ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

بىرما كومىتېت قۇرۇپ جۇڭگونىڭ چېگرا ئاھالىسىنىڭ قازا قىلىش يارىلىنىش ۋەقەسىنى تەكشۈرىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 18- كۈنى 08:40   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    مالايسىيانىڭ كاۋېيدا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىرمىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋايلون تۈنۈگۈن: بىرما ھۆكۈمىتى بىرما ھەربىي ئايروپىلانى تاشلىغان بومبىدا جۇڭگونىڭ چېگرا ئاھالىسىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇۋاتىدۇ دېدى.

    يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، ۋايلون جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بىرما دائىرىلىرى ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە بۇ ۋەقەنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىرما بىلەن جۇڭگو ئۇزۇندىن بۇيان ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بىرما چېگرا رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى دىپلوماتىك ئۇسۇل ئارقىلىق پەسەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە