گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› بەرگەندە، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئالاھىدە توختالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىغا ئاقتۇ ناھىيەسىدىن داۋالانغىلى كەلگەن تەلئەت مەھمۇد مۇنداق دېدى: يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر، بازار ئاھالىسى ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۆلچىمىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگىنى بىزنى بەك خۇش قىلدى، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلھام غوپۇر مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا گوۋۇيۈەن ‹‹ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قارار››نى ئېلان قىلىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ‹‹قوش لىنىيەلىك تۈزۈم›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر، بازار ئاھالىسى ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈزۈمنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، بىرلىككە كەلگەن شەھەر، يېزا ئاھالىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا ئىلگىرىكى يېزا بىلەن شەھەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمىدە سىياسەت بىردەك بولماسلىق، تۈزۈم مۇكەممەل بولماسلىقتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىندى. مەسىلەن، ئىلگىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا ئۆلچەم ئوخشاش بولماسلىق، ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى تاللاش ئىمكانىيىتى ئاز بولۇش، دەپنە ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئورنىتىلماسلىق، بېجىرگۈچى ئورۇنلارنى باشقۇرۇش چېچىلاڭغۇ بولۇشتەك مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىدى. ھازىر ئۆلچەم بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشنىڭ يېتەرسىز بولۇشى سەۋەبىدىن، شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك كۈچى ۋە نوپۇس يۆتكىلىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىش ۋەزىيىتىگە ماسلىشالماسلىقتەك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى؛ ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى تاللاش ئىمكانىيىتى كۆپەيتىلىپ، ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەسلىدىكى ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى 100 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە بولغان ئون دەرىجىدە ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا، يېڭىدىن يەنە تۆت دەرىجىدە قوشۇلدى، بۇ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتىنى كۆپەيتتى؛ دەپنە ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى قازا قىلسا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى بويىچە تۆت ئايلىق دەپنە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى