۆرسەتتى. شۇ ھامان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى RSS مەنبەلىرىنى ئىزدىدۇق، بىرىدە 2010-يىلى 3-ئايغىچە يازمىلار بارتى. ئەمما، بۇنداق بولغاندا تۇرايىمىزدىكى مۇھىم يازمىلار قازا بولاتتى. يەنە ئىزدىدۇق، ئاخىرى قۇتبىلىك بلوگىنىڭ ئاپتورى قۇتبىلىك ئەپەندىمدە مۇشۇ يىلنىڭ بېشىغىچە بولغاچ يازمىلارنىڭ Atom تەرمەچلىرى تېپىلدى. شۇ ئارىلىقتا، بوشلۇق ساتقانلار 2 ئاينىڭ ئالدىدىكى سانداننى بەردى.
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، سانداننى قانداق قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە ئىزدەندىم، جۇڭگۇ ۋە چەتئەل بېكەتلىرىگىچە باردىم، ئامال بولمىدى، چۈنكى بۇ خىل سانداننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە WordPress سېستىمىسىدا كەمچىللىك بارلىقى ئېنىقلاندى.
سۆرەتتە : ئۇيغۇربەگنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ WordPress ئىنگىلىزچە مۇنبىرىدە يوللىغان تېمىسى
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، باشقا ئۇسۇل تېپىلماي قۇتبىلىك ئەپەندىنىڭ تەرمەچلىرىنىڭ مۇرشىدى ئەپەندىم ئەۋەتكەن HTML نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ، يازمىلارنى بىردىن-بىردىن يوللاپ ئاخىرى بۈگۈن سەھەردە 90% تۇلۇقلىنىپ بولدى، 10% يازمىلار، بەتلەر، ھەمدە ئىنكاسلار بۇ قېتىملىق ئاپەتتە قازا تاپتى.
سۆرەتتە : بىرلەشكەن بلوگلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى تەدبىركار ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرايىمىزدىن ئەھۋال سوراپ كەلدى
يازمىنىڭ داۋامى، يەنى باشقا ئىشلار ئەتە يېڭى يازما ھالىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ…