ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەدەبىي مۇھاكىمە

ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىدۇ؟

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 11- كۈنى 04:31   |    ئاپتور : سۈي جىفاڭ  |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    

    جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013 – يىلى جۇڭگودىكى ياش، ئۆسمۈر تور ئابۇنىچىسى 256 مىليونغا يېتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ %8 71.ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، %38.3 ىنى ئىگىلىگەن. ھازىر ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ توردىن توغرا پايدىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى.

    نەتىجە ئانالىزى:

    .1 ئىلگىرى تور ئىشلىتىپ باققان ئوقۇغۇچى%99نى، دائىم تورغا چىقىدىغان ئوقۇغۇچى%56.1نى ئىگىلىگەن.

    .2 %60كە يېقىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا پىششىق بولۇپ، ئوغۇللار، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن.

    .3 ئۈستەل كومپيۇتېرى ياكى خاتىرە كومپيۇتېر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تورغا چىقىدىغان ئاساسلىق قورالى بولۇپ قالغان، يان تېلېفون بولسا تورغا چىقىشتىكى ئىككىنچى ۋاسىتىگە ئايلانغان.

    .4 ناخشا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، ماتېرىيال ئىزدەش، پاراڭلىشىش ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تور مەشغۇلاتى بولۇپ قالغان.

    .5 تورغا خۇمار بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ئوغۇللار كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن.

    .6 تورغا خۇمار بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن، تورغا چىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، تور ئويۇنلىرىغا بەكرەك خۇمار بولغان.

    .7 ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى تورخۇمار بالىلار توپىنىڭ ‹‹ئىجتىمائىيلىق كەيپىياتنى تەڭشەش›› مەقسىتى تورغا خۇمار بولمىغان بالىلار توپىنىڭكىدىن كۈچلۈك بولغان.

    .8 ‹‹ئىجتىمائىيلىق كەيپىياتنى تەڭشەش›› مەقسىتى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تورغا خۇمار قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىلغا ئايلانغان، ئەكسىچە ‹‹قورال ئۇچۇرغا ئېرىشىش›› مەقسىتى بولسا تورغا خۇمار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئامىل بولغان.

    تەكلىپ:

    بۇ تەكشۈرۈش پىسخىكا، دىنامىكا نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تورغا چىقىشتىكى مەقسىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ تورغا خۇمار بولۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورغا چىقىش مەقسىتىنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىدى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردىن توغرا پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، تورغا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى بەردى:

    .1 ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توردىن توغرا پايدىلىنىشقا يېتەكلەش، تورنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش.

    بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە كومپيۇتېر مەشغۇلاتى ۋە توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىش ھەركىم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىقتىدار. ئومۇمىي گەۋدىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، توردىن پايدىلىنىشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئاكتىپ رولى كۈچلۈك بولىدۇ. تورنىڭ ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا – ئانىلارغا ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام تورغا چىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ تورغا چىققاندا ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتىدۇ.

    .2 ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تورنىڭ رولىنى توغرا تونۇپ، تورنىڭ قوراللىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش، ھېسسىيات جەھەتتىكى يۆلەنچۈك قىلىۋېلىشنى تۈگىتىش.

    ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردىن تەسەللىي تېپىشى ۋە دوست ئىزدىشى، ھېسسىيات جەھەتتە ئورتاقلىشىشقا ئىنتىلىشى كۈچەيگەنسېرى تورغا ھەددىدىن زىيادە يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەكسىچە تورنىڭ قوراللىق رولىغا ئەھمىيەت بەرگەندە، تورنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تورنى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش قورالى دەپ تونۇشقا يېتەكلەپ، ھېسسىيات جەھەتتىكى ئالاقىچىلىك رولىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، ئۇلارنىڭ تورنى روھىي يۆلەنچۈك قىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

    .3 ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تور مەشغۇلاتىغا دىققەت قىلىش، ئۇلارنى سەرخىل تور بىلىملىرى ۋە مول ئۆگىنىش مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەش.

    تەكشۈرۈشتىن مەلۇمكى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تور مەشغۇلاتى ئاساسلىقى كۆڭۈل ئېچىش، ئىجتىمائىي ئالاقە، ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى ئاساس قىلىدۇ. گەرچە كىنو كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش، ھەرخىل تور ئويۇنلىرىنى ئويناش قاتارلىقلار تور دۇنياسىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش تۈرىگە تەۋە بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان تەسىرى باشقىچە بولىدۇ. يەنى كىنو كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش تورغا چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىرقەدەر ئومۇملاشقان، تور ئويۇنىنى بولسا تورغا خۇمار بولغان بالىلار كۆپرەك ئوينايدىغان بولۇپ، تور ئويۇنى بالىلارنى تورغا خۇمار قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ توردىن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى بىلەن تەمىنلىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، مائارىپ ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تور بىلىملىرىگە بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇلارغا باب كېلىدىغان توردا ئۆگىنىش مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلىشى، بولۇپمۇ ئۆگىنىش مەنبەسىنىڭ قىزىقارلىقلىقى ۋە قوزغىتىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردىن ئۈنۈملۈك، ساغلام پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    .4 توردىن پايدىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىنىس پەرقىگە ئاساسەن قاراتمىلىق يېتەكلەش.

    تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردىن پايدىلىنىشىدا ئوغۇل – قىزلارنىڭ نىسبىتىدە روشەن پەرق مەۋجۇت. مەسىلەن: ئوخشاش بىر تور ئالاقىسىدە ئوغۇللار ئادەتتە پاراڭلىشىش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق ۋاقىتچانلىقى، قوزغىتىشچانلىقى كۈچلۈك مەشغۇلاتلارنى تاللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردىن دوست، لايىق ئىزدەش مۇددىئاسىمۇ قىزلارنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. قىزلار بولسا QQ بوشلۇقىنى، مۇنازىرە مۇنبىرىنى، بىلوگ قاتارلىق قوبۇلچان، بەھرىلىنىشچان، جىددىي بولمىغان مەشغۇلاتلارنى تاللايدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردىن پايدىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا، قىز – ئوغۇللارغا ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولۇش، ھەر قايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئەكس تەسىر بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم. مەسىلەن: ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتچانلىقىنى ۋە ئىقتىدارىنى ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىيىتىگە پايدىلىق بولغان تور پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ.

    .5 ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەمەلىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، تۇرمۇش بىلىمىنى موللاشتۇرۇپ، رېئال تۇرمۇشتىن خۇشاللىق ئىزدەشكە دەۋەت قىلىش.

    ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياشلىق باھارىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغاچقا، بۇ مەزگىلدە فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىك جەھەتتىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەرخىل ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىپ بارىدۇ، ئېتىراپ قىلىنىشقا، دوست تارتىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەشكە، جەمئىيەت بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. تور دۇنياسىنىڭ جانلىقلىقى، قولايلىقلىقى، رەڭدارلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئېھتىياجىغا ناھايىتى ماسلاشقانلىقتىن، ئۇلارنىڭ تورغا تايىنىۋېلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئائىلە، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ مول تۇرمۇش پائالىيەتلىرى ۋە ئەمەلىي چېنىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى، يەنە رېئال تۇرمۇشتىن، ئۆگىنىش مۇھىتىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرۇشى لازىم.

    ياسىن مەتنىياز (ت) 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە