WordPressدە EOT تونۇتۇش (1) : تەييارلانغان EOT ھۆججىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش
-
سەھىپە:WP دەرسلىگى
باھا:6 دانە
09-02-2012
ئالدىنقى يازمىمىزدا EOT ھۆججىتىنى قانداق تەييارلاشنى سۆزلەپ ئۆتكەن بولساق، بۇ يازمىمىزدا ئەمدى شۇ تەييارلانغان EOT ھۆججىتىنى بوشلۇققا يوللاپ، بلوگنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. يازمىنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز!
قەدەم-باسقۇچلار
1. ئاۋۋال تەييارلانغان EOT ھۆججىتىنى بلوگنىڭ باش مۇندەرىجىسىگە قۇيۇڭ (يەنى، بوشلۇقىڭىزدىكى بلوگ قاچىلانغان باش مۇندەرىجىگە يوللاڭ). شۇنداق بولغاندا، سىزنىڭ EOT ھۆججىتىڭىزنىڭ جاھاننامىدىكى ئادرىسى مۇنداق بولىدۇ:
http://www.xxxx.xx/adasasd.eot
بۇنىڭدا xxxx.xx سىزنىڭ تور ئادرىسىڭىز، adasasd.eot بولسا EOT ھۆججىتىڭىزنىڭ ئىسمى.
2.ئاندىن بلوگغا ئىشلەتكەن ئۇسلۇبنىڭ پاسون ھۆججىتى(يەنى style.css)نى خالىغان تەھرىرلىگۈچدە ئېچىڭ. بۇ ھۆججەتنىڭ بوشلۇقتىكى ئادرىسى:
wp-content/themes/uslubigiz/
3.ئەمدى بۇ يەرنى چىكىپ ، EOT تۇنۇتۇش كودىنى چۈشۈرۈڭ ھەمدە مەزكۇر كودنى پاسون ھۆججىتى(يەنى style.css)نىڭ ئەڭ ئۈستىگە قويۇڭ.
كود ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە
@font-face {
font-family:Alpida Unicode System;
font-style: normal;
font-weight: normal;
src: url(eotadresigiz.eot);
"TrueType" );
}
يۇقارقى كود بولسا، دەل بىز ئېيتىپ يۈرگەن EOT تۇنۇتۇش كودىنىڭ ئۆزى. بۇ كودتىكىfont-family:Alpida Unicode System;دېگەن قۇر بولسا، سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئىشلىتىلگەن شۇنداقلا EOT ھۆججىتىنى ياسىغان خەت نۇسخىسىنىڭ نامى. ناۋادا، سىز بلوگىڭىزدا قايسى خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلمىسىڭىز ئۇسلۇبنىڭ پاسون ھۆججىتى(يەنى style.css)نى خالىغان تەھرىرلىگۈچدە ئېچىپ، bodyدېگەن جاينى تاپسىڭىز خەت نۇسخىسىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن.مەسىلەن:
EOT ھۆججىتىگە ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسى بىلەن بلوگىڭىزدا ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسى چوقۇم ئوخشاش بۇلىشى كېرەك، بولمىسا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولماي قالىدۇ.
src: url(eotadresigiz.eot); بۇ قۇردىكى eotadresigiz.eot بولسا سىزنىڭ بوشلۇققا يوللىغان EOT ھۆججىتىڭىزنىڭ جاھاننامىدىكى ئادرىسى، بۇنى چۇقۇم توغرا تولدۇرۇڭ.
بۇ مەشخۇلاتلارنى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن، پاسون ھۆججىتىنى يېڭىلاڭ، ئاندىن بلوگىڭىزنى قوزغۇتۇپ سىناپ كۆرۈڭ، بلوگىڭىز ئۇيغۇرچە نورمال تونىدىمۇ يوق. ناۋادا، بۇ جەرياندا ئۇچرىغان قېيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىڭىز بولسا، تارتىنماي ئىنكاس يېزىڭ، كەمىنە خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلغۇسىمەن.
( مىسال كوددا خاتالىق بار، پەقەت چۈشەندۈرۈشكىلا ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا بۇ كودنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ)